پەرھات كازىمى 1970-يىلى پىچان ناھىيىسىنىڭ دالانكارىز يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1988-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان.1991-يىلى ئۇقۇشنى پۈتتۈرۈپ، 1999-يىلى 9-ئايغىچە پىچان ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1999-يىلى 9-ئايدىن 2007-يىلى 9-ئايغىچە پىچان ناھىيىلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ھازىر پىچان ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، پىچان ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.

ئەدەبىي ھاياتى تەھرىرلەش

پەرھات كازىمى «تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ 1988-يىلى2-سانىدا ئېلان قىلغان «ئارزۇ» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا «ئاپرېلدىكى لۈكچۈن سەھىرى»، «ئىدىقۇتنىڭ يېشىل يۈرىكى»، «ئۈمىد قوڭغۇرىقى»، «كۈز-كارىز دالاسى»، «بىر يۇتۇم سۇ»، «ئەپسۇس، ئوماق قۇشۇم»، «مېنىڭ ناخشام»... قاتارلىق 300 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، نەسىر ئېلان قىلغان؛ «يىلان مۈڭگۈزى»، «ئۆڭمەش مۇھەببەت»، «كۆزىنى ئېچىش»، «ئالتۇن پاجىئەسى»، «ناجىيە»، «ماندالىن كۈيى»... قاتارلىق 30پارچىغا يېقىن چوڭلار تۇرمۇش ھېكايە- پوۋېستلىرىنى؛ «بىر پۇتلۇق بالا»، «كونا قەلەمدان»، «مىس قازان»، «شەبنەم»، «يېشىل كىيىملىك پەرىزات»، «قارلىغاچ ئايىم ۋە ئوردا ئويۇنى»... قاتارلىق 55 پارچە بالىلار ھېكايىلىرىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تىل، تارىخ تەتقىقاتىدىمۇ ئىزدىنىپ «كارىز ناملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى»، «سىركىپ ۋە ئۇيغۇر كۇلالچىلىقى»، «كارىز ۋە كارىزچىلىق ئاتالغۇلىرى»، «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىدىكى خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى توغرىسىدا»، «كارىز مەدەنىيىتىگە دائىر بايانلار» ... قاتارلىق15پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى.

ئەسەرلىرى تەھرىرلەش

2001-يىلى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى «بوۋام ۋە ئۈجمە دەرىخى» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنى نەشر قىلىنغان.

2003-يىلى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى «ئوغرى ئاتىلىپ قالغان قىز» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنى نەشر قىلىنغان.

2007-يىلى 5-ئايدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشر قىلغان بالىلار ھېكايىلىرى كوللېكتىپ توپلىمى «ئوسما ئوغرىسى» غا « بوۋاي بولۇشنى خالايدىغان بالا» ماۋزۇدا ئالتە پارچە ھېكايىسى كىرگۈزۈلگەن.

2007-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى ئۇ تۈزگەن (باشقىلار بىلەن بىللە) «گۈزەل پىچان» ناملىق پىچان ناھىيىسىنى تونۇشتۇرغان ئوقۇشلۇقنى نەشر قىلغان.

2009-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئۈمىدۋار بالا» ناملىق رومانى نەشر قىلىنغان.

مەنبە تەھرىرلەش

خەلق گېزىتى تور بىتى https://web.archive.org/web/20130406130512/http://uyghur.people.com.cn/157635/12590271.html