چىرا يېزىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. چىرا بازىرىنى ئوراپ تۇرىدۇ، ناھىيە بازىرىدىن ئاران يېرىم كىلومېتىر يىراقلىقتا، ئومۇمىي كۆلىمى 3195.1 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 45811 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 1.7 مودىن، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 28050 مو، بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي كۆلىمى 14025 مو كۆممىقوناق كۆلىمى 14025 مو، ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 4800 مو، ئورمان يەر كۆلىمى 19125 مو، 4500 مو ئوتلاق، قاقاسلىق 3 مىڭ مو، باشقا يەر كۆلىمى 7861 مو.

چىرا يېزىسى

策勒乡.Chira town

چىرا ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە چىرا ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 19 دانە
نوپۇس 31 مىڭ
يەر مەيدانى ؟
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت چىرا ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

چىرا يېزىسى قارمىقىدا 19 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار، ئۇلار :

  • چىغلىقئېرىق كەنتى،
  • تېرىقئېرىق كەنتى،
  • چوڭكۆل كەنتى،
  • ئاقكۆل كەنتى،
  • توغراقئېرىق كەنتى،
  • ئۇقادي كەنتى،
  • مەخمەل كەنتى،
  • يۇقارىقى جاي كەنتى،
  • جاي كەنتى،
  • ئۇچقۇن سەگى كەنتى،
  • ئارىش كەنتى،
  • تۆۋەن جاي كەنتى،
  • مازار كۆل كەنتى،
  • ئوغرىق كەنتى،
  • باش ئۈجمە كەنتى،
  • تۇپا كەنتى،
  • كاڭكال كەنتى،
  • توپا ئېرىق كەنتى،
  • تۆۋەن توغراق كەنتى قاتارلىقلار.

ئىقلىمى تەھرىرلەش

بۇ يېزا قۇرۇقلۇق ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق چۆل كىلىماتىغا كىرىدۇ، ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى شۇكى، كىلىماتى ئىللىق، كۈن نۇرى يېتەرلىك، ئىسسىقلىق بايلىقى مول، كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، قىروسىز مەزگىلى ئۇزاق، ھەر خىل دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق، ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى زور، ئەتىيازدا قۇرغاقچىلىق، شامال كۆپ چىقىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.6، قىروسىز مەزگىلى 213 كۈن، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 45.6 مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2479.8 مىللىمېتىر، قۇم-بوران كۈن سانى 19.5 كۈن، چاڭ-توزانلىق كۈن سانى 149.4 كۈن.

بايلىقى تەھرىرلەش

يېزىدا دەريا سۈيى ئارقىلىق يەر سۇغۇرۇش ئاساس قىلىنىدۇ، دەريا سۈيىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىم مىقدارى 12000 مىڭ كۇب مېتىر، يىللىق كاپالەت نىسبىتى %75، ئەتىياز پەسلىدە ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 2600 كۇب مېتىر، يازدا (6-8-ئايلار) ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 10000 مىڭ كۇب مېتىر، كۈزلۈك (9-11-ئايلار) ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 16 مىليون كۇب مېتر، قىش پەسلىدە (12-2-ئايلار) دا ئوتتۇرىچە ئېقىم مىقدارى 1 مىليون 400 مىڭ كۇب مېتىر، دەريا سۈيى ئوتتۇرىچە مىقدارى سەككىز كىلوگرام ھەر كۇب مېتىر، يېزا يەر ئاستى سۇ بايلىقى ئىنتايىن مول، ھەرىكەتچان زاپىسى 60000 مىڭ كۇب مېتىر، قېزىش مىقدارى 3000 كۇب مېتىر.