سەنئەت: ‫ئى [ئە] ① ئوبراز يارىتىش ئارقىلىق رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، رېئاللىققا قارىغاندا تىپىك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولغان بىر خىل ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيە. ئۇ ئەدەبىيات، رەسساملىق، نەققاشلىق، بىناكارلىق، مۇزىكا، ئۇسسۇل، تىياتىر، كىنو ۋە ئەلنەغمە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

② ئەمەلىي پەنلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئىش ئۇسلۇبى، سىستېمىسى: ھەربىي سەنئەت، رەھبەرلىك سەنئىتى.

③ كۆچمە. يۈكسەك ماھارەت، ئۇستىلىق: ھۆپىگەرلەرنىڭ خېرىدار چاقىرىپ توۋلاشلىرى، ئاشپەز-ناۋايلارنىڭ مانتا ساناشلىرى، نانلىرىنى ماختاشلىرىمۇ بىر سەنئەت ئىدى.

④ ناخشا-ئۇسسۇل؛ ناخشا-ئۇسسۇل ساھەسى ياكى ئۆمىكى: ئۇ: – ھە، مەن ناخشا ئېيتىشىغا قاراپ سەنئەتتە ئىشلىسە كېرەك دەپ ئويلاپتىمەن، – دېدى;

ئېنگىلىزچە: ‫‫art, artic, techno