چەۋگەن - تۈركىي خەلقلىرىنىڭ بولۇپمۇى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ياشاش شارائىتىغا زىچ ماسلاشقان، ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئات ئۈستى ئويۇنىدۇر. چەۋگەننىڭ تارىخى ھەققىدە كۆپ ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلىپ، چەۋگەننىڭ تۈركىي خەلقلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئات ئۈستىدىكى ئەنئەنىۋى ھەرىكىتى ئىكەنلىكى ھەققىدە نۇرغۇن دەلىل - ئىسپاتلىق ماتېرىياللار تېپىلدى. بۇ ھەقتە دەسلەپكى خۇلاسىمىزنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىمىز. 1970 - يىلى ئارخېئولوگىيىلىك قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تۇرپان ئاستانىنىڭ قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن 7 - ئەسىرگە مەنسۇپ بولغان ئات ئۈستىدە ئولتۇرۇۋېلىپ چەۋگەن ئويناۋاتقان لايدىن ياسالغان ھەيكەل تېپىلغان، بۇ ھەيكەلنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 37 سانتىمېتىر بولۇپ، ئات ئۈستىدە بېشىغا دوپپا، ئۈستىگە تون كىيگەن بىر كىشىنىڭ ئوڭ قولىدا توپ كالتىكى كۆتۈرۈپ، ئاق ئاتقا مىنىپ چېپىپ كېتىۋاتقانىكەن. ئات بىلەن چەۋەندازنىڭ قىياپىتى تولىمۇ ساغلام يارىتىلغان. ئۇنىڭدا ئەينى ۋاقىتتىكى چەۋگەن مۇسابىقىسىدىكى جىددىي ۋە جۇشقۇن توپ تالىشىش كۈرىشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. 11 - ئەسىردىكى قاراخانىيلار تارىخىدا ھەر خىل تەنھەرىكەتچىلەر قاتارىدا چەۋگەننىڭ بارلىقى ھەمدە قاراخانىيلار خانلىقىدا ئەلچى ۋە ھەربىي ئەمەلدار بولۇش ئۈچۈن، چەۋگەن ئويناشنى بىلىشى شەرت ئىكەنلىكى يېزىلغان. 11 - ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ <قۇتادغۇبىلىك> داستانىدا: <يەنە دامكا - شاھماتنى ئۇ بىلسۇن خوپ، ئويۇنغا چۈشكۈچىنى ئالسۇن ئۇتۇپ. ئۇ بىلسۇن چەۋگەننى، ئاتار بولسۇن ئوق، يەنە قوشچى ۋە ئوۋدا تەڭدىشى يوق.> دەپ يېزىلغان. 11 - ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇلۇغ تىلشۇناسى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا <ئۇ ماڭا چەۋگەن ئېگىپ بەردى> دەپ يېزىلغان. <تۈرك قامۇسى> دا <بۈگۈنكى ئات ئۈستىدە ئوينىلىدىغان چەۋگەن ئويۇنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قوۋملارنىڭ قەدىمكى زاماندىكى ئات ئۈستىدە ئوينىغان ئويۇنلىرىنىڭ بىرى ئىدى. چەۋگەن ئويۇنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھىندىستانغا كەلتۈرۈلدى. ئۇ يەردە ئىنگىلىزلار كۆرۈپ ياۋروپاغا ئاپىرىشتى. پولو (POlO) نامى بىلەن دۇنياغا تونۇلدى> دەپ يېزىلغان. <تۈرك مىللىي مەدەنىيىتى> دە چەۋگەن ھۇنلاردىن تارتىپ تۈركلەرگىچە ئوينالغان بولۇپ، كۆك تۈركلەر دەۋرىدە جۇڭگوغا تارقالغان. ئاتقا مىنىش، ئات ئۈستىدە ئوق ئېتىش ھەر بىر كىشىنىڭ تەبىئىي مەشغۇلاتلىرى ۋە دائىملىق تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرى ئىدى دېيىلگەن.  ھىجىرىيە 445 - يىلى شەمسۇل ماننىڭ غەرب ھەققىدە يازغان ئەسىرىدە <چەۋگەن ئويناشتا، ھەممە كىشى بىراقلا ئاتلانماسلىقى كېرەك. مەيدانغا سەككىزدىن ئارتۇق ئادەم چۈشمىسۇن. بىر ئادەم مەيداننىڭ يېنىدا تۇرسۇن، يەنە بىر ئادەم مەيداننىڭ ئايىغىدا تۇرسۇن، ئالتەك كىشى مەيدانغا چۈشۈپ توپ سوقسۇن> دېيىلگەن. <ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر> دېگەن كىتابتا 15 - ئەسىردە ياشىغان ئەڭ مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ بىرى بولغان لۇتفى ئۆزىنىڭ غەزەللىرىدە <ئەي چېچى چەۋگەن گۈزەل بار، بېشىمنى كېسىپ توپ قىل، مېنى سەرگەردان قىلماي يېنىڭدىكى كىشىلەرنىڭ ئايىغىغا تاشلا> دەپ يېزىلغان. يۇقىرىدىكى تارىخىي ھۆججەتلەر ۋە يادىكارلىقلار چەۋگەن ئويۇنىنىڭ ئەزەلدىن چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق ۋە تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، ئات مىنىش، چوماق تۇتۇپ ئوۋ قىلىش، ئوت چاپتۇرۇش، ئوغلاق تارتىشىش، ئات ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىشكە ماھىر تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئارىسىدا خېلى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ھەر قانداق بىر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ھامان تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ياشاش شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن باغلانغان بولىدۇ. تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ، ياشاش شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىرەر پائالىيەتنى ئالغا سۈرۈش ۋە چېكىندۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. شۇنداقلا، بۇ پائالىيەتتە باشقىچە تۈس پەيدا قىلىدۇ. كېيىنكى چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش شارائىتى ئۆزگەردى. ئۇلار چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشتىن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا، شەھەرلەرگە توپلىشىپ ياشاشقا ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن چەۋگەن ئويۇنى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئوينالماي قالدى. ئويناش ئۇسۇلى: چەۋگەن مەيدانىنڭ ئۇزۇنلۇقى 300 مېتىر، كەڭلىكى 100 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. 80 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر ئۇچى ئەگرى چوماق شەكىللىك كالتەك بىلەن قاتتىق ياغاچتىن ياكى كۆندىن ياسالغان توپنى ئات ئككى تەرەپ قارىمۇ قارشى بولۇپ، قاپقىغا ھەيدەپ كىرگۈزۈپ ئوينايدۇ. قايسى تەرەپ توپنى كۆپ كىرگۈزگەن بولسا شۇ تەرەپ توپنى كۆپ كىرگۈزگەن بولسا شۇ تەرەپ يەڭگەن ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىدىغان ئادەم 10 دىن كەم بولمايدۇ. بۇ ھەرىكەت كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە ئاستا - ئاستا ئوينىلىشتىن قالدى. بۇ ئويۇننىڭ تارىختىكى ئويلىنىشىدىن قارىغاندا ھەر بىر تەرەپتىن بەشتىن ئوشۇق ئادەم قاتنىشىشقا بولمايد. تاشقۇرغاندا گەرچە ئازادلىققىچە ئاندا - ساندا ئوينالغان بولسىمۇ ھازىر ئوينالمايدىغان بولۇپ قالدى شۇڭا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مىراسلىرىنى قۇتقۇزۇپ، ئۇنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشقا ئوبدان يېتەكچىلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ھەرىكەت ھازىر دۇنياۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە سەھنىگە چىقىتى. چەۋگەن ئويۇنى بىزدە ياخشى تۇتۇلسا، ئەزەلدىن ئات ئۈستىدە ياشىغان شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر چوقۇم مەملىكەت ۋە دۇنيا سەھنىسىدىن ئورۇن ئالالايدۇ. «ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنلىرى» دىن[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش