پەرھات مىجىت. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى(تۇۋەندە ش ج ئو دەپ ئېلىنىدۇ) فىزىكا فاكۇلتىتىنىڭ ياردەمچى پىروفىسسورى، دوكتۇر، ئاسپىرانىت يىتەكچىسى . ھازىر 45 لەردىن سەل ئاشتىغۇ دەيمەن. مەدىنيەت ئىنقىلاۋىدىن كىيىن ئۇقۇپ، مەكتەپتە قېىلىپ خىزمەت قىلغان. 93-94يىللار ئەتراپىدا ئالدى بىلەن ئۇزبىكىستانغا چىقىپ بىر يىل بىلىم ئاشۇرغاندىن كىيىن ئىككىنچى يىلى بىلۇرۇسىيە دۇلەت ئۇنۋېرسىتىتى لازىر نۇرى تەتقىقات مەركىزىگە دوكتۇر ئاسپرانت بولۇپ كىرگەن. 99-2000يىللار ئەتراپىدا ئوقۇش پۇتتۇرۇپ قايتىپ كەلگەن. ئاساسلىق تەتقىقات يۇنۇلۇشى لازىر نۇرىنىڭ ئىمپۇلس پىرىنسىپلىرى. بۇ توغرىسىدا جىق سۇزلىمەي.

مەن پەرھات مۇئەللىم بىلەن 2001-يىلى خىزمەتكە چۇشكەندىن كىيىن تۇنۇشقان. ئىچكىردىن ئۇقۇش پۇتتۇرۇپ يېنىپ كىلىپ فىزىكا فاكۇلتىتىغا ئۇزەمنى مەلۇم قىلغىلى كەلگەن ۋاختىمدا شۇ ۋاقىتتا فاكۇلتىتتا بار ئۇقۇتقۇچىلار بىلەن ھەممىسى بىلەن كۇرۇشتۇم. شۇ قاتاردا پەرھات مۇئەللىم بىلەنمۇ بىر قاتار پاراڭلاشتىم. پەرھات مۇئەللىم مىنىڭ ئۇزەمنى تۇنۇشتۇرۇشۇمنى كۇتۇپ ئۇلتۇرمايلا“سىز توغرىلىىق ئاڭلىغىلى ئۇزۇن بوپ قالدى، ئەمدى بىللە ئىشلەيدىغان بوپتىمىز. كەسپىمىزمۇ ئۇخشاپ قالىدىكەن. بۇندىن كىين ھەمكارلىشىپ ئۇتەيلى“دىدى. مەن ھە بۇلىدۇ دىدىم، ئارقىدىنلا باشقا گەپكە چۇشۇپ كەتتۇق. مەن ئۇۋاقىتتا پەرھات مۇئەللىمنىڭ بۇ گىپىنىڭ راست گەپ ئىكەنلىگىنى سەزمەپتىمەن. مىنىڭ ئۇقۇغان كەسپىم ئوپتىكا ۋە ئېلېكتىرتېخنىكىسنىڭ بىرلەشمىسى. لازىر نۇرىمۇ ئوپتىكا ساھەسىگە كىرىدۇ. ھەم بىز لازىر نۇرنى ئاساس قىلىپ ئۇگەنگەن. لېكىن ئۇ بىز ئۇقۇغاندا ئىمتاھاندىن ئۇتۇش ئۇچۇنلا، ئىمتاھان ئاز قالغاندا كىچىلەپ كىتاپ كۇرۇپ ئۇقۇغان نىمىلەر بىلەن قانداقمۇ مەن بىر دوكتۇر بىلەن ھەمكارلىشالاي. مەن مۇشۇ خىيال بىلەن پەرھات مۇئەللىمنىڭ بۇ گىپىنى تىزلا ئۇنتۇپ كەتتىم. 2-3 ئاي ئۇتكەندىن كىيىن يەنە يولدائۇچراپ شۇ توغرىلىق ئېغىز ئېچىپ مىنى تىزراق ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلىشىمنى سورىدى. مەن ئاساسلىقى نىمە ئىش قىلىمىز دىسەم، ئاشۇ يولدىلا سومكىسىدىن قەغەز قەلەم چىقىرىپ، يىقىنراق يەردىكى تامنى ئۇستەل قىلىپ چۇشەندۇرۇپ كەتتى، ئالاھەزەل 30 مىنۇتتەك چۇشەندۇردى، مەن ئازراق بىر نىمە ھىس قىلغاندەك بۇلدۇم ۋە بۇلىدۇ دەپ جاۋاپ بەردىم، لېكىن يەنىلا كۇڭلۇمدە بىر خىل يوقىردىكى خىيال بىەن بەك قىززىقىپ كەتمىدىم. ئۇزۇن ئۇتمەي ئۇ چىڭخۇا داشۇگە تەتقىقاتقا كەتتى. مەنمۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشنى ئۇنتۇدۇم. يەنە بىرسى، مەن ئۇنداق نەزەرىيۋى نەرسىلەرگە قىززىقمايتتىم. ئەمەلى، تېخنىكىلىق بىر نىمە ئۇگەنگۇم بار ئىدى.

ئۇ ۋاقىتلاردىكى يەنە بىر سەۋەپ، 6يىل داشۇدە ئۇقۇپ، مەن خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن ئۇزەمنى شۇنداق ينىكلەپ كەتكەندەك ھىس قىلدىم. توۋا، داشۇگە ئۇتكەنلىك چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۇندىن تارتىپ تا ئۇقۇش پۇتتۇرگىچە مەيلى تەتىل بۇلسۇن، مەيلى ئۇقۇش ۋاختى بۇلسۇن، ئۇنداق ئۇزەمنى روھى بېسىم يوق، ئازادە ھىس قىپ باققان ئەمەسمەن. خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن ئۇنداق بىسىم يوق. ھەر مەۋسۇمدا بىر ياكى ئىككى دەرىسنى ئۇتۇش مەن ئۇچۇن بىر مەۋسۇمدە بىر مۇنچە دەرىسلەرنى ئۇقۇشتىن كۇپ ئاسان كەلدى. بۇرۇنقى تىرىشچانلىقلىرىمنىڭ يېرىمىنى ئىشلىتىپ قويساملا ھەممە خىزمەتلەرنىڭ ھۇددىسىدىن تەل تۇكۇس چىقىپ كىتەلەيدىكەنمەن. بۇنداق دىگىنىم بىرسى، ئۇ دەرىسلەرنى مەن بۇرۇن خېلىلا ياخشى بىر ياكى بىر نەچچە قېتىم قايتا قايتا ئۇقۇغان. دەرىسنىمۇ ئاستا ئاستا ئىزىپ سۇزلەيسىز، بىر مەۋسۇمدىكى پۇتۇن زىھنىڭز ئاشۇ دەرىستىلا بۇلىدۇ، ئىمتاھان بارتى دەپ قورقۇشنىڭ ئۇرنى يوق، ئىمتاھاننى ئۇزەم ئالىمەن. يەنە بىر مۇھىم سەۋەپ، مەكتەپ تېخى بىزدەك ئەمدى خىزمەتكە چىققانلارغا غۇللۇق، ئۇتمەك، چۇشەندۇرمەك تەس دەرىسلەرنى ئۇرۇنلاشتۇرمايدۇ. خىزمەتتىن چۇشسەم كۇندە كىتاپ كۇرىمەن دەپ كۇتۇپخانىغا يۇگرەيدىغان ئىش يوق. شۇنداق ئازادە. ئىشقىلىپ شۇنداق قىلىپ 6يىللىق ئۇقۇشنىڭ ھاردۇقى بىراقلا چىققاندەك قىلدى، ئۇزەمچە مۇشۇنداق بىرەر مەزگىل يۈرۈپ باققۇم كەلدى. دىبا، يەنە بىر نىمە با دىگەنلەرگە ئۈمرۇمدە كىرىپ باقماپتىكەنمەن، كىرىپ شۇنداق قىززىق، قايناق تۇيۇلدى. بىر يىلغىچە دەم ئېلىش ۋاختىمدا ئاساسەن قانغۇدەك ئۇخلاپتىمەن، تاماقنى ئالدىرماي يەپ، يەپ بۇلغاندىن كىيىن دۇڭكۈرۈك، يەنئەن يولى دىگەنلەرنى چۇگىلەپتىمەن. توي، مەسلەھەت چايلارغا بېرىپتىمەن، بۇرۇنقى ئىچكىردا يۇرۇپ qqدا تۇنۇشپ قالغان بىرمۇنچە قىزلار بىلەن يۆخۇي(؟) قىپتىمەن…. . ، ئۇنى بۇنى دەپ بىر يېرىم يىل ئۇتۇپ كەتتى. مەنمۇ ئاستا ئاستا ئۇيۇنغا قاندىم بۇلغاي، ئەمدى ئاستا ئاستا قانداق قىلىش تۇغرىلىق ئۇيلىنىشىقا باشلىدىم. ئاسپىرانتلىق ئىمتاھان بىرىش كىرەكمۇ، ياكى چەتكە چىقىش ئىرادەم بۇيىچە شۇ يولدا چىڭ تۇرۇش كىرەكمۇ، يا مۇشۇ بۇيىچە ئىشلەۋىرەمدىم دىگەندەك. ئاخىرى چەتكە چىقىش ئارزۇيۇمدىن ۋاز كەچمەي شۇنى نىشان قىلاي دىگەن قارارغا كەلدىم. دەل شۇ پەيتلەردە پەرھات مۇئەللىم بېيجىڭدىن قايتىپ كەلدى ۋە ئۇزۇن ئۇتمەيلا يەنە مىنى ئۇزى بىلەن بىللە ئىشلەشكە ئۇندىدى. ، بۇ ۋاقىتتا مەن ئارتۇق گەپ قىلمايلا شۇنداق قىلايلى زادى دەپ بىر ھەپتىگە قالمايلا ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كۇچۇپ كىردىم.

پەرھات مۇئەللىم 2001-يىلى دۇلەتلىك تەبىئى پەنلەر تەتقىقات ئۇرنىدىن بىر تىما ئالغان بۇلۇپ ئاساسلىقى لازىر نۇرىنىڭ چىقىرىش قۇۋىتىنى يۇقىرى كۇتۇرۇش، سازلاش، ئىشلەش مىخانىزىمنى تېخمۇ مۇقىملاشتۇرۇش دىگەنلەرنى مەقسەت قىلغانىكەن. تەبئى پەنلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار بىلىدۇ، دۇلەتلىق تەتقىقات تىمىسىغا ئىرىشىش دىگەن ئاسان گەپ ئەمەس. شىنجاڭدىلا قىيىن بۇلۇپ قالماي ئىچكىردىمۇ قىيىن. مەن ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىغا كىرگەندىن، پەرھات مۇئەللىم مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ زادى نىمە قىلىدىغانلىغىمىزنى، قانداق قىلىدىغانلىغىمىزنى ئىنتايىن تەپسىلى چۇشەندۇردى. پۇتۇن ماتىرىياللارنى بىرىپ مىنى كۇرۇشكە بۇيرۇدى، توردىن ئىزدىدىم، شۇنداق قىلىپ ئالاھەزەل بىرەر ئىككى ئايلاردا ئاساسى جەھەتتىن ئۇقۇم كاللامدا ئايدىڭلاشتى. پۇتۇن ماتىرىياللار ئاساسى جەھەتتىن روسچە ياكى ئىنگىلزچە. ئۇۋاقىتتا تېخى مەن فىزىكىلق ئۇقۇملارنى ۋە جۇملىلەرنى ئىنگىلىسچە قانداق دەيدۇ ئۇخمايتتىم. ئالدى بىلەن شۇنىڭدىن باشلىدىم، لوغەت ئاختۇرماي، مەزمۇنى نىسبەتەن ئۇخشاش بۇلغان ئىنگىلسچە ۋە خەنزۇچە ماقالىلارنى بىر دۇۋە تېپىپ سېلىشتۇرۇپ ئۇلتۇرۇپ ئىنگىلىسچىسىنى ئۇگەندىم. تىزلا ئىشلىرىمىزغا كىرىشىپ كەتتۇق، ھەر كەچلىك ۋاقىت، شەنبە يەكشەنبە كۇنلىرى پەرھاد مۇئەللىمنىڭ ئىشلەپ كەتكەنلىرىنى كۇرۇپ مەن خىجىل بوپ قالاتتىم، شۇنداق قىلىپ مەنمۇ كۇندە ئاساسەن ئىشخانىدىن چىقمايدىغان بۇلدۇم. بىزنىڭ قىلىدىغىنىمز ئاساسەن كومپىيۇتېردا نەزەرىيۋى ھىساپلاش، ئۇنى دەلىللەش، باشقىلارنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇش، ئەڭ ياخشى چىققانلىرنى پەرھاد مۇئەللىمنىڭ بۇرۇنقى دوكتۇر يىتەكچى ئۇقۇتقۇچىسغا ئەۋەتىپ بىرىپ، شۇلارغا تەجرىبە ئىشلەتكۇزۇپ نەتىجىسىنى سېلىشتۇرۇش، ئۇنى ماقالە قىلىپ يېزىش دىگەندەك ئىشلار . كومپىيۇتېردا بىر قېتىم تەجرىبە ئىشلەشكە 30 سائەتتەك ۋاقىت كىتىدۇ. بۇنداق تەجرىبىدىن 20-30 قېتىم ئىشلىسەك بىر يۇرۇش سانلىق مەلۇمات بۇلىدۇ، ئۇندىن كىين بۇ سانلارنى تەھلىل قىلىمىز…. ، پەرھاد مۇئەللىم بىلەن ھەمكارلىقىمىز ناھايتى كۈڭۇللۇك بۇلدى. دۇلەتلىك تەتقىقات تىمىسى ئۇڭۇشلۇق ھالدا تۈگىدى. بىرەر يىل ئۇتكەندىن كىيىن مىۋىسى ئاستا ئاستا كۇرۇلدى، SCI,EI, دۇلەتلىك، خەلقارالىق ئىلمى يىغىنلارغا ماقالىمىز قۇبۇل قىلىندى، بېرىپ ماقالىمىزنى ئۇقۇپ كەلدۇق، پەرھاد مۇئەللىم بىر قېتىم روسىيەگە چىقىپ كىردى، مەن 2003يىلى ئامرىكىغا بىر ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنغا ماقالە ئۇقۇغىلى بارىمەن دەپ ۋىزا ئىلتىماس قىلىشقا كىچىكىپ قېلىپ بارالمىدىم. مەملىكەت ئىچىدىكى نۇپۇزلۇق ژورناللاردا ماقالىمىز ئىلان قىلىندى. . ، ئەنە شۇ ماقالىلارنىڭ كۇچى بىلەن مەن بۇيىل ئامرىكا داشۇسىدىن تۇلۇق ئۇقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشىپ ئۇقۇغىلى كەلدىم…. ، شۇڭا مەن پەرھات مۇئەللىمگە ئالاھىدە رەھمەت ئىيتىمەن.

مەن بۇ جەرياندا پەرھاد مۇئەللىمدىن جىق نەرسىلەرنى ئۇگەندىم. كەسپى نەرسىلەردىن باشقىمۇ بەك جىق نەرسىلەرنى ئۇگەندىم. بەزىدە بىر ئۇلتۇرۇپ پاراڭغا چۇشۇپ كەتسەك كەچتە بىنانىڭ ئىشكىنى تاقايدىغان ئادەم كىرىپ ئالدىراتقاندىلا ئاندىن ۋوي كەچ بوپ كىتىپتىغۇ دەپ قالىمىز. ئۇ بېشىدىن ئىسسىق سۇغۇقلار جىق ئۇتكەن. ئۇزىنىڭ قاتتىق ياشاش پىرىنسىپى بار ئادەم. گەپنى قورقماي، ئۇدۇل ئۇدۇل دىيەلەيدۇ. باشقىلارغا ياردەم بىرىشكە ئامراق. پۇلۇم قالمىسا پۇل ئېلىپ تۇرىمەن، ئۇي تاماقلىرى سېغىنسام ئۇيىگە بېرىپ تاماق يەپ كىلىمەن. ئۇ سىزنى ھەر ۋاقىت خەۋىپ تۇيغۇسى ئىچىدە ھىس قىلىپ تىرىشىشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ. بىزدە بار بۇلغان ناچار ئىللەتلەرنى دائىم سۇزلەپ سىزگە سىڭدۇرۋىتىدۇ. ھەم ئۇزىدىن باشلاپ دىققەت قىلىدۇ. توي باغىقىغا 6 دەپ يازسا ئۇ 6 تىدە بارسا بۇرۇن بۇلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ 6تىدە بارىدۇ. (لېكىن مەن ھازىرغىچە بىكار بۇلساممۇ لاغايلاپ سۆرۈلۈپ يۈرۈپ، 7:30، 8:00لەردە ئارا ن بارىمەن).


مەنبە: http://www.jeckblog.com