چېچەن ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچىسى

چېچەن ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچىسى تۇنجى نۇسخىسى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى تارقىتىلغان بولۇپ، 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى 2.0 نۇسخىسى تارقىتىلدى. مەزكۇر دېتال ياخشى شىركىتى ئىشلەپ ھەقسىز تارقاتقان كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش دېتالى. ھازىرغا قەدەر چېچەن كىرگۈزگۈچىسىنى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتقانلار سانى 100 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ. ياخشى شىركىتى داۋاملىق تۈردە چېچەن كىرگۈزگۈچنىڭ يېڭى نەشىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

چېچەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى ھەققىدە

مەزكۇر ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياخشى تور پەن-تېخنىكا شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ھەقسىز يۇمشاق دېتال.

نۆۋەتتىكى نۇسخىسى : چېچەن v1.0

ئاساسلىق ئىقتىدارى :

1. ئىملا خاتالىقىدىن ساقلىنالايسىز، سۆزلۈك ئامبىرى تەجرىبىلىك كوررېكتورلارنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتكەن.

2.ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچ، چېچەن كىرگۈزگۈچىسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كىرگۈزۈش ئادىتىنى ئەستە ساقلايدىغان بولۇپ، كۆپ ئىشلەتكەن سۆزلىرىڭىزنى نامزات سۆزلۈك قاتارىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنىغا تىزىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

3.يۇمشاق كۇنۇپكا تاختىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەگەر سىز يېڭى ئۆگەنچى بولسىڭىز يۇمشاق كۇنۇپكا تاختىسىنى قوزغىتىپ ، كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق ( ياكى كۇنۇپكا تاختىسىغا قاراپ ) خەت كىرگۈزسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

4. كىرگۈزۈش سۈرئىتىڭىز تېزلىشىدۇ، سىز كىرگۈزمەكچى بولغان سۆزنىڭ باش ھەرپلىرىنى كىرگۈزسىڭىزلا ، چېچەن سىزگە كىرگۈزگەن ھەرپلىرىڭىزگە ماس كېلىدىغان ، كۆپ ئىشلىتىلگەن سۆزلەرنى نامزات سۆز قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

5.سۆز بىرىكمىسى كىرگۈزۈش تېخىمۇ قولايلىق ھەم تېز، مەسىلەن: ‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ›› دىگەننى يازماقچى بولسىڭىز پەقەت ‹‹ ش ۇ ا ر ›› ئىككى ھەرپنى كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ، ‹‹ ئۈرۈمچى شەھىرى ›› دىگەننى يازماقچى بولسىڭىز ‹‹ ۈ ش ›› ئىككى ھەرپنى كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ. ( سۆز بېرىكمىسى يازغاندا ئەمزە ‹‹ ئ ››قوشۇپ يېزىشىڭىز ھاجەتسىز )

6.كۆپ خىل كىرگۈزگۈچ ئۇسلۇبى تەمىنلەندى، ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئۇسلۇب، رەڭلەرنى تاللاپ ئىشلىتەلەيسىز. يەنە شىركىتىمىز تەمىنلىگەن Chichenicc ئۇسلۇب لايىھەلەش قورالى ئارقىلىق ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان پاسوندىكى ئۇسلۇبلارنى ياساپ ئىشلىتەلەيسىز.

7.بىر كۇنۇپكا بىلەنلا ئەڭ يېڭى سۆزلۈك ئامبىرىنى ئىشلىتەلەيسىز، سۆزلۈك ئامبىرىنى توردا يېڭىلاشقا بولىدۇ، شىركىتىمىز سۆزلۈك ئامبىرىنى داۋاملىق تولۇقلايدۇ، سۆزلۈك ئامبىرى يېڭىلاش ئۈچۈن دېتالنى قايتا قاچىلىشىڭىز ھاجەتسىز.

8.shift كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە، لاتىنچە كىرگۈزۈشنى ئالماشتۇرالايسىز، ئىنتايىن قولايلىق.

9.قاچىلاش باسقۇچى ئاددىي، قولايلىق؛ قاچىلاشتىن ئىلگىرى ياكى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن كومپيۇتېرىڭىزنىڭ تەڭشەكلىرىنى ئۆزگەرتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

مەزكۇر دېتالنىڭ بارلىق ھوقۇقى ياخشى تور پەن-تېخنىكا شىركىتىگە تەئەللۇق

[1][2]