چامغۇر يۇلۇش ئويۇنى
بۇ ئاساسەن ئۇيغۇر يېزا ياشلىرى كوللېكتىپ ئوينايدىغان بىر خىل ئويۇن بولۇپ، ئۇنىڭ كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىن تاشقىرى مەلۇم ئىجتىمائىي تۈسىمۇ بار. بۇ ئويۇندا بىر توپ ياشلار بىر تال موما ياغاچ، ياكى دەرەخنى نۇقتا قىلىپ، بىرسى ئۇنى قۇچاقلاپ ئولتۇرىدۇ. قالغانلىرى بىرىنىڭ بېلىگە بىرسى گىرە سېلىپ قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ، بىر ئۇزۇن گىرەلەشمە سەپ ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ئۇزۇن سەپ بىر ئادەمنىڭ چامغۇرلۇقى بولۇپ يەنە بىرەيلەن <خاننىڭ ئەلچىسى> بولىدۇ. ئەلچى سەپنىڭ ئارقا تەرىپىدىن بىر پۇتىنى كۆتۈرۈپ ئاقساپ كېلىپ <چامغۇر ئىگىسىدىن> <خاننىڭ قىزىنىڭ تويى بوپتىكەن. بىر باش چامغۇر بەرسۇن دەيدۇ> دەپ سورايدۇ. <چامغۇر ئىگىسى> بەرمەسلىكنىڭ تەرىپىنى قىلىپ <چامغۇر ئەمدى تكت قۇلاق بولدى، باش تارتقاندا كەلسىلە> دەيدۇ. <ئەلچى> ئاقسىغان پېتى قايتىپ كېتىپ، يەنە شۇ ھالەتتە قايتىپ كېلىدۇ ۋە بايىقى سۆزنى تەكرارلايدۇ. <چامغۇر ئىگىسى> ئىمكانقەدەر بەرمەسلىكنىڭ ئامالىنى قىلىپ يەنە قايتۇرۇۋېتىدۇ. كېلىپ - كېتىش بىر قانچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن <چامغۇر ئىگىسى> <ئوتاپ، سۇلاپ ئۆزلىرى يۇلۇۋالسىلا> دەيدۇ. <ئەلچى> بىر - بىرىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرغانلارنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇلارنىڭ سۇنۇپ ئولتۇرغان پۇتىنى تۇتۇپ قويۇپ: <ئۇتىدىم - سۇلىدىم، ئوتىدىم - سۇلىدىم> دەپ تەكرارلىغىنىچە ھەممە كىشىنىڭ پۇتىنى بىر قېتىمدىن تۇتۇپ سىلاپ چىقىدۇ. ئاندىن ئەڭ ئاخىرقى ئادەمدىن (چامغۇر) دىن باشلاپ يۇلۇشقا باشلايدۇ. قۇچاقلىشىپ ئولتۇرغانلاردىن كىمنىڭ قولى ئاجىراپ كېتىپ <يۇلۇنۇپ> كەتسە شۇ كىشى ئاقساق ئەلچى بولۇپ، چامغۇر تىلەپ كېلىدۇ. باشقىلار يەنە <چامغۇر> يۇلىۋېرىدۇ. ئويۇن زېرىككىچە شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىۋېرىدۇ."[1]