چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى

ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى گەرچە قىسمەن ئىسلاھ قىلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە مەلۇم دەرىجىدە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، يەنىلا ئەرەب تىلىنىڭ خۇسۇسىيىتى، فونىما سىستېمىسى ئاساسىدا لايىھىلەنگەن يېزىق بولغاچقا، ئۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى، فونېما سىستېمىسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمىدى. شۇڭا 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ شۇ دەۋرنىڭ ئەدىبلىرى، تىلشۇناسلىرى تەرىپىدىن بۇ يېزىق داۋاملىق ئىسلاز قىلىنىپ، تولۇقلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى بىر قەدەر توغرا ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان، ئۆگىنىشكە، يېزىشقا ئەپلىك ھالەتكە كەلتۈرۈلدى.

شىنجاڭ يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئىقتىسادىي، مەدەنىي، دىنىي ۋە سودا ئالاقىلىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەب تىلىدىن باشقا پارس تىلىدىنمۇ نۇرغۇن سۆزلەر قوبۇل قىلىندى. بۇ خىل سۆزلەرنى ئاساسلىقى ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى توغرا ئىپادىلەشكە ئەرەب يېزىقىدىكى ھەرپلەر يېتىشمىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن پارس يېزىقىدىن «پ، چ، گ، ژ» قاتارلىق ھەرپلەر چاغاتاي ئۇيغۇر ئېلىپبەسىگە قوبۇل قىلىندى. شۇنداقلا بۇ يېزىقتىكى ھەرپلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئېنىق ئايرىلدى. مەسىلەن، «ح، ث، ذ، ص. ض. ط. ظ، ع » ھەرپلىرى پەقەتلا ئەرەب تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنى خاتىرىلەشتە ئىشلىتىلىدىغان، ئۇيغۇر تىلىغا خاس سۆزلەر بولسا، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا ئەنئەنىسى بويىچە يېزىلىدىغان بولدى. مۇشۇنداق بىر قاتار ئىسلاھاتلاردىن كېيىن 14- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلىغا، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى بۇ رايوندا ئورتاق قوللىنىلىدىغان يېزىققا ئايلاندى.

چاغاتاي دېگەن نام 14- ئەسىردىن باشلاپ شىنجاڭ بىلەن ئامۇ دەرياسى ئەتراپىدىكى كەڭ رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى چاغاتاي خاننىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نامى بولۇپ، شۇ دەۋردىكى مۇشۇ كەڭ رايوندا قوللىنىلغان تىل ھەم يېزىق شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىغىچە قوللىنىلدى. بۇ دەۋرنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئالىملىرى، ئەدىبلىرى، شائىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ئەسەرلىرىنى مۇشۇ يېزىق بىلەن يېزىپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇردى. ئالەمشۇمۇل شائىر ئەلىشىر نەۋائىي «چاھار دىۋان»، «مۇھاكىمە تۇللۇغەتەين»، «خەمىسە نەۋائىي» ناملىق مەشھۇر ئەسەرلىرىنى چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا يازغان. بۇ يېزىقنىڭ قوللىنىلغان دەۋرى ئۇزۇن، يېزىلغان ئەدەبىي، تارىخىي، تېببىي ئەسەرلەر ھەم ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلەر ناھايىتى كۆپ، بۇلاردىن ھازىرقى دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن، ۋەكىللىك خاراكتېرغا ئىگىلىرىدىن:

«تارىخىي رەشىدى» (مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر)، «مۇھەببەتنامە ۋە مېھنەتكام»، «شاھنامە تۈركىي»، «دىۋان زەلىلى»، «دىۋان نۆبىتى». «تەزكىرەئى ئەزىزان» (مۇھەممەد سىدىق كاشىغەرى)، «پەرھاد-شىرىن» ۋە «لەيلى-مەجنۇن» (ئۆمەر باقى)، «يۈسۈپ-زۈلەيخا»، «كىتابى غېرىب»، «نەسىھەتنامە»، «دۇررىلنىجاد» (ئابدۇرېھىم نىزارى)، «ئادالەتپەرۋەرلىك توغرىسىدا»، «سەددى ئىسكەندەر»، «پەندىنامە»، «زەپەرنامە – شاھ باھادىر»، «تارىخىي مۇسقىيۇن»، «زەپەرنامە»، «غېرىبى»، «ئىماملار تەزكىرىسى»، «غازات دەرمۈلكى چىن»، «غەزەلىيات»، «مەھزۇنىلۋاھىدىن» (زىيائى)، «بەرقى تەجەللى» ۋە «سەبەق مۇجەللى»، «تارىخىي ئەمىنىيە» (موللا مۇسا سايرامى)، «غېرىب-سەنەم» (مۇھەممەد يۈسۈپ)، «نورۇزنامە»، «نۇزۇگۇم»، «چاغاتاي لۇغىتى» مانجۇ خانلىقى دەۋرىدە يېزىلغان «بەش تىللىق لۇغەت»… قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.


چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى تۆۋەندىكىچە: تەھرىرلەش

 
 

مەنبەلەر تەھرىرلەش