پارتىيە مەلۇم سىنىپ، تەبىقە ياكى ئىجتىمائى گۇرۇھنىڭ مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەم شۇ يولدا كۈرەش قىلىدىغان سىياسى تەشكىلات. ئۇ ئىجتىمائى ئىقتىساد ۋە سىنىپىي كۈرەشنىڭ مۇئەييەن تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ مەھسۇلى، شۇنداقلا سىنىپىي كۈرەش ۋە ئىجتىمائى سىياسىي ئىقتىسادى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش قورالى.

خەنزۇچە نامى تەھرىرلەش

  • 政黨

چۈشەنچە تەھرىرلەش

پارتىيە مەلۇم سىنىپ، تەبىقە ياكى ئىجتىمائى گۇرۇھنىڭ مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەم شۇ يولدا كۈرەش قىلىدىغان سىياسى تەشكىلات. ئۇ ئىجتىمائى ئىقتىساد ۋە سىنىپىي كۈرەشنىڭ مۇئەييەن تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ مەھسۇلى، شۇنداقلا سىنىپىي كۈرەش ۋە ئىجتىمائى سىياسىي ئىقتىسادى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش قورالى.

رولى تەھرىرلەش

ئۇ ئۆزى ۋەكىللىك قىلىدىغان سىنىپ، تەبىقە ۋە ئىجتىمائى گورۇھ ئۈچۈن ئوخشاشمىغان دەرىجىدە تەشكىلاتچىلىق، رەھبەرلىك ۋە يادرولۇق رولىنى ئوينايدۇ.

بارلىققا كىلىشى تەھرىرلەش

يېقىنقى زاماندا ئەڭ بالدۇر بارلىققا كەلگەن پارتىيە 17- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرى ئەنگىلىيەدە قۇرۇلغان خۇيگ پارتىيىسى (ئاساسەن بۇرژۇازىيە ۋە يېڭى ئاقسۆڭەكلەر مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلاتتى) ۋە تورى پارتىيىسى (ئاساسەن فيودال ئاقسۆڭەكلەر مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلاتتى) ئىدى. جۇڭگودا بۇرژازىنىيىنىڭ پاتىيە تەشكىل قىلىشى سۈن جوڭسەننىڭ 1894- يىلى جۇڭگونى گۈللەندۈرۈش جەمىيىتىنى قۇرغان ۋاقتىدىن باشلاندى. ماركس بىلەن ئېنگېلس 1847- يىلى لوندوندا قۇرغان كومۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقى پۇرۇلېتارىيات پارتىيىسىنىڭ دەسلەپكى ئۈلگىسى ئىدى. جۇڭگودا پۇرۇلېتارىيات پارتىيىسى – جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسى 1921- يىلى قۇرۇلغان.