پارىژ ساھىلى (Paris-Plages فرانسۇزچە"پاغى پلاژ"دەپ ئوقۇلىدۇ.)

سەينا دەرياسىنى بويلىغان پارىژ ساھىلى

پارىژ ساھىلى پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا چىقارغان بىر ساياھەتچىلىك پىلانى بولۇپ، 2002-يىلىدىن بېرى يولغا قويۇلىۋاتىدۇ. ھەر يىلى يەتتىنچى ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن سەككىزىنچى ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت يولغا قويۇلغان بۇ سۈنئى ساھىل سەينا دەرياسى قىرغىقىنى بويلاپ 3 يېرىم كېلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا قۇرۇلغان.

پارىژ ساھىلىنىڭ قۇرۇلمىسى ھەر يىلى يېڭى بىر تۈستە تۈزۈلىدۇ. ئادەتتە ياغاچ ساھىل، قۇم ساھىل، يېشىل ساھىل ۋە تۇپراق ساھىلى دەپ تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ. پارىژنىڭ ئەڭ گۈزەل مەنزېرە رايونلىرىنى ئايلىنىپ قۇرۇلغان بۇ سۈنئى ساھىل بىر ئاي بويىچە پارىژلىقلار ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە ئارام بېغىشلايدۇ. كۈندۈزلىرى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردا داڭلىق سەنئەتچىلەر، ئۇسسۇلچىلار، ناخشىچىلار بىكارلىق مەخسۇس كونسېرت بېرىدۇ. بارلىق چىقىمنى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالىدۇ. سەھەر سائەت سەككىزدىن كېچە سائەت 12 گىچە ھەقسىز ئېچىۋىتىلىدۇ.

پارىژ ساھىلى مەزگىلىدىن سىرت ۋاقىتلاردا، سەينا دەرياسى قىرغىقىنىڭ ئىككى تەرىپى ئادەتتە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھېساپلىنىدۇ. ساھىل مەزگىلىدە، بارلىق قاتناش ۋاستىلىرى بۇ يولدا مەنئى قىلىنىدۇ. ئاخشاملىرى، ھاۋا بىر ئاز سالقىنلاشقاندا، ھەر ياشتىكى، ھەر تىپتىكى ئادەملەر دالا تامىقى يىگەچ كەچلىك مەنزىرىدىن ھوزۇرلانغىلى كېلىدۇ.

پارىژ ساھىلى رەسمى تور بېتى http://www.paris-plages.fr/