پاشا ئصشان
« شىنجاڭ بۇلبۇلى » _ ئاتاقلىق ناخشىچى پاشا ئىشان 1940 - يىلى 11 - ئايدا غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ دادىسىدىن كىچىك يېتىم قالغاچقا ئاپىسىنىڭ قولىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان. ئاپىسى ناخشا - مۇزىكىغا ھېرىسمەن ئايال بولۇپ، پاشا ئىشاننىڭ ئاتاقلىق ناخشىچى بولۇپ چىقىشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. 1955 - يىلى ئەمدىلا 15 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان سۇمبۇتلىق گۈزەل ئۇيغۇر قىزى پاشا ئىشان پولشانىڭ پەيتەختى ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن، 117 دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىرى ئىشتىراك قىلغان 5 - نۆۋەتلىك دۇنيا ياشلار فېستىۋالىغا قاتنىشىپ، ئىلى خەلق ناخشىلىرى ئۇسلۇبىدا ئىجاد قىلىنغان « ئازاد زامان »، « ئانا ئارزۇسى »، « ۋەتىنىم » قاتارلىق ناخشىلارنى ئورۇنداپ كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىپ، مەملىكەتكە ۋە ۋەتەنگە زور شان - شەرەپ كەلتۈردى. ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن نامى تېخىمۇ چىقىشقا باشلىدى. ھەر قېتىملىق ئويۇندا ئۇ سەھنىگە چىقسىلا تاماشىبىنلارنىڭ گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى توختىمايتتى. 1957 - يىلى ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئويۇن قويۇش ئۆمىكى تەركىبىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق 6 رېسپوبلىكىسىنى ئايلىنىپ ئويۇن قويۇش جەريانىدا ئىلى خەلق ناخشىلىرىدىن « ۋەتىنىم »، « سېغىنىپ كەلدىم »، « يار سېنىڭ دەردىڭ » قاتارلىقلارنى ئورۇنداپ، چەت ئەللىك دوستلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى ھەمدە شۇ يىلى بېيجىڭغا بېرىپ تۇنجى قېتىم ماۋ جۇشىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى. 1961 - يىلى جۇ ئېنلەي زۇڭلىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەر مىللەت سەنئەتكارلىرى بىلەن ھىندونېزىيە، بېرما، نېپال، ئىران قاتارلىق 4 دۆلەتكە زىيارەتكە بېرىپ، « ئازاد زامان »، « مودەنخان »، « سېغىنىپ كەلدىم » قاتارلىق يېقىملىق ناخشىلىرى ئارقىلىق شۇ يەردىكى تاماشىبىنلار ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.
ئۇ ئۆزىنىڭ 50 يىلدىن ئارتۇق سەھنە ھاياتىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، « ئازاد زامان »، « ئەجەم مۇقامى »، « ۋەتەنگە مەدھىيە »،« جانەي »، « يار سېنىڭ دەردىڭ »، « دوستۇمغا »، « گۈلزارەي »، « ئامان بولسۇن »، « قىز قوشىقى »، « تاغ سۇلىرى »، « ئانا مېھرى »، « ھارۋىكەش ناخشىسى »، « بۇلبۇل »، « دەردىڭ يامان » قاتارلىق ئاز بولمىغان ناخشىلارنى ئورۇنداپ، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى سانسىزلىغان خەلققە زور مەنىۋى ئوزۇق بېغىشلىدى. بولۇپمۇ 1980 - يىلىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئاشۇ كۈچلۈك مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆلمەس ناخشىلىرى خەلقىمىز تەرىپىدىن تېخىمۇ ئەتىۋارلىنىپ ۋە قەدىرلىنىپ، سەنئەت غەزىنىسىدىكى قىممەتلىك بايلىق بولۇپ قالدى.