پارامىتا (مېۋە)
پارامىتا (باشقىچە نامى: نان دەرىخى؛ ئېنگلىزچە:Jackfruit ؛ ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنچە: 菠萝蜜) جەنۇبى ھىندىستان، سىرلانكا، ۋە ھىندونېزىيە، فىلىپىن، مالايسىيەنىڭ يامغۇرلۇق ئورمانلىقدا ئۆسىدىغان غوللۇق ئۆسۈملۈكنىڭ قاتتىق مىخلىق شاكاللىق مېۋىسىدۇر. پارامىتا ئادەتتە تروپىك بەلۋاغ رايونىدا ئۆسىدۇ. پارامىتا ئادەتتە مېۋە سۈپىتىدە ئىستىمال قىلىنغاندىن باشقا يەنە، جەنۇبى ئاسىيا، شەرقى جەنۇبى ئاسىيادا تاماققا ئىشلىتىلدۇ. پارامىتا سىرلانكا ۋە بېنگالنىڭ دۆلەت مېۋىسىدۇر.