چىغرىق ـــ خىلى بۇرۇنلا ئەجدادلىرىمىز كېۋەز تېرىپ، پايدىلىنىشنى بىلگەندىن باشلاپ ئىجاد قىلىنىپ، چىگىت بىلەن پاختىنى ئايرىشتا ئىشلىتىپ كەلگەن مۇھىم بىر خىل ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرىمىزنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ، مول ئەنئەنىۋى ھۈنەر-كەسىپكە ماھىر مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات، ئىجىتىمائى تۇرمۇش ۋە ئىجىتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىجاد قىلىپ ئىشلىتىپ كەلگەن.

چىغرىق ئادەتتە ئاساسىي گەۋدە، پۇت (پاچاق)، توقماق، تەپكە، چاتقا (تىزلىق)، ئوق، پۇزا، قۇلاق (ئايلاندۇرغۇچ)، تەپكە، مۇخەك ۋە ئىلغۇچ قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بولىدۇ.

چىغرىقنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى ياساشتا ئالدى بىلەن، غولى چوڭراق سۆگەت ياكى مېۋىلىك دەرەخنىڭ ياغىچى تاللىنىپ، ئۇنى ئۇزۇنلۇقىنى تەخمىنەن 1.5-1.6 مېتىر، كەڭلىكىنى 40-50 سانتىمېتىر، توملۇقىنى 15-20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا قىلىپ شال تىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا مۇۋاپىق كەلگەن ياغاچتا تۆت ياسىلىپ، ئاساسىي گەۋدىسى تەييارلىنىدۇ.

چىغرىقنىڭ توقمىقىنى ياساشتا تالالىرىنىڭ زىچلىق دەرىجىسى ۋە ئېغىرلىقى يۇقىرراق كەلگەن، ئۈجمە ياكى ئۆرۈك قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخنىڭ ياغىچى تاللىنىپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 70-80 سانتىمېتىر، توملۇقى 10-12 سانتىمېتىر ئەتراپىدا، ئىككى ئۇچى تومراق بولغان، ئىككى تال توقماق ياسىلىدۇ. ئاندىن كېيىن ئىككى توقماق چارقپەلەك (+) شەكلىدە قىلىپ، قاپ ئوتتۇرىسىدىن بىر-بىرىگە چېتىپ كىرىشتۈرۈلىدۇ. توقماقلار كىرىشتۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، كىرىشتۈرۈلگەن جايىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۆشۈك ئېچىلىپ، تۆمۈر ياكى چۇيۇندىن سېلىق قىلىپ ياسالغان ئوققا چېتىلىدۇ. (ئوقنىڭ ئۇزۇنلىقى ئادەتتە، 70-80 سانتىمىتىر ئەتىراپىدا بولىدۇ).

پۇزا ـــ ئوق بىلەن ياندىشىپ ئايلىنىدىغان يەنە بىر خىل سايمان بولۇپ، ئۇ قارىغاي ياكى مېۋىلىك دەرەخنىڭ ياغىچىدا، ئوقنىڭ ئۇزۇنلۇقىدىن قىسقىراق، ئەمما توملۇقى ئوق بىلەن تەڭ ۋە سېلىق قىلىپ ياسىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئىككى ئۇچى ئوق بىلەن يانداشتۇرۇلۇپ (جۇپلاپ) چاتقا (تىزلىق)قا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ قۇلاق بېكىتىلىدۇ. (قۇلاق ـــ تومراق كەلگەن ياغاچقا تۆشۈك ئېچىپ ياسىلىپ، بىر تەرىپىنى پۇزىغا چېتىپ، يەنە بىر تەرىپىگە تۇتقا بېكىتىپ قول بىلەن پۇزىنى ئوق بىلەن ماس قەدەمدە ئايلاندۇرىدىغان سايمان).

تەپكە دېگىنىمىز ـــ چىغرىقنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى بىلەن تەڭ كېلىدىغان سېرىق سۆگەتنىىڭ بادرىسىنىڭ بىر ئۇچىغا شوينا (كىچىك ئارغامچا) باغلاپ، ئۇنىڭ ئۇچىغا ياغاچتىن ياسالغان ئىلغۇچنى چىگىپ، بىر توقماقنىڭ ئۇچىغا مۇخەك (قوزۇق شەكلىدە) ياساپ، ئىلمەكنى ئۇنىڭغا ئىلىپ قويۇپ، بادرىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى چىغرىقنىڭ بىر پۇتىنىڭ ئاستىغا باغلاپ قويۇپ، مەشغۇلات قىلماقچى بولغان ئادەم چىغرىقنىڭ گەۋدىسىگە مىنىپ ئولتۇرۇپ، پۇت-قوللىرىنى تەڭ ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بىر پۇتىدا ھېلىقى سۆگەت بادرىسىغا دەسسەپ، تەپكىنى تېپىپ، توقماقنىڭ ئېنىرتسىيەسى بىلەن ئوقنى ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، بىر قولىدا قۇلاقنى چىڭ تۇتۇپ، پۇزىنى ئوق بىلەن ماس قەدەمدە ئايلاندۇرغاچ، يەنە بىر قولىدا ئوق بىلەن پۇزىنىڭ ئارىسىغا كېۋەزنى ئۇدۇللۇق سېلىپ بەرسە، چىگىت بىلەن پاختا بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ چىقىرىلىدۇ.

ئەپسۇسكى، ئىلگىرىكى زامانلاردا ئەجدادلىرىمىزنىڭ چىگىت بىلەن پاختىنى ئايرىپ پايدىلىنىشتا ئۇزۇن يىللار مۇھىم رول ئوينىغان بۇ خىل ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش سايمىنىمىز ھازىرقى زاماندا چوڭ ۋە كىچىك تىپتىكى چىگىت ئايرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى نەتىجىسىدە پەيدىنپەي ئۆزىنىڭ رولىنى يوقاتتى.[1]

مەنبەلەر

تەھرىرلەش
  1. تەڭرىتاغ تورى، 27 دېكابىر 2016 ئۇلانمىسى