چۇ مةدةنىيىتى. ئاساسةن بۈگۈنكى خۇنةن، خۇبېي ۋة خېنةن، ئةنخۇي، جياڭشىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىغا تارقالغان. بۇ مةدةنىيةتنىڭ مةنبةسى قةدىمدىن ئاۋۋالقى رىۋايةت دةۋرىدىكى جۇرۇڭ، سةن مياۋغىچة بېرىپ تاقالغانلىقتىن، مةدةنىيةت مورفولوگىيىسى جةھةتتىن تةھلىل قىلغاندا، ئۇنىڭدا ئوتتۇرا تۈزلةڭلىك خۇاشيا مةدةنىيىتى ۋة جةنۇبتىكى يات قةۋملةر مةدةنىيىتىنىڭ شالغۇتلاشقانلىقىنىڭ روشةن ئالامةتلىرى بار.