چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر بەگ تۆرىلەر

چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇر زېمىنىدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئىنئام قىلنغان ئوخشاشمىغان دەرىجىدىكى ئۇيغۇر بەگ – تۆرىلىرى خېلىلا كۆپ. ئەمما ھازىرغىچە كۈن يۈزىگە چىققان ماتېرىياللاردا بۇ ھەققىدىكى مەزمەنلار ناھايىتى ئاز، ھەتتا يوق دېيەرلىك. بۇ مەزمۇن ‹‹چىڭ سۇلالىسى ئوردا خاتىرىلىرى›› نى ئاساس قىلىپ تەييارلانغان.

1. نويان خوجا (خەنزۇچە:诺颜和卓). بۇ كىشى مىلادىيە 1677– يىلى 11– ئاينىڭ 5– كۈنى چىڭ سۇلالىسىگە سوغا – سالام يوللىغان، لېكىن ئۇ يەنىلا دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىدە بولغان[1].

2. بايانبەگ (خەنزۇچە:巴颜白克). بۇ كىشى نويان خوجا بىلەن بىللە چىڭ سۇلالىسىگە سوۋغا – سالام يوللىغان ھەمدە دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىدە بولغان[2].

3. زايسان ئابدۇللا ئېرىك (خەنزۇچە: 啊卜都拉•额尔克寨桑). بۇ كىشىنىڭ ئىسمىغا قوشۇلغان ‹‹زايسان›› نامىدىن قارىغاندا، جۇڭغارلار تەرىپىدىن ئەمەلگە قويۇلغان بولسا كېرەك. بۇ كىشىنىڭ يەنە ئابدۇرېشىتخان ئىسىملىك ئۇيغۇر خانىنىڭ جاسۇسى بولغانلىقى ئېيتىلىدۇ[3].

4. سەيپىدىن ( 赛必定)
5. ئېرىكبەگ (额尔克白克)
6. شاھ خوجا ( 沙和卓) قاتارلىقلار؛ مىلادىيە 1693 – يىل 11– ئاينىڭ 6– كۈنىدىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا، بۇ كىشى چىڭ سۇلالىسىنىڭ تەسلىم بولغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش شەھەرچىسىدە تۇرغان[4].

7. شاھ قاسىم ؟(خەنزۇچە:沙哈孙). مىلادىيە 1693 – يىل 11– ئاينىڭ 6– كۈنىدىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا، جاڭجياكودا تۇرۇشلۇق مولۇ (莫洛) قاتارلىقلار خانىدانىلىققا شاھ قاسىم ، ئېرىكبەگ قاتارلىقلار بىلەن بىرگە قايتىپ كېتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن[5].

8. ئابدۇرېشىت خان (خەنزۇچە:啊卜都•里什特). مىلادىيە 1694– يىل 4– ئاينىڭ 28– كۈنىدىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا، بۇ كىشى ئۇيغۇر خانى سۈپىتىدە شاھ خوجىنى، زايسان ئابدۇللا ئېرىكبەگ (خەنزۇچە:啊卜都来•额尔克寨桑) ئىبراھىم (خەنزۇچە:伊巴里木)، تاش (خەنزۇچە:他斯)، گور مەھمۇت (خەنزۇچە:顾尔•吗哈穆特)، قۇربان (خەنزۇچە:库尔班) قاتارلىقلارنى جاسۇسلۇققا ئەۋەتكەنلىكى ئېيتىلىدۇ[6]. قوشۇمچە ماتېرىيالى: بۇ كىشى مىلادىيە 1696– يىل 9– ئاينىڭ 26– كۈنى چىڭ سۇلالىسىگە رەسمىي بەيئەت قىلغان( ‹‹ شىزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 175– جىلد 13– بەت). ئىلگىرى جۇڭغار خانى غالدان ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئېرىك سۇلتاننى بارىمتايلىققا تۇتۇۋالغان، غالدان مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلار ئەركىنلىككە چىققان[7].

9. ئېرىك سۇلتان (خەنزۇچە:额尔克•苏尔唐). بۇ كىشى ئۇيغۇر خانى ئابدۇرېشىتنىڭ ئوغلى[8]. قوشۇمچە ماتېرىيالى: 10. ئەبەيدۇللا دارخانبەگ (خەنزۇچە:贝杜拉•达尔汉白克 额). قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاقساقىلى. بۇ كىشى مىلادىيە 1696 – يىل 9– ئاينىڭ 28– كۈنى چىڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ سوۋغا – سالام يوللىغان[9].
چىڭ سۇلالىسى ئوردا خاتىرىلىرىدا ‹‹ دارخانبەگ ›› نامى بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ[10].

11. ئارغۇلبەگ (خەنزۇچە:阿尔虎里白克). مىلادىيە 1697 – يىل 1– ئاينىڭ 17– كۈنىدىكى خان كاڭشىغا بېرىلگەن مەلۇماتتىن قارىغاندا، بۇ كىشى خوتۇن – بالىلىرى بىلەن (يەنە ئۇيغۇر خانى ئابدۇرېشىتنىڭ نەۋرىلىرى بىلەن) چىڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلغان[11].

12. گوپا بەگ (خەنزۇچە:郭帕白克). قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاقساقىلى ئەبەيدۇللا دارخانبەگنىڭ ئوغلى، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىككىنچى بېگى (دادىسىدىن قالسىلا) بولغان[12].

13. بەيچىبەگ (خەنزۇچە:白奇白克). قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاقساقىلى ئەبەيدۇللا دارخانبەگنىڭ ئوغلى (ئۈچىنچى ئوغلى — ؟). قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىككىنچى بېگىلىكىگە تەيىنلەنگەن. قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى جۇڭغارلارنىڭ ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ، ئىچكىرىگە كۆچكەندە، بەيچىبەگ قول ئاستىدىكى ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە سۇجۇدا تۇرغان[13].

14. ئىمىن (خەنزۇچە:额敏). مىلادىيە 1715– يىل 5– ئاينىڭ 21– كۈنى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئىمىن ئىسىملىك بۇ كىشى قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى نامىدا تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇ چىڭ سۇلالىسىگە ھەمكارلىشىپ 200 كىشىلىك قوشۇن بىلەن سىۋان ئارابدانغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ 90 ئادىمىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈچ ئادىمىنى ئەسىرگە ئالغان[14]. چىڭ سۇلالىسى ئوردا ماتېرىياللىرىدا ئىمىن خوجا يەنە ‹‹ قۇمۇل جاساقى، بىرىنچى دەرىجىلىك دارخانبەگ ئىمىن ›› (خەنزۇچە:哈密扎萨克一等达尔汉白克 ) ، ‹‹ دۆلەت باسقىغى ›› (خەنزۇچە:镇国公) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قوشۇمچە ماتېرىيالى: جاساق ئىمىن (خەنزۇچە:扎萨克额敏) دەپمۇ تىلغا ئېلىنىدۇ[15].

15. ئاقسۇلتان (خەنزۇچە:阿克苏尔坦). چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرى. مىلادىيە 1720– يىل 10– ئاينىڭ 1– كۈنىدىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى شۇ يىلى 9– ئاينىڭ باشلىرىدا تۇرپانغا بېسىپ كىرگىنىدە، ئاقسۇلتان تۇرپاننىڭ باش بۇغى شاھ زەپەر قاتارلىقلار بىلەن ئەل – ئاۋامىنى باشلاپ چىڭ سۇلالىسىگە تەسلىم بولغان[16].

16. شاھ زەپەر (خەنزۇچە:沙克拍尔). چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۇرپاننىڭ باش بۇغى. چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى مىلادىيە 1720 – يىل 9 – ئاينىڭ باشلىرىدا تۇرپانغا بېسىپ كىرگىنىدە، ئاقسۇلتان قاتارلىقلار بىلەن ئەل – ئاۋامىنى باشلاپ چىڭ سۇلالىسىگە تەسلىم بولغان[17].

17. ئالىم خوجا (خەنزۇچە:阿里穆和涿卓). تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرى. بۇ كىشى چىڭ سۇلالىسى سەركەردىسى فۇنىڭئەن قاتارلىقلارغا جۇڭغار خانى سىۋان ئارابداننىڭ تۇرپانلىق ئۇيغۇرلارنى قارا شەھەرگە مەجبۇرىي كۆچۈرگەنلىكىنى، بىراق تۇرپانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىم يولدىن قېچىپ كەلگەنلىكىنى، جۇڭغارلارنىڭ ئۇلار قاچقاندا ئۇلارنى قىرغىن قىلغانلىقىنى، قىرغىندىن ئامان قالغانلىرىنىڭ لۈكچۈندە تۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ توختى مامۇت ئىسىملىك بىرەيلەننى ئاقساقاللىققا تەيىلىگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن[18].

18. توختى مامۇت (خەنزۇچە:拖克拖麻穆忒). تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرى. جۇڭغار خانى سىۋان ئارابدان تۇرپانلىق ئۇيغۇرلارنى قارا شەھەرگە مەجبۇرى كۆچۈرگەندە، توختى مامۇت باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار يېرىم يولدا تۇرپانغا قاراپ قاچقان، جۇڭغارلار ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ قىرغىن قىلغان. قىرغىندىن ئامان قالغانلىرى لۈكچۈنگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، بۇلارغا توختى مامۇت ئاقساقال بولۇپ تۇرغان. كېيىن توختى مامۇت ئەل – ئاۋامى بىلەن چىڭ سۇلالىسىگە تەسلىم بولغان[19].

19. قۇربان (خەنزۇچە:古尔班). لوپنۇرلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقساقىلى. مىلادىيە 1723 – يىل 4– ئاينىڭ 2– كۈنىدىكى مۇئاۋىن سانغۇن ئالانانىڭ خانغا يوللىغان مەلۇماتنامىسىدىن قارىغاندا، لوپنۇرلۇق (خەنزۇچە:罗卜脑儿) ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان بۇ كىشى قارا كۆل (خەنزۇچە:哈剌库尔)، ساداقتۇ (خەنزۇچە:萨达克图)، قارا قوشۇن (خەنزۇچە:哈剌和邵) قاتارلىق ئۈچ ئورۇندىكى 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى باشلاپ چىڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلغان[20].

20. مۇبەيجىنبەگ (خەنزۇچە:目白斤白克). تۇرپانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرى. چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ مىلادىيە 1727– يىل 5– ئاينىڭ 22 – كۈنى خانغا يوللىغان مەلۇماتنامىسىدە، بۇ كىشىنىڭ چىڭ سۇلالىسىگە ھەر يىلى سوۋغا – سالام يوللاۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ[21].


پايدىلىنىلغان ماتېرىياللار تەھرىرلەش

چىڭ سۇلالىسى ئوردا خاتىرىلىرىدىكى جۇڭغارلارغا ئائىت تارىخىي ماتېرىياللار توپلىمى چىڭ سۇلالىسى ئوردا خاتىرىلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئائىت ماتېرىياللار توپلىمى چىڭ سۇلالىسى ئوردا خاتىرىلىرىدىكى شىنجاڭغا ئائىت ماتېرىياللار توپلىمى


مەنبەلەر تەھرىرلەش

  1. ‹‹شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى›› ، 69– جىلد 20– بەت
  2. ‹‹شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى›› ، 69– جىلد 20– بەت
  3. ‹‹شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى›› ، 84– جىلد 4– بەت، 163– جىلد، 16—17– بەتلەر
  4. ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 160– جىلد 21 – بەتكە قاراڭ
  5. ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 160– جىلد 21 – بەتكە قاراڭ
  6. ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 163– جىلد 16– 17– بەتلەر
  7. ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 176–جىلد 3—4 – بەتلەر
  8. ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 175– جىلد 4—5– بەتلەر
  9. ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 176– جىلد 3—4 – بەت
  10. ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 177– جىلد 9– بەت؛
    178 – جىلد 18– بەت؛
    185– جىلد 14—15 – بەت؛
    201– جىلد 34—35– بەتلەر؛
    280– جىلد 5– بەت
  11. ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ›› ، 178– جىلد 20– بەت
  12. ‹‹شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى››، 185 – جىلد 14 — 15 – بەت
  13. ‹‹شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى››، 185– جىلد 14— 15– بەتلەر
  14. ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 263– جىلد 12—13 بەتلەر
  15. ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 293 – جىلد 14 — 15 – بەتلەر ؛
    ‹‹ شىزۇڭ يوڭجېڭ خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 4– جىلد 34– بەت؛
    ‹‹ شىزۇڭ يوڭجېڭ خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 53 – جىلد 20 – بەت؛
    ‹‹ شىزۇڭ يوڭجېڭ خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 59– جىلد 23– بەت؛
    ‹‹ شىزۇڭ يوڭجېڭ خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 89– جىلد 1– بەت؛
    ‹‹ شىزۇڭ يوڭجېڭ خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 99 – جىلد3 — 4 بەت
  16. ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 288 – جىلد 23—24– بەتلەر
  17. ‹‹شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى››، 288– جىلد23 — 24 – بەتلەر
  18. ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 293 – جىلد 8 — 10 – بەتلەر
  19. ‹‹ شېڭزۇ كاڭشى خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى ››، 293 – جىلد 8 — 10 – بەتلەر.
    قوشۇمچە ماتېرىيالى: ‹‹شىزۇڭ يوڭجىڭ خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى››، 56– جىلد 4 — 5– بەتلەر
  20. ‹‹ شىزۇڭ يوڭجېڭ خاننىڭ ئوردا ىاتىرىلىرى ››، 4– جىلد 35– بەت
  21. ‹‹شىزۇڭ يوڭجېڭ خاننىڭ ئوردا خاتىرىلىرى››، 56 – جىلد 4 — 5 – بەتلەر