چەكمەن يەرلىك ئۇسۇلدا توقۇلىدىغان بىر خىل رەخت، چەكمەن ئاساسلىقى تۆگە يۇڭىنى خام ئەشيا قىلىدۇ. چەكمەن توقىلىدىغان يۇڭ پاكىز تازىلىنىپ، ئىنچىكە ئىگىرىلىپ چىقىرىلىدۇ. يىپ تەخلىنىپ بولغاندىن كېيىن چەكمەن توقۇيدىغان ئۇستىلار ياز كۈنلىرى سالقىن جاينى تاللاپ يىگىرمە مېتىر كەلگىدەك يەرگە ئىككى قوزۇق قېقىپ، يىپنى ئۇنىڭغا يۆرگەيدۇ، ئاندىن قىرىق سانتىمېتىر كەڭلىكتە تاختاينى موكا ئورنىدا ئىشلىتىپ، قىلىچ شەكىللىك يەنە بىر تاختاي بىلەن چىڭداپ چىقىدۇ.

تۆگە يۇڭىدا توقۇلغان چەكمەن ناھايىتى چىداملىق بولۇپ، خېلى ئۇزاق يېڭى پېتى كەيگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، سوغۇقى ئېشىپ كېتىشتىن بولغان رىماتىزم كېسىلىنى پەسەيتىش، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش ۋە نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە.[1]

مەنبە تەھرىرلەش

  1. مۇھەممەد تۇرسۇن ھەسەن، تەڭرىتاغ تورى 27 دېكابىر 2016 ئۇلانمىسى