پۇرچاقچى يېزىسى

پۇرچاقچى يېزىسى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، شىمال تەرىپى قوچى يېزىسىغا، شەرق تەرىپى قاراقاش بازىرى تۈۋەت يېزىسى غا، جەنۇب تەرىپى ماڭلاي يېزىسىغا، غەرىپ تەرىپى كۇيا بازىرى ۋە ياۋا يېزىسىغا تۇتىشىدۇ. يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ناھىيە بازىرىغىچە 6 كىلومىتىر كىلىدۇ

پۇرچاقچى يېزىسى

普恰克其乡.Purchaqchi Town

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە قاراقاش ناھىيىسى
مىللەتلەر


ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 26 دانە
نوپۇس 32 مىڭ
تور بېكەت قاراقاش ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى ئۇچۇر تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

پۇرچاقچى يېزىسىدا جەمئىي 26 دانە كەنت بار، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  • باش پۇرچاقچى كەنتى، ئوتتۇرا پۇرچاقچى كەنتى، ئاياغ پۇرچاقچى كەنتى؛
  • باش ياغاچ كەنتى، ئوتتۇرا ياغاچ كەنتى، ئاياغ ياغاچ كەنتى؛
  • باش ئايكۆل كەنتى، ئوتتۇرا ئايكۆل كەنتى، ئاياغ ئايكۆل كەنتى؛
  • باش قۇدۇق كەنتى، ئوتتۇرا قۇدۇق كەنتى، ئاياغ قۇدۇق كەنتى؛
  • كۆل ئېرىق كەنتى، ، يېڭى كۆل كەنتى؛
  • باش قۇدۇق كەنتى، ئاياغ قۇدۇق كەنتى؛
  • باش تۈگمەن ئېرىق كەنتى، ئاياغ تۈگمەن ئېرىق كەنتى؛
  • جۈمە بازىرى كەنتى، باش جاي كەنتى، قارا شاخلىق كەنتى ، ئۈجمىلىك كەنتى، قاتارلىقلار.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

پۇرچاقچى يېزىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەرۋەئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، شال، كۆممىقوناق، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار. قەغەز ياڭاق ئالاھىدە مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. چارۋىچىلىق دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىلاردىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. يېزا ئىگىلىكىمۇ ماشىنىلاشقان، خوتەن قەغىرىنىڭ 9-ئەۋلاد ۋارىسى بولغان توختىباقى ئاكىمىزنىڭ تۇرالغۇسى مۇشۇ يېزىدا.