پىلوتۇننىڭ تېپىلىشى

پىلوتۇن قانداق بايقالغان؟ پىلوتۇن قۇياش سېستىمىسىدىكى ئەڭ ئاخىرى بايقالغان سەييارە،ئۇنىڭ يورۇقلۇقى ئىنتايىن ئاجىز.پىلوتۇننى ئىزدەشكە ئەڭ كۆپ كۈچ چىقارغان كىشى ئامىرىكا ئاستىرونۇمى روۋىل بۇلۇپ،ئۇ تەپسىلىي ھېسابلاش ئارقىلىق پىلوتۇننىڭ ئورنىنى بېكىتىپ چىققان ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بۇ سەييارىنى 10نەچچە يىل،تاكى ئۆلگەنگە قەدەر توختىماي ئىزدىگەن.كېيىن ئامىرىكىلق تامبوللېي روۋېل قالدۇرۇپ كەتكەن سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ پىلوتۇننى ئاخىرى تاپقان.دېمەك پىلوتۇن ھېساپلاش ئارقىلىق تېپىلغان سەييارە. يەنە ھازىر پىلوتۇن ھازىر قۇياش سېستىمىسىدىكى پىلانىتالار ئارىسىدىن چىقىرىۋېتىلدى.

«ئالەم سىرلىرىدىن 1001 مىسال»دىن ئېلىندى.