پەرزەنتلىك بولۇش

) ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇت قارشى: تەھرىرلەش

ئۇيغۇرلار بالدۇر ۋە كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشنى ئادەت قىلغان، بۇ ئادەت ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياشىنىپ ماغدۇرىدىن ئايرىلغاندا يۆلەكسىز قېلىش قاتارلىق تۇرمۇش ئەمەلىيەتلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن. شۇڭا ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ پەرزەنتلىرىنىڭ بالدۇر تۇرمۇشلۇق ۋە كۆپ پەرزەنتلىك قىلىشنى ئادەت قىلغان. خەلق ئىچىدە تارقىلىپ كېلىۋاتقان <بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار> دېگەن تەمسىل ئەنە شۇ قاراش ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتكە بولغان ئارزۇ - ئۈمىدى ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن.

ئۇيغۇرلارمۇ ئوغول بالىغا ھېرىسراق كېلىدۇ ئەمما قىز بالىنىمۇ كەمسىتمەيدۇ ۋە قىز بالىنى ئاتا - ئانىغا كۆيۈمچان كېلىدۇ، پەرزەنت بولسىلا ئەۋلاد قۇرۇمايدۇ، بەرىكەت كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ شۇڭا تۇرمۇش ئىقتىدارى بولغانلارنىڭ ھەممىسى كۆپ پەرزەنتلىك كېلىدۇ.

) تۇغۇت قارىشىغا ئائىت ئادەتلەر: تەھرىرلەش

①ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە پەرزەنتسىزلىك كىشىلىك ھاياتىدىكى ئەڭ ئازابلىق ئىشلاردىن دەپ قارىلىدۇئ شۇنىڭ ئۈچۈن تويلىشىپ ئۇزۇنغىچە پەرزەنت كۆرمىگەنلەر ھەر تەرەپكە چېپىپ سەۋەب قىلىشقا تىرىشىدۇئ تېۋىپلەرگە داۋالىنىدۇ. باشقىلاردىن ئاڭلىغانلا ئاماللارنى قىلىپ كۆرىدۇ. مازار - ماشايىقلارغا بېرىپ نەرىز - نۇزرەت قىلىدۇ، ھەتتا ئۇلۇغ - خاسىيەتلىك دەپ قارالغان جايلارنىڭ توپىسىنى، كامارلىرىنى كولاپ قولىغا چىققان نەرسىلەرنى ئېرىم قىلىپ يەيدۇ. بەزىلەر كۆپ تۇغۇتلۇق بولغان ئاياللارنىڭ ئىسسىق ئېشىگە (ھەمراھى) ئولتۇرىدۇ. ②ئايال كىشى ھامىلدار بولغان ھامان شۇ ئائىلىدىكى چوڭ - كىچىك ھەممىسى چەكسىز سۆيۈنۈپ ئۇنى ھەر جەھەتتىن ئاسرايدۇ. ئېغىر ئىشلارنى قىلىشتىن چەكلەيدۇ. كېچىلىرى يالغۇز ئۆيدە ياتقۇزمايدۇ. بۇنىڭغا ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى قاتتىق قورقۇپ كېتىش ھادىسىلىرى يۈز بېرىپ بويىدىن ئاجراپ كېتىشتىن ساقلىنىش مەقسەت قىلىنغان. ③ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولغانلىقى ئادەت كېلىش مۇددىتى ئۆتۈپ كېتىش بىلەن تەڭ غىزا - تاماق خالىماي قۇرۇق ھۆ تۇتۇشتەك ھالەتنىڭ پەيدا بولۇشىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. مۇنداق ھالەت ئاياللار ھامىلدار بولۇپ تەخمىنەن 40 كۈندىن كېيىن پەيدا بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ ھەرخىل نەرسىلەرنى يېگۈسى كېلىدۇ. بەزىلەرنىڭ تاتلىق - چۈچۈك يېگۈسى كەلسە، بەزىلەرنىڭ تاتلىق، سوغۇق نەرسىلەرنى، بەزىلەرنىڭ ھەرخىل نەرسىلەرنى يېگۈسى كېلىدۇ. بەزىلەرنىڭ تاتلىق - چۈچۈك يېگۈسى كەلسە، بەزىلەرنىڭ تاتلىق، سوغۇق نەرسىلەرنى، بەزىلەرنىڭ ھەرخىل نەرسىلەرنى يېگۈسى كېلىدۇ. بۇ <سېزىك، سېزىك بولۇش> دەپ ئاتىلىدۇ. <ھامىلدار>، <يۈك، يۈكلۈك> دېگەن مەنىدىكى ئەرەپچە <ھامىل> سۆرىگە پارىسچە سۆز ياسىغۇچى <دار> قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ياسالغان بولۇپ، <يۈكى بار، يۈك كۆتۈرگەن> دېگەن بولىدۇ، بۇ سۆز ئاساسەن ئەدەبىي تىلدا قوللىنىلىدۇ. جانلىق تىلدا <ئېغىر بوي (بولۇش)، ئېغىر ئاياق (بولۇش)، ئىككى قات (بولۇش)، قورساقتا قېلىش، قورساق كۆتۈرۈش قاتارلىق بىرنەچچە خىل ئاتىلىدۇ.④ھامىلدار بولغۇچىنىڭ سېزىك بولغان نەرسىگە قاراپ تۇغۇلغۇسى بالىسىنىڭ جىنسىي پەرقىگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئەگە تاتلىق - چۈچۈك نەرسىگە سېزىك بولساقىز، ئاچچىق - چۈچۈك نەرسىگە سېزىك بولسا ئوغۇل تۇغىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بەزىدە شۇنداق پەرەزلەر توغرىمۇ چىقىپ قالىدۇ.⑤ئادەتتە ئاياللارغا، بولۇپمۇ يېڭى ھامىلدار بولغان ئاياللارغا تۆگە گۆشى، توشقان گۆشى يېيىش چەكلىنىدۇ. چۈنكى ھايۋانات ئىچىدە تۆگە 10 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە تۇغقاچقا، تۆگە گۆشى يېسە تۇغۇت ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. توشقان گۆشى يېسە بالىنىڭ ئۈستى كالپۇكى توشقان كالپۇكىدەك يېرىق تۇغۇلۇپ قالىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.⑥بالا دادىسىغا ئوخشاپ تۇغۇلسا، ئانىسى ھامىلدار ۋاقتىدا دادىسىغا تولا قارىغانلىقتىن: ئانىسىغا ئوخشاش تۇغۇلسا، ئانىسى ھامىلدار ۋاقتىدا ئەينەككە تولا قارىغانلىقتىن دەپ قارىلىدۇ. ⑦ئۇيغۇرلار بالا توققۇز ئاي توققۇز كۈن، توققۇز سائەت، توققۇز دەقىقىدە تۇغۇلىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ.

) تۇغۇت ئۇسۇلى: تەھرىرلەش

ئۇيغۇرلاردا ئاياللار ئولتۇرغۇزۇپ توغدۇرۇلىدۇ. ھامىلدار ئايالنىڭ ۋقتى - سائىتى يېقىنلىشىپ تولغاق ئالامىتى كۆرۈلگەندە، كىندىك ئانىسى (تۇغۇت ئانىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تەكلىپ قىلىنىدۇ. يېڭى زاكىلىق لاتا، يېڭى ئۇستۇرا، پاكىز سېغىز خامپا پارچىسى ھازىرلىنىدۇ.ھامىلدار ئايالنى رەسمىي تولغاق تۇتقاندا، كىندىك ئانىسى ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ ئۆزى ئۇنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ مەيدىسىدىن قۇچاقلاپ ئولتۇرغۇزۇپ مەدەت بېرىپ تەڭ ئىنجىقلىشىپ بېرىدۇ. بالىنىڭ باش سۈيى چۈشۈش بىلەن تەڭ ئۇنى ياتقۇزۇپ ئۆزى ئالدىغا ئۆتۈپ بالىنى قولىغا چۈشۈرىدۇ. بالىنىڭ ھەمراھى چۈشكەندىن كېيىن بالىنىڭ كىندىكىنى كېسىپ، زاكىلاپ بۇلماق بىلەن ئېغىزلاندۇرىدۇ. مۇشۇ مەشغۇلاتنى ئورۇندىغۇچى ئايال <كىندىك ئانىسى> دەپ ئاتالغان. ئادەتتە كىندىك ئانىسى ئۈچۈن ئۆزى ياۋاش، سۆز - ئاغزى يۇمشاق، قولى يېنىك، كۆپ تۇغۇتلۇق بولغان. تەجرىبىلىك پېشقەدەم ئايال تاللىنىدۇ. ئۇيغۇرلاردا كىندىك ئانىسى چوڭ ھۈرمەتكە ئىگە. بالا ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە كىندىك ئانىسىنى <ئانا> دەپ ئاتايدۇ. ۋە ئاتا - ئانىسى ھازىرلاپ بەرگەن سوۋغاتلار بىلەن كىندىك ئانىسىنى يوقلاپ تۇرىدۇ. تۇغۇت ۋاقتىدا ئۆيگە كىندىك ئانىسى بىلەن تۇغقۇچىنىڭ ئانىسىدىن باشقا ھېچكىم كىرگۈزۈلمەيدۇ. ئايرىم ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا تۇغقۇچىنىڭ يولدىشى ئىشىك قېشىدا ساقلاپ تۇرىدۇ. بالا سالامەت تۇغۇلۇپ يىغا ئاۋازىن ئاڭلىنىش بىلەن <مۇبارەك بولسۇن> دەپ قۇتلۇقلايدۇ. بالىلار ئۇرۇق - تۇغقان، قۇلۇم - قوشنا ۋە چوڭلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ سۆيۈنچە ئالىدۇ.

تۇغۇتلۇق ئايال ياتقان ئۆينىڭ ئىشىك بېشىغا يەتتە ياكى ئون ئىككى ئىدىرى توشقۇچە قىزىل لاتا ئېسىپ قويۇلۇپ، يات كىشىلەرنىڭ كىرىشى چەكلىنىدۇ. ئىسسىقلىق ئېلىپ يوقلاپ كەلگۈچىلەرمۇ ئون ئىككى ئىدىرى توشقاندىن كېيىن كېلىپ يوقلايدۇ. بوۋاق يېشىغا توشقۇچە دادىسى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى يول يۈرۈپ تەرلىگەن ھالەتتە كەلگەندە، دېمىنى ئېلىپ تەرى قۇرۇمىغىچە بالىنى دەرھال قولىغا ئالمايدۇ. بۇنىڭدا بوۋاقنىڭ ئۇچۇقدىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش مەقسەت قىلىنغان.

تۇغۇتلۇق ئايال ئىدىرى (قىرقى) ئىچىدە تۇخۇم، سۈت، شورپا بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ. بىر نەچچە قېتىم مەخسۇس كاللا - پاقالچاق يېگۈزۈلىدۇ. ئىدىرى ئىچىدە قازان - قومۇچ كۆتۈرۈش، قول - پۇتىنى سوغۇق سۇغا تەگكۈزۈش، يۇيۇنۇش ۋە سوغۇق، يەللىك نەرسىلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىدۇ. ھامىلدار ۋاقتىدا بەل، قازان سۆڭەكلىرىدە ھاسىل بولغان بوشىشىش ھالىتىنى تېزراق ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىككى - ئۈچ قېتىم تۇخۇم بىلەن بېلى تېڭىلىدۇ. قاينىتىلغان ئىسسىقلىق دورا - دەرمەك سۈيىگە چىلانغان لۆڭگىدە بەدەنلىرى سۈرتۈلىدۇ. ئىدىرى توشقاندا يەنە شۇنداق سۇدا ھورداندۇرۇلىدۇ. پاكىز يۇيۇندۇرۇلۇپ، باش - كۆزى يۇيۇپ تارىلىپ، چىرايلىق كىيىندۈرۈلۈپ تالا - تۈزىگە چىقىرىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆي ئىشىغا كىرىشىدۇ.

) تۇغۇتقا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق ئۆزگىچە ئادەتلەرمۇ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن: تەھرىرلەش

ئاياللار تۇغۇت ئۈستىدە بالا ۋاقتىدا چۈشمەي تولغاققا كۈچەپ ھوشىدىن كەتسە ياكى ھەمراھى چۈشمەي ھوشسىز ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە >ھال باستى< (جىن - شاياتۇنلار چاپلىشىۋالدى) دەپ قارىلىپ كەلگەن. مۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەندە ئۆي ئىچىگە قارا قۇش (قۇش بولمىغاندا قارچىغا) ياكى بۆرە ئىت قويۇپ بېرىلىدۇ ياكى ئىشىك تۈۋىدە مىلتىق ئاتىدۇ. ئۆگزىگە چىقىپ تۇڭلۈك يېنىدا ئەرزان توۋلىنىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايال ھوشىغا كېلىپ سالامەت بوشانسا >جىن - شاياتۇنلارغا قاچتى، ئەگەر ئۆلۈپ كەتسە قۇش جىن - شاياتۇنلارغا تەڭ كىلەلمىدى، ئۇنىڭ ئۆپكىسىنى جىن - شاياتۇنلارغا تەڭ كېلەلمىدى، ئۇنىڭ ئۆپكىسىنى جىن - شاياتۇنلار سۇغۇرۇپ ئېلىپ كەتتى< دەپ ئۇنداق بەخىتسىزلىككە تەن بېرىلىپ كەلگەن. روشەنكى بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ توتىم ئىتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خۇراپىيىلىق تۈسىنى ئالغان ئادەت. ئەجدادلىرىمىز قۇشنى باتۇرلۇقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئۇلۇغلاپ، ۋەھىمىيىلىك رەقىبلىرىنىڭ ئەشەددىي كۈشەندىسى ھېسابلاپ كەلگەن؛ بۇ ئادەت ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاشۇ ئىپتىدائىي ئېتىقادىنىڭ ئىسلام دىنىغا ماسلىشىپ داۋاملىشىپ كەلگەن ئىزنالىرىدىن ئىبارەت. ئازادلىقتىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئىچىدە زامانىۋى ئىلىم - پەن ساۋادىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ئۇنداق ئادەتلەر ئاساسەن ئادەت كۈچىدىن قالدى. ئەمما چەت يېزا - قىشلاقلاردا شۇنداق قاراشنىڭ تەسىرى تېخى پۈتۈنلەي تۈگەپ كەتكىنى يوق.