UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]


ئىبرانىي تىلى\ئىبرانىيچە

يەھۇدىلەر، يەھۇدىيلىك، مەزھەبلەر

يەھۇدىي ئەلىڧبەسى

دىنىي مەتىنلەر

يەھۇدىي ڧەلسەڧەسى

مۇقەددەس شەھەرلەر

رايون ئوتتۇرا شەرق

يەھۇدى دىنى ياكى يەھۇدىيلىك (خەنزۇچە: 犹太教، ئەرەبچە: اليهودية yahūdī، ئىبرانىچە: ייִדישקײט yəhūdī، لاتىنچە: Iudaismus ) — ئاساسان، يەھۇدىيلەر ئوتتۇرسىدا تارقالغان ئەڭ قەدىمىي دىنلاردىن بىرى. م.ب. بىرنىچى مىڭ يىلنىڭ باشلىرىدا قۇددۇس (فەلەستىن)دە ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئەرەبىستان ياكى ئۇنىڭ شىمالىدىكى كۆچمەن ياھۇدىي قابىلەلەرى م.ب. 13-ئەسردە فەلەستىننى بېسىپ ئالدىلەر ۋە م.ب. 10-ئەسردە ئىسرائىل — ياھۇدىيە دەۋلەتىنى قۇردى. ئەنە شۇ قەبىلەلەرنىڭ دىنىي ئۆرف-ئادەتلەرى ۋە فەلەستىن خەلقىنىڭ ئايرىم ئېتىقادلىرىنى ئۆزىدە مۇجەسساملەشتۈرگەن. نامى ياھۇدا (Iuda) قەبىلەسىنىڭ نامىدىن ئېلىنغان.

تۇنجى بولۇپ ئىبرانىيلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابى بىلەن كەلگەن، كېيىنچە تالمۇدتا ۋە باشقا مۇقەددەس مەتىنلەردە تېخىمۇ كۆلەملىك بىر شەكىلدە ئىنچىكە ئىزاھلانغان دىنى، پەلسەپىي ۋە ھايات تەرزىگە مۇناسىبەتلىك تەرتىبلەرنىڭ تامامىغا بېرىلگەن ئىسىم. مۇسەۋىيلىك، دىندار مۇسەۋىيلەرگە كۆرە، بەنى ئسرائىل (كېيىنچە يەھۇدى خەلقى) بىلەن تەڭرى ئارىسىدىكى ئەھدكە تايانغان مۇناسىبەتنىڭ زاھىرىي شەكلىدۇر. تۇنجى بىر تەڭرىلىك دىن ياكى دىنلاردىن بىرى شەكلىدە قەبۇل قىلىنماقتا ۋە كۈنىمىزدىمۇ مەۋجۇد ئەك ئەسكى\كۆھنە دىن ئەنئەنىلەر ئارىسىدا يەر ئالماقتا. تارىخى، پرىنسىپلىرى ۋە ئەخلاقى بىلەن خرىستىيانلىق ۋە ئىسلام بىلەن بىرگە بەئزى ئىبراھىمىي بولمىغان دىنلەرگىمۇ تەئسىر كۆرسەتكەن مۇسەۋىيلىكنىڭ دىنىي مەتىنلىرى ۋە ئەنئەنىلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى باشقا ئىبراھىمىي دىنلارنىڭمۇ مەركىزىدە يەر ئالماقتا. غەرب خرىستىيانلىقىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان مۇسەۋىيلىك، نۇرغۇن تەرىپى بىلەن دىندىن ئايرىلغان غەرب قەۋملىرى بولمىش ئەخلاق ۋە مەدەنىي ھۇقۇق بىلەنمۇ ئۇخشاشلىقى باردۇر.

توغۇلۇشتىنلا بۇ يەھۇدي قەۋمىگە مەنسۇب بولغان ياكى كېيىنچە بۇ دىنغا كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە يەھۇدىي دېيىلىدۇ.