چاچ كېسىش ئويۇنى

<چاچ كېسىش> ئويۇنى ئۇيغۇر قىزلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئون نەچچە ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە. ئۇنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئىسلام دىنىغا كىرىشتىن بۇرۇن ئېتىقاد قىلغان شامان دىنى مەزگىلىدىن تارتىپلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەك - شۈبىھسىز، شامان دىنى ئېتىقادىدا <ئۇن>، <نۇر>، <كۈن>، <ئاي> قاتارلىقلار مۇقەددەس سانىلىدۇ. شۇ زاماندا ياشىغان ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرى كۆڭلىگە پۈككەن بۈيۈك ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئۆز ئېتىقادىدا مۇقەددەس سانالغان شەيئىلەرگە تىۋىنىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنغان. جۈملىدىن ئۇلار يارىشىملىق ئۇزۇن چاچقا خۇشتار بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ تۈرلۈك يوللىرىنى ئىستىخىيىلىك ھالدا ئىزدىگەن، يەنى ياز كۈنلىرى ياغقان يامغۇردىن كېيىن، ئاسماندا ھەسەن - ھۈسەن پەيدا بولغاندا چېچىنى ئۆينىڭ بوسۇغىسى (بۇنىڭدا ئادەم ئولتۇرۇشلۇق ئۆينىڭ بۇسۇغىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ، چۈنكى ئادەم ئولتۇرۇشلۇق ئۆينىڭ بوسۇغىسى ھەم پاكىز، مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ) غا قويۇپ، بىر قولىدا چاچنىڭ ئۇچىنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولىغا كىچىك ئايپالتىنى ئېلىپ چاچنىڭ كىچىككىنە قىسمىنى كەسكەن (باشقا نەرسىدە كەسسە دۇرۇس بولمايدۇ ھەم چاچ ئۆسمەيدۇ دەپ قارىلىدۇ، چۈنكى <ئايپالتا> دېگەن ئىسىمدىكى <ئاي> سۆزى <ئاي> غا ئېتىقاد قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، <ئايپالتا> <ئاي كەبى پارلاق> دېگەن مەنىگە ئىگە دېگەن قاراش بار). بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن توم چاچلىق بولۇش ئارزۇسىغا غايىبانە ھالدا بولسىمۇ يېتىشنىڭ يولىنى ئىزدىگەن. ھەتتا كېيىنچە بۇ غايە رېئاللىققا ئايلانغان، شۇڭلاشقىمۇ بۇ ئويۇن ئەسىرلەردىن ئەسىرلەرگە داۋاملىشىپ، ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا مىراس قالغان. چاچ كېسىشتىن مەقسەت ئۇنى يوق قىلىۋېتىش ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆستۈرۈش. دېمەك، بۈگۈنكى <چاچ كېسىش> ئويۇنى ئەنە شۇ تارىختا ئۆتكەن ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنىڭ چاچ كېسىش ئادەتلىرىنىڭ داۋامىدۇر. <چاچ كېسىش> ئويۇنى ئادەتتە ياز پەسلىدىكى يامغۇر ياغقان كۈنلىرى يامغۇر توختاپ ئاسماندا ھەسەن - ھۈسەن كۆرۈنگەن چاغلاردا (ئايرىم ھاللاردا ھەسەن - ھۈسەن كۆرۈنمىسىمۇ مەيلى، ئەمما يالغۇر ياغقان بولۇشى شەرت) قىزلار تەرىپىدىن ھويلا - ئاراملاردا ئوينىلىدۇ. بۇ ئويۇننى ئويناشتا، قىزلار يامغۇر يېغىشقا باشلىغان ھامان چاچلىرىنى پاكىز يۇيۇپ، تارغاق - سۈزگۈچ سېلىپ تاراپ، ئالدىن ئاز - تولا تەييارلىق كۆرۈۋالىدۇ. ئاندىن مەھەللىنى بىرلىك قىلىپ مەلۇم بىر قىزنىڭ ھويلىسىغا يىغىلىدۇ - دە، يامغۇرنىڭ توختىشىنى، ھېچبولمىغاندا بىر ئاز پەسلىشىنى كۈتكەچ <ياغاچ ئايپالتا> ياسايدۇ (قانچە گۇرۇپپىغا بۆلۈپ ئويناش پىلانلانغان بولسا شۇنچە ئايپالتا تەييارلىنىدۇ)، ئۆزلىرى خالىغانچە گۇرۇپپلارغا بۆلۈنگەندىن كېيىن، ئويۇن كۆرسىتىش نۆۋىتىنى تالىشىدۇ. ئويۇن باشلاش نۆۋىتىنى ئالغان قىز ئوڭ قولىدا <ئايپالتىنى>، سول قولىدا تال - تال ياكى بىر جۈپ ئۆرۈلگەن چېچىنىڭ ئۇچىدىن بىر - ئىككى سانتىمېتىر كېلىدىغان قىسمىنى تۇتۇپ، بوسۇغىغا ئېڭىشىدۇ. ئويۇن كۆرىدىغان باشقا قىزلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، گويا بىر مۇقەددەس دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقاندەك تەرىزدە دىققىتىنى يىغىپ جىمجىت تۇرىدۇ. ئويۇن كۆرسىتىدىغان قىز ئۆزىگە ئوڭ كەلگەن تەرەپنى ئاساس قىلغان ھالدا چېچىنى بوسۇغىغا ئوڭ - سول ياندىن قويۇپ، كۆڭلىدە <چېچىم تېز ئۆسسۈن، ئاۋۇسۇن، توم بولسۇن> دەپ، كەسكەندەك شەكىل پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل شەكىلدىكى ھەرىكەت يۇقىرىقى تەرتىپ بويىچە شۇ كۈنى ئويۇنغا قاتناشقان قىزلار تەرىپىدىن تەكرارلىنىدۇ. ھەممىسى بىر قېتىمدىلا <كېسىپ> بولغاندىن كېيىن، كېسىلگەن <چاچ> لىرىنى ھويلا ۋە باغلاردىكى گۈللەرنىڭ تۈۋىگە كۆمۈۋېتىپ ئۆز ئارا <چېچىم ئۇزۇن، كۆپ، ئاۋۇشلۇق، توم بولسۇن> دەپ تەكرارلىشىدۇ، چىرايلىرىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ شادلىنىدۇ. <چاچ كېسىش> ئويۇنى ئۆزىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدىكى تارىخىي قىممىتى ۋە مول رېئال ئەھمىيىتى بىلەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئارىسىدا تا بۈگۈنگىچە ساقلانماقتا. ئۇ قىزلارغا ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ خاسلىقىنى تونۇش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئۆز ۋۇجۇدىدا تەبىئىي مەۋجۇت گۈزەللىگىنى تونۇتىدۇ. گۈزەللىك خەزىنىسىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىنى ھەدىيە قىلىدۇ."[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش