چېدىر ئۆي (ئاق ئۆي، كىگىز ئۆي دەپمۇ ئاتىلىدۇ) - ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ شىمال تەرىپىدە كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بىلەن ھايات كەچۈرگۈچى قەدىمكلى خەلقلەرنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق بولغان ئۆي شەكلىدۇر. دەرۋەقە، چېدىر ئۆيلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭلاشقا، يۆتكەشكە ئەپلىك بولغان بۇنداق كۆچمە ئۆيلەر گەرچە شەكلى ئوخشاش بولمىسىمۇ، دۇنيادىكى كۆچمەن خەلقلەرنىڭ ھەممىسىدە مەۋجۇت. تارىخىي ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلاردا ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە كۆچۈشتىن بۇرۇن ئاساسەن چېدىر ئۆيلەردە ھايات كەچۈرگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا <چېدىر> سۆزى <دۈم كۆمتۈرۈلگەن كومزەك> مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. <چېدىر> دېگەن سۆز <چاغىتاي تىلى> دەپ نام قويۇلغان ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىي تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەردە <چېدىر> دەپ يېزىلىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددىزم ئەسەرلىرىدە بۇ سۆز <چادار> شەكلىدە يېزىلىپ <چېدىر> دەپ ترانسكرىپسىيە قىلىنغان ھەمدە <كومزەككە قاچىلانغان جەسەت كۈلى> دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن. بۇ ئەينى زاماندا جەسەت كۈلى قاچىلانغان كومزەكلەرنىڭ چېدىر ئۆي شەكلىگە ئوخشىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

چېدىر ئۆيلەر قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۆكتەڭرىگە ئېتىقاد قىلغان دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تەبىئەتنى تولۇقلاش ئاساسىدىكى ئىپتىدائىي ئېتىقادىدا كۆك (ئاسمان) نى گوياكى دۈم كۆمتۈرۈلگەن كومزەكتەك يەرنى قاپساپ تۇرغان ئىلاھىي كۈچ دەپ تەسەۋۋۇر قىلاتتى. مۇشۇ ئىپتىدائىي تەسەۋۋۇر ئېتىقاد ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە گۈزەللىك قارىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ چېدىر ئۆي شەكلىدە ئۆز ئەكسىنى تاپقان. دېمەك، چېدىر ئۆيلەرنى قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېستېتىك تەسەۋۋۇرىدىكى كۆكتەڭلىرىنىڭ بەدىئىي خەرىتىسىدىن ئىبارەت.

چېدىر ئۆيلەر چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنىڭ پەسىل ئۆزگىرىش خاراكتېرىغا ئاساسەن كۆچۈپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان ياغاچ قۇرۇلمىلىق قۇراشتۇرما ئۆيدۇر.

چېدىر ئۆينىڭ جازىسى ئاساسەن ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ. ئاستىنقى بۆلىكىنىڭ دىۋارى رومبا شەكىللىك قىلىپ بىر - بىرىگە كىرىشتۈرۈلگەن كەرەگە ياغاچلاردىن تۈزۈلىدۇ. كەرەگە (ياغاچ پەنجىرە) ئىككى خىل بولۇپ، بىرى، كەڭ كۆزلۈك پەنجىرە دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل پەنجىرىلىك كەرەگە يۆتكەشكە يەڭگىل بولسىمۇ، لېكىن شامالغا چىدامسىز كېلىدۇ. يەنە بىرى، تار كۆزلۈك پەنجىرە بولۇپ، ئۇ يۆتكەشكە ئېغىر بولغىنى بىلەن شامالغا چىداملىق كېلىدۇ. چېدىر ئۆينىڭ ياغاچ پەنجىرىلىرى يىغىلىشچان خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، پارچە - پارچە قاناتلار رەتلىك كىرىشتۈرۈلۈپ ياسىلىدۇ. ئىككىنچى بۆلەك - <ئوۋق> دەپ ئاتالغان سىلىق، ئىنچىكە ياغاچلار پەنجىرىنىڭ ئۈستىگە چېگىلىدۇ. يەنە بىر ئۇچى چېدىر ئۆينىڭ ئۆگزىسى ھەم دېرىزىسى ھېسابلانغان يۇمىلاق تۈڭلۈك (چاڭغىراق) كە تۇتاشتۇرۇلىدۇ. تۈڭلۈك چەمبەرسىمان ئېگىلگەن ياغاچ بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوۋقنىڭ بىر ئۇچى پاتقۇدەك تۆ شۈك ئېچىلىدۇ. ئاشۇ تۆشۈككە ئوۋق تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئىككى بۆلەك بىرلىشىپ گۈمبەزسىمان چېدىر ئۆي شەكىللىنىدۇ.

ياغاچ پەنجىرە بىلەن ئوۋق ھەر خىل رەڭلىك يۇڭ كاشايىپلار بىلەن مەھكەم چىگىلىدۇ ھەمدە ياغاچ پەنجىرىنىڭ سىرتىغا رەڭلىڭ يىپلار ئارقىلىق بېزەلگەن چىغ تۇتۇلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن گۈمبەز شەكلىگە كىرگەن بۇ ياغاچ جازىنىڭ ھەممە ئەتراپى ئۆلچەملىك كىگىزلەر بىلەن چۈمكىلىدۇ. بۇ كىگىزلەر ئۈچ خىل بولىدۇ. ياغاچ پەنجىرە ئۈستىگە ياپىدىغىنى <تۇغۇرلۇق>، ئوۋق قىسمىنىڭ ئۈستىگە ياپىدىغىنى <ئۈزۈك>، تۈڭلۈكنىڭ ئۈستىگە ياپىدىغىنى <تۈڭلۈكلۈك> دېيىلىدۇ. بۇ ئۈچ بۆلەك كىگىز يۇڭ يىپلار بىلەن بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ چىگىلىدۇ.

چېدىر ئۆينىڭ ئىشىكى ئادەتتە ئىككى قاناتلىق بولۇپ، ئېگىزلىكى بىر يېرىم مېتر ئەتراپىدا، كەڭلىكى سەكسەن سانتىمېتر ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ ئىشىك ياغاچتىن نەقىشلەپ ياسالغان بولۇپ، ئۈستىگە بېزەلگەن كىگىزدىن مىلەڭزە تارتىلىدۇ. چېدىر ئۆينىڭ ئوتتۇرىسى (تۈڭلۈكنىڭ ئۇدۇلى) غا تاماق پىشۇرىدىغان ئوچاق قويۇلىدۇ. بۇ خىل ئوچاقمۇ يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان تۆمۈر جازىدىن ئىبارەت.

چېدىر ئۆيلەرنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ھەر خىل بولىدۇ. ئادەتتىكى چارۋىچىلارنىڭ چېدىر ئۆيى تۆت قانات، ھال - ئوقىتى ياخشىراقلارنىڭ ئالتە قانات بولىدۇ. ئەڭ چوڭى ئون ئىككى قاناتلىق بولۇپ، ئۇنىڭغا تەخمىنەن قىرىق - ئەللىك ئادەم سىغىدۇ.

ھازىر دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، چېدىر ئۆيلەردە ئولتۇرۇش بارغانسېرى ئازايماقتا. (ئا)