ۋىلادىمىر ۋىلادىمىروۋىچ پۇتىن 1952-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ لېنىنگراد شەھىرىدە تۇغۇلغان، رۇسىيە زۇڭتۇڭى، سىياسىيون. ئانىسى مارىيا ئىۋانوۋنا شىلوموۋا زاۋۇت ئىشچىسى، دادىسى ۋىلادىمىر سپىرىدونوۋىچ دېڭىز ئارمىيە فىلوتى خادىمى ئىدى. پۇتىن 1975-يىلى لېنىنگىراد ئۇنىۋېرستىتى (ھازىرقى يېڭى ئىسمى سانكىت پېتربورگ ئۇنىۋېرسىتىتى) خەلقئارا قانۇن كەسپىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن. ئۇ يەنە ئىقتىساد كەسپىدە يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇغان. ئۇ 1975-يىلىدىن بۇيان رۇسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى «ك گ ب»دا ئىشلىگەن. پۇتىن 2000-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە رۇسىيە زۇڭتۇڭى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن، 2000-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا رۇسىيە فېدراتسىيە كومىنستىك پارتىيسى باشلىقى گىننادى زۇگانوۋنى بېسىپ چۈشۈپ، %52.9 لىك ئاۋاز بىلەن زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. زۇگانوۋ بولسا %29.2 ئاۋاز بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. 2004-يىلى ئۆتكۈۈزلگەن سايلامدا بولسا %71 ئاۋاز بىلەن قايتىدىن زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىللەردە رۇسىيە ئىقتىسادى تېز تەرەققى قىلغان، رۇسىيەنىڭ تەرەققىياتى، بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان. مەركىزى ئارمىيەنى كۈچلەندۈرۈپ، ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. ئۇ يەنە 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا %63.3 ئاۋاز بىلەن رۇسىيە فېدراتسىيسىدە 3-قېتىم زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان.

پۇتىن 1990-يىلى لېنىنگراد شەھەرلىك كومىتېتتا مەسلىھەتچى بولغان، 1991-1992-يىللىرىدا مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ۋە شەھەرلىك كومىتېت تاشقى مۇناسىۋەت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان. پۇتىن 1996-يىلىغا قەدەر سانكت پېتىربورگ ھۆكۈمىتىدە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئۆتىگەندىن كېيىن، 1996-يىلى كرېمىل سارىيى مالىيە ئىدارىسى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن ۋە بىر يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1997-1998-يىللىرى دۆلەت زۇڭتۇڭى تەكشۈرۈش ئىدارىسى باشلىقى بولغان.

پۇتىن 1998-1999-يىللىرى رۇسىيە ئىچكى ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقى بولۇش بىلەن بىرگە، رۇسىيە خەۋىپسىزلىك كومىتېتى باش كاتىبى بولغان. پۇتىن 1999-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە مۇئاۋىن زۇڭلى، زۇڭلى ۋەكىلى بولغان، 8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ زۇڭلى بولغان. رۇسىيە زۇڭتۇڭى بورىس يالىستىن 1999-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن ئاساسى قانۇنغا ئاساسەن، ئۈچ ئاي ئىچىدە يېڭى زۇڭتۇڭ سايلاپ چىقىلغانغا قەدەر پۇتىن ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ بولغان. پۇتىن رۇسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %50 ئاۋازغا ئېرىشىپ بىرىنچى نۆۋەتلىك سايلامدا غەلبە قىلىپ زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. 2008-يىلى 7-مايدىكى سايلامدا پۇتىننىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋاقتى توشۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا دىمىترى مىدىۋېدىۋ زۇڭتۇڭ بولغان. پۇتىن بولسا رۇسىيەنىڭ زۇڭلىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. 2012-يىلى 4-مارتتا پۇتىن ئۈچىنچى قېتىم زۇڭتۇڭ بولغان.

ۋىلاىمىر پۇتىن رۇسىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى رۇسىيە بىرلەشمە پارتىيسىدىن كېلىپ چىققان. مىدىۋېدىۋ باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەتمۇ بۇ پارتىيە تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئەمما پۇتىن بىلەن مېدىۋېدىۋ ئارىسىدا سىياسىي پەرقلەر مەۋجۇت. پۇتىن؛ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىنى 20-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ تراگېدىيە دەپ قارىغان.

پۇتىن 1983-يىلى لۇدمىلا خانىم بىلەن ئۆيلىنىپ، مارىيا، يىكاترىنا ئىسىملىك ئىككى قىز پەرزەنتلىك بولغان، ئۇ 2013-يىلى 6-ئىيۇلدا ئاجرىشىپ كەتكەن.