چاقپەلەك (ساغاردى) ئويۇنى

چاقپەلەك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مىللىي ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ قەدىمدىن تارتىپ ھەر يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە باش باھار پەسلى (1 - ئاي) دىكى يېڭى بىر يىلغا قەدەم قويغان كۈندە ھېيت - بايرام كۈنلەردە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن. بۇ كۈنلەردە دېھقان - چارۋىچىلار ئانچە ئالدىراش بولمىغاچقا، ئەنە شۇنداق توي - مەرىكە كۈنلىرىدە بۇ ئويۇن بىر نەچچە كۈن ھەتتا ئون نەچچە كۈنگىچە قىزغىن داۋام قىلىدۇ. چاقپەلەك تەخمىنەن 15 - 20 مېت ئېگىزلىكتىكى خادا ياغاچقا ھارۋا چاقىنى كىيگۈزۈپ، چاقنىڭ ئۈستىگە ئىككى تال ياغاچ بىرگە جۈپلىنىپ باغلىنىپ ياسىلىدۇ. بۇ ياغاچ چاقنىڭ خادا ئۈستىدە مەزمۇت تۇرۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. ئويۇنچىلار ئېسىلىپ تۇرىدىغان ئىلەڭگۈچ ئارغامچىلار شۇ چاق ئۈستىدىكى جۈپلىمە ياغاچقا مۇقىم بېكىتىلگەن بولىدۇ. چاقنى ئايلاندۇرۇدىغان يەنە بىر ياغاچ خادىنىڭ تۆۋىنىگە توغرىسىغا قىلىپ مۇقىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ توغرا ياغاچنىڭ ئىككى چىشى چاققا ئارغامچا بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ. توغرا ياغاچنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۆتتىن - سەككىزگىچە ئادەم تۇرۇپ، بىر خىل تېزلىك بىلەن ئوڭ يۆنىلىشكە قاراپ ئىتتىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككى چاقمۇ بىللە ئايلىنىپ، چاققا باغلانغان ئىلەڭگۈچتىكى ئىككى <ئۇچقۇچى> ئاستا - ئاستا كۆككە كۆتۈرۈلىدۇ. چاق قانچىلىك تېز ئايلانسا، ئۇچقۇچىلارمۇ شۇنچىلىك تېزلىكتە ئېگىزگە كۆتۈرۈلىدۇ. ئۇچۇش ئەۋجىگە چىققاندا، ئۇچقۇچىلار قىزغىن شاد - خۇراملىققا چۆمىدۇ. ئويۇن ئوينىغۇچىلار ئالمىشىپ تۇرىدۇ. بۇ خىل ئويۇننىڭ ئۆزىگە خاس قائىدە - تەرتىپى بولۇپ، يىگىت بېشى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. ئەگەر ئويۇن تەرتىپىنى بۇزغۇچىلار چىقىپ قالسا، قائىدە - تەرتىپكە ئاساسەن كۆرسىتىلگەن سەۋەنلىكنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، يىگىت بېشى تەرىپىدىن جازاغا تارتىلىدۇ. ئېغىر خىلاپلىق قىلغۇچىلار مەيداندىن ھەيدەپ چىقىرىلىدۇ. چاقپەلەك ھەر يىلى ھېيت - بايرام كۈنلىرى ئوغلاق تارتىشىش، چېلىشىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن بىرلىكتىمۇڭ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئويۇن مەخسۇس توي - تۆكۈنلەردمۇ ئوينىلىدۇ. توي قىلغۇچى ئۆزى خىراجەت قىلىپ بۇ ئويۇننى ئۇيۇشتۇرىدۇ. چاقپەلەك ئويۇنىنىڭ ھازىرقى ئوينىلىش ئۇسۇلىدىن باشقا، تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇنراق بولغان يەنە بىر خىل ئوينىلىش ئۇسۇلىمۇ بار. بۇ ئاساسەن قەشقەر رايونىدا ئوينىلىدۇ. بۇ خىل ئوينىلىش ئۇسۇلى ئاددىيراق بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەرىكەتلىنىش ئاسان، بەدەننى چېنىقتۇرۇش رولى چوڭ، بولۇپمۇ بەدەننىڭ قاڭقىش كۈچىنى ئاشۇرۇش، بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشتە بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە. بۇ خىل چاقپەلەكنىڭ خادا ياغىچى تەخمىنەن ئالتە مېتىردىن سەككىز مېتىرغىچە بولۇپ، بۇ خادا ياغاچ يەرگە تىك قىلىپ مۇستەھكەم ئورنىتىلىدۇ. بۇ خادا ياغاچنىڭ ئۇچىغا يەنىلا ھارۋا چاقى ياكى شارەكلىك چاق كىيگۈزۈلىدۇ. چاقنىڭ ئۈستىگە <+> شەكىللىك ئىككى باستۇرۇق ياغاچ باغلانغان بولىدۇ. چاقنىڭ چەمبىرىگە ئوخشاش ئارىلىق قويۇپ تۆت دانە ھالقا مۇستەھكەم بېكىتىلىپ، بۇ ھالقىلاردىن تۆت تال ئېسىلىپ ھەرىكەتلىنىش ئارغامچىسى چۈشۈرۈلىدۇ. بۇ ئارغامچا 80 - 100 كىلوگراملىق كۈچىنىشكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇپ، خادا ياغاچتىن 30 - 50 سانتىمېتىر قىسقا بولىدۇ. ئارغامچىنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن ئۇچى ھەرىكەتلىنىپ، ئۇچقۇچىنىڭ يوتىسى پاتقۇدەك ئىلمەك قىلىپ چىگىلىدۇ. ئۇچقۇچىلار ئەڭ كۆپ بولغاندا تۆت كىشىدىن ئاشمايدۇ. بۇلار سول پۇتنى ئارقاننىڭ ئىلمىكى ئىچىگە سېلىپ، سول قولىدا ئارغامچىنى مەھكەم تۇتىدۇ. يۇقىرىقى تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن، ھەرىكەتلىنىپ كۆتۈرۈلىدۇ ۋە ئايلىنىش ھاسىل قىلىدۇ. چۈشۈشكە توغرا كەلگەندە چاقپەلەكتە ئۇچقۇچىلار ئۇچۇش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ يەرگە چۈشىدۇ. بۇ ھەرىكەتنىڭ تارىخى مۇنداق: ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر كلاسسىك داستانى <يۈسۈپ ئەخمەت> تە ئېيتىلىشىچە، شاھزادە يۈسۈپ ئەخمەت بۇغراخان شاھ بىلەن كېىشەلمەسلىك تۈپەيلىدىن، ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ باشقا يۇرتقا چىقىپ كەتكەن، ئۇ ئۆزى ئولتۇراقلاشقان ماكانغا ئۆز ھەمراھلىرى بىلەن جەم بولۇپ چاقپەلەك باغلاپ، ناغرا - سۇناي چېلىپ، ھەشەمەتلىك مەرىكە ئۆتكۈزۈپ، ئەتراپتىكى دېھقان - چارۋىچىلارغا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتكەن. شۇڭلاشقا، چاقپەلەك ئويۇنىنى ئەڭ ئاز دېگەندە ⅢⅩ ئەسىرلەردە مەيدانغا كەلگەن ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بولۇشى مۇمكىن دەپ قىياس قىلىشقا بولىدۇ. ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بۇ چاقپەلەك ئويۇنى تارقىلىش جەريانىدا ھەر خىل ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە بۇ ئويۇننى مىللىتىمىز قىزغىن سۆيگەنلىكى ئۈچۈن، يەنىلا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس بولۇپ داۋاملىشىپ كەلمەكتە."[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش