چاقچاق - ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، خەلق ئاغزاكى ئىجادىيىتىنىڭ ھەجۋى تۈرىگە خاس ئاممىۋى ژانىردۇر. چاقچاق ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا شۇنچىلىك كەڭ ئومۇملاشقانكى، چاقچاقسىز سورۇننى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئۆزىنىڭ شەكلى بويىچە، چاقچاق ئالاھىدە بىر خىل دىئالوگ بولۇپ، ئۇ ئادەتتە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بىر توپ ئادەملەر ئارىسىدا قانات يايىدۇ. ئەمما، چاقچاق خاراكتېر جەھەتتىن كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى سۆھبىتى ئەمەس. چاقچاقنىڭ يادروسى جاراڭلىق كۈلكە بولغاچقا، ئۇ كىشىلەردە ئىختىيارسىز تەبىئىي كۈلكە قوزغاشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىنسان كۈلكىگە موھتاج. شۇڭا، كىشىلەر <بىر قېتىم كۈلسەڭ ئون يىل ياشىرىسەن> دېيىشىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدا چاقچاق بىر خىل مەنىۋى كۈچ سۈپىتىدە، ئىنسان قەلبىگە ئېستېتىك تۇيغۇ بېغىشلاپ روھىنى ئۇرغۇتىدۇ. ھايات مەئىشەتلىرىدىن ھۇزۇرلاندۇرىدۇ. ئۇيغۇرلار خۇش چاقچاق، يۇمۇرغا باي خەلق، شۇڭا ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ چاقچاقنى ئۆز تۇرمۇشىغا ھەمراھ قىلىپ كەلگەن. ئۇلار ئۆز ئارا بىر - بىرى بىلەن كۆرۈشكەندە گېپىنى چاقچاق بىلەن باشلايدۇ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى توي - تۆكۈن ۋە باشقا مۇراسىملار، خىلمۇ خىل سەيلە پائالىيەتلىرى، ئاممىۋى مەشرەپلەر، مېھماندارچىلىق ۋە سۆھبەتلەرنىڭ ھەممىسى چاقچاقسىز ئۆتمەيدۇ شۇڭا، كۈلكە - چاقچىقى بولمىغان ئولتۇرۇشلارنى نەزىرگە ئوخشىتىپ، ئۇنىڭدىن رازى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كەڭ تارقالغان <نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى>، <سەلەي چاققان لەتىپىلىرى>، <موللا زەيدىن لەتىپىلىرى> دىن تارتىپ ياكى بۈگۈنكى رېئال تۇرمۇشىمىزغا كۈلكە بېغىشلاۋاتقان ھېسام ئاكا قاتارلىق لەتىپىچىلەرنىڭ خۇشخۇي ئوبرازلىرى ئۇيغۇرلاردىكى ئەنە شۇ چاقچاق ئادىتىنڭ سىماسى، ئۇيغۇر سۆز سەنئىتىدە چاقچاق ژانىرىنىڭ شۇنچىلىك ئەۋج ئېلىشى، ئۇلارنىڭ مىللىي پسىخىكىسىدىكى يۇمۇرلۇق خاراكتېرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بۇ خىل خاراكتېرنىڭ يېتىلىشىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيىلىك شارائىتى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي شارائىتى، تارىخىي شارائىتى، مەدەنىيەت قاتلىمى قاتارلىق ئىچكى - تاشقى ئامىللارنىڭ مىللىي خاسلىقى سەۋەب بولغان. ئۇيغۇر چاقچاقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ، ھازىر جاۋابلىق، دەلمۇدەللىك، قاراتمىلىق، يوشۇرۇن مەنىدارلىق، ئوبېكتلىق قاتارىق ئالاھىدىلىكلەرگە مەركەزلىشىدۇ. ھەر قانداق ۋاقىتتا چاقچاق بىرەر تېمىغا، بىرەر نىشان (ئوبيېكت) غا مەركەزلىشىدۇ، ئۇنىڭدىن چەتنەپ كەتسە چاقچاقنىڭ كۈچى بولمايدۇ ھەمدە كۈلكە پەيدا قىلالمايدۇ. ئۇيغۇرلاردا چاقچاقنىڭ تۈرلىرى سورۇنغا قاراپ ھەر خىل بولىدۇ. مەسىلەن، <ئۇچۇق قىلىش> خاراكتېرىدىكى چاقچاقلار، يەنى كونكرېت بىر ماۋزۇ ئەتراپىدا ئايلىنىپ تۇرغان چەمبەر ئىچىدە چاقچاق قىلىش. چاقچاقنىڭ بۇ خىل شەكلىدە مەلۇم بىر شەخسنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ھەر بىر ئېپىزوت ۋە قىزىق پەيتلىرى، خاراكتېرىدىكى ھەر بىر ئېپىزوت ۋە قىزىق پەيتلەرنى كۈلكىلىك تەسۋىرلەش، مۇبالىغىلەشتۈرۈش ئارقىلىق غەيرىي <ئادەم> ياساپ چىقىش - <ئۇچۇق قىلىش> دېيىلىدۇ. چاقچاقلار ئاجايىپ ماھارەت بىلەن ئۆز ئوبيېكتىنى <ئۇچۇم> قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا ئەپچىل ئۇسۇل بىلەن ئۇنى قايتۇرۇپ قاتارغا قوشۇۋالىدۇ. نەتىجىدە، چاقچاق ئوبيېكتى جۈملىدىن باشقىلارمۇ بۇنىڭدىن ھېچقانداق غەيرىيلىك ھېس قىلمايدۇ. <لەقەملىك چاقچاق> - چاقچاقنىڭ ئەڭ كەڭ تارقالغان شەكلى. ئۇيغۇرلاردا شەخسلەرنىڭ خاس ئىسمىغا قانداقتۇر بىر لەقەمنى قوشۇپ ئاتاش ئادەتكە ئايلانغان. خەلقتە <لەقەمسىز كىشى بولماس> دېگەن ئىبارىلەر بار. دەرۋەقە، ئۇيغۇرلاردا شەخسىي لەقەمدىن باشقا ئاتىدىن بالىغا، بالىدىن بالىغا مىراس قالىدىغان ئەۋلادلار لەقىمى، ھەتتا يۇرت - مەھەللىلەرگە ئورتاق يۇرت لەقەملىرى بولىدۇ. لەقەملىك چاقچاقتا چاقچاق ئوبيېكتىنىڭ لەقىمىنى توغرىدىن - توغرا تىلغا ئالماي خىلمۇ خىل بوياق بىلەن پەردازلاپ ئىشارەتلىك سۈرەتلەش ئارقىلىق كۈلكە پەيدا قىلىدۇ. لەقەملىك چاقچاقتا چاقچاقنڭ ھازىر جاۋابى بولۇش، تەسەۋۋۇر ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ماقال - تەمسىللىك چاقچاقلار، چاقچاقنىڭ بۇ تۈرى كۆپ ھاللاردا لەقەلىك چاقچاقلار بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ. مەسىلەن، بىر كىشىنىڭ لەقىمى <تۆگە> بولۇپ، ئۇ بىر ئولتۇرۇشتا قوپال، قاملاشمىغان ئىش قىلىپ قويسا، بۇنى بايقىغان چاقچاقچى <تۆگىنىڭ مازار بىلەن ئىشى يوق> دېگەن ماقالىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق چاقچاق باشلايدۇ. چۈنكى، ھەر قانداق ماقال - تەمسىل پەيدا بولۇش جەھەتتىن قاراتمىلىققا ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن، چاقچاقچىلار خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئىچىدىكى ماقال - تەمسىللەردىن، نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىدىن، خەلقىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. چاقچاقنىڭ <ئوخشىتىش> شەكلىدە ئوبيېكت قىلىنغان شەخسنىڭ قىياپىتىدە، خۇلقى - مىجەزىدە كۆزگە چېقىلىدىغان غەلىتە كۆرۈنۈش ۋە غەيرىي ھالەتلىرىنى خۇددى شۇنىڭغا ئوخشىشىدىغان تۈرلۈك نەسىلەرگە - ھايۋانات، ئۇچار قانات ۋە باشقا نەرسىلەرگە ئوخشىتىش، ئۇچار قانات ۋە باشقا نەرسىلەرگە ئوخشىتىش، تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە تەقلىد قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق چاقچاقنى راۋاجلاندۇرىدۇ. قاپىيىلىك چاقچاق. چاقچاقنىڭ بۇ شەكلى شېئىرىي شەكلىدە قاپىيە قوغلىشىش ئۇسۇلى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. قاپىيىلىك چاقچاق ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتىنى نامايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، كىشىلەرگە بەدىئىي لەززەت بېرىدۇ. خەلق ئارىسىدا <قاپىيىگە كەلگەندە ئاناڭدىن قايتما> دېگەن ئىبارە بار. بۇ قاپىيىلىك چاقچاق شەكلىنىڭ خەلقىمىز ئارىسدا ئالاھىدە ئېتىبارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ <سۆز ئويۇنى> مۇ چاقچاقنىڭ ئۆزىگە خاس بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇبالىغە، ئوخشىتىش، سىمۋول، مېتافورا قاتارلىق ئىستىلىستىك ۋاستىلەرگە تايىنىدۇ. دېمەك، خەلق دانىشمەنلىكىنىڭ يۈكسەك بىر ئىپادىسى بولغان چاقچاقتا خەلق تىلىنىڭ ھەقىقىي بايلىقى، رەڭمۇ رەڭلىكى، ئەۋرىشىملىكى، مەنىدارلىقى، تەسۋىرىي قۇۋۋىتى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى نامايان قىلىنىدۇ. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ھەقىقىي مەنىدىكى چاقچاق بىلەن ئادەتتىكى مازاق قىلىش ماھىيەت جەھەتتە ئوخشاشمايدۇ. چۈنكى، مازاق قىلىشتا بىرىنچىدىن، مەنتىقە يوق، ئىككىنچىدىن، ئىجابىي مەزمۇنىدىن كۆرە، ئۇنىڭدا تەنە ۋە دوق قىلىش ئىپادىسى ياكى بىراۋنىڭ زىتىغا - غۇرۇرىغا تېگىش، شەخسنى كەمسىتىش، مەسخىرە قىلىشقا ئوخشاش سەلبىي مەزمۇندىكى پىكىرلەر ھۆكۈم سۈرىدۇ. ئەكسىچە، چاقچاق ئىلمىي بولىدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ۋە ئەدەب - ئەخلاق مىزانىغا قاتتىق رېئايە قىلىدۇ. كىشىنىڭ ئەيىپىنى ئېچىپ دىلىنى رەنجىتىشتىن ساقلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، چاقچاق سورۇنىغا ۋە ئوبيېكتىپقا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. كىچىكلەر چوڭلارغا، ئەرلەر ئاياللارغا چاقچاق قىلىشتىن ساقلىنىدۇ. قىسقىسى، چاقچاق تۇرمۇشتا خۇش - خۇي مەزمۇن بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ."[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش