چىغانلىق ئېقىن ئېغىزى

بۈگۈر ناھىيىسىدىكى چىغانلىق ئېقىن ئېغىزى

ھۆججەت:Ciganliq.jpg
چىغانلىق ئېقىن ئېغىزى

كىروران قەدىمكى شەھىرىچاقىلىق ناھىيىسىگە جايلاشقان بۇلۇپ، لوپنۇر كۆلنىڭ غەربىي شىمالىغا توغرا كېلىدۇ. شەھەر خارابىسى سەل چاسا شەكىلىدە بۇلۇپ، سېپىللىرىنىڭ ساقلىنىشى ئانچە ياخشى ئەمەس. سېپىل قالدۇقىغا ئاساسەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئىزناغا ئاساسەن ئۆلچىگەندە شەرقىي سىپىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 333.5 مېتىر، جەنۇبىي سېپىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 329 مېتىر،غەربىي ۋە شىمالىي سېپىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 327 مېتىر، شەھەر سېپىلىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 1316.5 مېتىر، خارابىسىنىڭ ئومومىي كۆلىمى 108 مىڭ كۇۋادىرات مېتىر كېلىدۇ. شەھەر سېپىلى سېغىز تۇپىدىن خاڭداپ ياسالغان بۇلۇپ، كۆپ قېتىم رېمونىت قىلىنغان. قالدۇق قىسىمنىڭ ئۇلىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن بەش~ سەككىز يېرىم مېتىر ، قالدۇق ئېگىزلىگى تەخمىنەن بىر ~ تۆت مېتىر كېلىدۇ. قوۋۇق ئىزى ئېنىق ئەمەس. شەھەرنىڭ غەربىدە قەدىمكى دەريا قىنىنىڭ ئىزى بار. كۆنچى دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنىدىن شەكىللەنگەن بۇ دەريا، غەربىي شىمالىدىن شەرقىي جەنۇپقا قاراپ شەھەرنى قىيپاش كېسىپ ئۆتكەن، ئۇ ئەينى زاماندىكى كىروران ئاھالىسىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى بولغان.

بۇ جاي بۈگۈر ناھىيىسىنىڭ چېدىر يېزىسىدىكى چىغانلىق ئېقىننىڭ تاغدىن چىقىش ئېغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبىي تەرىپى چېدىر يېزىسى تۇرۇشلۇق جايغا 12 كىلومېتىر كىلىدۇ.

چىغانلىق ئېقىننىڭ ئاساسلىق مەنزىرىسى مىڭ ئۆي قەدىمكى شەھەر خارابىسى، كۆككە تاقاشقان تىك قىيالار ئارىسىدا شاقىراپ ئېقىپ تۇرىدىغان سۇلاردىن ئىبارەت. مىڭ ئۆي قەدىمكى شەھىرى ئېقىن ئىچىدىكى بىر پارچە يېرىم ئارالغا جايلاشقان بولۇپ، ئۈستىدە تاش ئۆي خارابىسى بار. كىشىلەر بۇ يەرنى زىيارەت قىلىپ، قەدىمنى ئەسلىگەندە قەدىمكى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ ھەربىي قەلئەگە جاي تاللاش ئالاھىدىلىكىنى ھېس قىلالايدۇ. كىشىلەر يېرىم ئارالدا تۇرۇپ، تۆت ئەتراپقا نەزەر سالسا، يىرقتىكى ئىگىز – پەس تاغ تىزمىلىرىنى، تىك يار – قىيالارنى كۆرۈپ، شادلىنىپ يايراپ كىتىدۇ. ئەگەر شىمالىي تەرەپتىن ئېقىن ساھىلىگە چۈشسە، يەنە باشقىچە بىر مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئېقىن ئىچى تاشلىق ساي بولۇپ، تەخمىنەن بىر قانچە يۈز كىلومېتىر كېلىدىغان جاينى تاغ تېرىكى ۋە ھەر خىل چاتقاللار قاپلاپ كەتكەن، شەرقىي، غەربىي ۋە جەنۇبىي تەرەپنى ئېگىزلىكى 50 مېتىردىن ئاشىدىغان تىك قىيالار ئوراپ تۇرىدۇ. چىغانلىق ئېقىننىڭ تېگى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان سۈپ – سۈزۈك سۈيى شىمالدىن جەنۇپقا شاۋقۇنلاپ ئېقىپ، جىمجىت جىلغىغا ئاجايىپ بىر خىل سادا بەخش ئېتىپ تۇرىدۇ. جىلغا ئىچىنىڭ ھاۋاسى ساپ ۋە نەم بولۇپ، ھەر خىل ئۇچار – قاناتلار سايرىشىپ تۇرىدۇ، شۇڭا بۇ يەر ئارام ئېلىشقا باپ، ئېسىل مەنزىرىلىك جايدۇر. جىلغىنىڭ جەنۇبىي تەرىپدىكى ئېقىن سۈيى ئۇدۇل ئېقىپ بېرىپ، بىر چوڭ يانتۇ قىياغا ئۇرۇلۇپ، قاينام ھاسىل قىلىدۇ – دە ئوڭغا بۇرۇلۇپ كەڭلىكى تەخمىنەن 4 مېتىر كېلىدىغان بىر تار قىسىلچاقتىن پەسكە قاراپ ئاقىدۇ. بۇ قىسىلچاقمۇ سۇنىڭ يالىشىدىن ھاسىل بولغان، سۇ يەر يۈزىنى 50 مېتىردەك تىلىۋېتىپ، ئۇ يەرنى خۇددى بوتۇلكىنىڭ بوينىغا ئوخشىتىپ قويغان، ئۇنىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 500 مېتىر كېلىدۇ. كىشىلەر بۇ قىسىلچاقتا سۇغا كېچىپ ماڭسا، ئاسمان بوشلۇقى خۇددى بىر ئىنچىكە تاناپتەك كۆرۈنىدۇ. بۇ يەرگە كۈن بويى قۇياش نۇرى چۈشمەيدۇ، سوغۇقنىڭ دەستىدىن ئادەم مۇزلاپ تۇرىدۇ، تىك قىيالاردا چوقچىيىپ تۇرغان تاشلار ھەر خىل شەكىلدە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.