پەرز (الفرض): ئاللاھ تائالا بەندىگە چوقۇم قىلىشنى بەلگىلىگەن ئىبادەت بولۇپ، ئۇنى ئادا قىلسا ساۋاب تاپىدۇ، ئادا قىلمىسا جازاغا ئۇچرايدۇ. بەلگىلەنگەن ئىشنىڭ تەبىئىتىگە قاراپ پەرز ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ: پەرز ئەين (فرض عين)، پەرز كۇپايە (فرض كفاية).