چىنلىق − ئاخباراتنىڭ جېنى. چىن بولغاندىلا، ئوقۇرمەنلەرنى ئىشەندۈرگىلى بولىدۇ. ئاخبارات خەۋىرى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ئىنتايىن تەسىرلىك يېزىلغان تەقدىردىمۇ، چىن بولمىسا قىلچە قىممىتى بولمايدۇ، تۈپ نېگىزىدىن ئالغاندا، جېنى يوقىلىدۇ.

ئاخبارات مۇتلەق چىن بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، ۋەقەلىك ھەرقانچە كىچىك، دىئالوگ ھەرقانچە قىسقا بولسىمۇ، چىن بولۇشى كېرەككى، قىلچە يالغان ئارىلىشىپ قالماسلىقى كېرەك. ئۇ ئەدەبىي ئەسەرگە ئوخشىمايدۇ. خەۋەردە پۈتۈنلەي چىن بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، «ئەقىلغا مۇۋاپىق تەسەۋۋۇر»، «تېتىتقۇ» لار قېتىپ قويۇلغان ئاخبارات ئەسىرى ئىنتايىن زىيانلىق. بۇ، مۇخبىرلاردىن ئەمەلىيەتكە چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى ئىگىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ، كوچا خەۋەرلىرى ھامان ئىشەنچلىك بولمايدۇ.

خەۋەرنىڭ پاكىتقا ئۇيغۇن بولماي قېلىش ھادىسىسىنى كىشىلەر «كرىكونچىلىق» (مۇبالىغىچىلىك) دەپ ئاتايدۇ. بۇ ئىبارە مۇنداق كېلىپ چىققان: سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى كورناچۇك ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە «فرونت» دېگەن سەھنە ئەسىرىنى يازغان. ئۇنىڭدا قىسىمغا ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن مۇخبىر كرىكوننىڭ ئالدىنقى سەپتە مۇخبىرلىق قىلغاندا جەڭچىلەرنىڭ ئارىسىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىمەي، ئەتىدىن كەچكىچە قوماندانلىق شتابىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، ئاساسسىز خەۋەرلەرنى توقۇپ چىققانلىقى تەسۋىرلەنگەن. كېيىن ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر خەۋەرنىڭ پاكىتقا ئۇيغۇن بولماي قېلىش ھادىسىسىنى «كرىكونچىلىق» دەپ ئاتاپ، كۆپچىلىكنى كرىكونچە كەسپىي مۇخبىر ۋە ئىختىيارىي مۇخبىر بولۇپ قالماسلىققا ئاگاھلاندۇرىدىغان بولغان.

ئاخبارات تارقلىشى