گابائىن خانىم ( ئاننە مارلەۋوڭابائىن) تۈركىي تىللار ، بولۇپمۇ قەدىمكى زامان تۈركىي تىللىرى ، جۈملىدىن ئۇيغۇرتىلى ، شىنجاڭ تارىخى ، مەدەنىيىتى ، دىنى ، گۈزەل سەنئىتى جەھەتتە ئۆمۈر بويى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە . ئۇنىڭ بۇ ھەقتە يازغان مەخسۇس ئەسەرلىرى ئون نەچچىدىن ، ئىلمىي ماقالىلىرى ( جۈملىدىن مۇھىم تەقرىزلىرى ) 200پارچىدىن ئاشىدۇ .

ھازىرقى دۇنيا تۈركىي خەلقلىرىنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە سازاۋەر ، غەربىي گېرمانىيىلىك ئاتاقلىق تۈركولوگ گابائىن خانىمنى زامانىمىزدىكى تۈركولوگلارنىڭ سەركەردىسى دېيىشكە مۇناسىپ .

ئۇ پېنسىيىگە چىقىشتىن ئىلگىرى ھامبۇرگ ئۇنىۋىرىستىتېدا تۈركولوگىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بۇددا دىنشۇناسلىقى بويىچە پروفېسسور بولغان ۋە گېرمانىيە ئورال – ئالتايشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى ۋە ئورال – ئالتايشۇناسلىق يىلنامىسى › نىڭ مەسئۇل باش مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى قىلغانىدى . ئۇنىڭ تۈركولوگىيە خىزمىتىنى قىلغانىدى. ئۇنىڭ تۈركولوگىيە جەھەتتىكى ئاجايىپ تۆھپىلىرى بولغانلىقىدىن تۈركىيە ، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئوقۇتۇش تەتقىقاتى خىزمەتلىرىگە كۆپ قېتىم تەكلىپ قىلغان ، شۇنىڭدە 1971- يىلى خەلقئارا ئالتايشۇناسلىق جەمئىيىتى دائىمىي ھەيئىتىنىڭ ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .

پروفېسسور گابائىن خانىم 1901- يىلى 7- ئاينىڭ 4- كۈنى مورچىنگېن مورەھەڭەن) — ھازىر فرانسىيىگە قاراشلىق ) دېگەن يەردە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ دادىسى گېرمانىيە ئارمىيىسىدە گېنېرال بولغان . گابائىن خانىم 1920- يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن بېرلىن داشۆسىدە تۈركىي تىللار سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقى ۋە خەنزۇشۇناسلىقنى ئۆگەنگەن . 1926- يىلى دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئالغان . ئاندىن كېيىن ، گېرمانىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە كىرىپ ، تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىنى ئوقۇش – تەتقىق قىلىش بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنىپ كەلدى .( گېرمانىيە خخ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 1- دۇنيا ئۇرۇشىغىچە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ، تۆت قېتىم تۇرپان ، كۇچا قاتارلىق جايلاردا ئارخېئولوگىك قېزىش ئېلىپ بېرىپ ، شىنجاڭدىن قەدىمكى تىلدىكى نۇرغۇن قوليازمىلارنى ئېلىپ كەتكەنىدى ) . گابائىن خانىم 1929-1934 – يىللىرى ئارىلىقىدا ئۇۋىلى بانگ بىلەن ئالتە توملۇق ‹ قەدىمكى تۈركىي تىلىدىكى تۇرپان يازما تېكىستلىرى › نى ئېلان قىلغان . بۇ ئۇلار تەتقىق قىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدا يېزىلغان بۇددا دىنىي ۋە مانى دىنى يازما تېكىستلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، ‹ قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدا يېزىلغان مانى دىنىدا شامال ئىلاھى ھەققىدىكى پارچىلار › ( 1928- يىلى ) ، ‹ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما پارچىلار ئۈستىدە تەتقىقات › ( 1930- يىلى ) قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان . ئۇ 1931- يىلى بېيجىڭغا كېلىپ ، ئېلىمىزنىڭ پروفېسسورى يۈئەن پۇلى شىنجاڭدىن ئەكەلگەن ، بېيجىڭ كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان ‹ شۈئەن زاڭنىڭ تەرجىمىھالى › نى تەتقىق قىلغان ۋە 1933-يىلى كۈزدە پارىزھدىكى گۇيمېت مۇزېيىدا ساقلانغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹ شۈئەن زاڭنىڭ تەرجىمىھالى ›نىڭ باشقا بىر نۇسخىسىنى تەتقىق قىلغان ھەمدە 1935- يىلى ‹ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹ شۈئەن زاڭنىڭ تەرجىمىھالى › دىكى خەت – چەكلەر ›قاتارلىق تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلغان . ئۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما يادىكارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا كېيىنرەك ‹قەدىمكى زامان تۈركىي تىللار گرامماتىكىسى › ( 1941- يىلى ) دېگەن دەۋر بۆلگۈچ ئەسىرىنى يازغان . ئۇنىڭ بۇ كىتابى قەدىمكى تۈركىي تىللار ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش ، تەتقىق قىلىشتىكى ئاساسىي پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پروفېسسور گابائىن خانىم قەدىمكى تۈركىي تىللار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە ، ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرىنى تەتقىق قىلىشقىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن . ئۇ 1945- يىلى ‹ ھازىرقى زامان ئۆزبېك تىلى گرامماتىكىسى › دېگەن كىتابنى ئېلان قىلغان . بۇنىڭدىن باشقا ، ئۇ ھازىرقى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئەل ئەدەبىياتى قوشاق ، داستان قاتارلىق تۈرلىرى ) گىمۇ ناھايىتى قىزىققان .

پروفېسسور گابائىن خانىم 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ، 1949- يىلىدىن باشلاپ ھامبۇرگ ئۇنىۋىرىستىتېدا ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان . 50- يىللاردا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ، ‹ قەدىمكى تۈركىي تىلىدىكى تۇرپان يازما يادىكارلىقلىرى ئۈستىدە تەتقىقات › نىڭ 8- ، 9- ، 10- توملىرىنى ئېلان قىلغان . 1957-يىلى مايىنزى ( مائىنز ) شەھىرىدە ساقلىنىۋاتقان ‹ مائىترى سىمىتنىڭ ئۇچرىشىشى › نى ئېلان قىلغان . 1961- يىلى بۇ ئەسەرنىڭ شەرقىي بېرلىندا ساقلىنىۋاتقان يەنە بىر قىسمىنى تېپىپ ئېلان قىلغان . ئۇ يۇقىرىقىلاردىن باشقا ، خەلقئارا نوپۇزلۇق ئەسىرى ‹ تۈركىي تىللار ئەدەبىياتى ئاساسلىرى › ئۈچۈن يازغان ‹ قەدىمكى تۈركىي تىللار ئەدەبىياتى › ، ‹ قەدىمكى كۈسەن ئەدەبىياتى › قاتارلىق مەخسۇس ماقالىلىرىدە قەدىمكى تۈركىي تىللار ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئومۇملاشتۇرۇپ بايان قىلغان . پروفېسسور گابائىن خانىم تۈركىي تىللار بويىچىلا ئەمەس ، بەلكى تۈركىي خەلقلەر تارىخىي ، بولۇپمۇ مەدەنىيەت تارىخىي جەھەتتە مۇتەخەسسىس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . 40- يىللارنىڭ ئاخىرى ، 50-يىللارنىڭ باشلىرىدا ‹ قەدىمكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىدا شەھەرلەرنىڭ رولى › ( 1949- يىل ) ، ‹ ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى تارىخى › ( 1952- يىل ) ، ‹ بۇددا دىنى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا › ( 1954-يىل ) قاتارلىق مۇھىم ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان . ئۇ 60-يىللاردىن باشلاپ ، تۇرپان رايونىنىڭ ماددىي مەدەنىيىتى ، دىنىي ئەھۋالى ۋە سەنئەت بۇيۇملىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن پائال شۇغۇللانغان . بۇ جەھەتلەردە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ، ‹ ئىدىقۇت قەدىمكى ئۇيغۇر ۋاڭلىقى › ( 1961- يىل ) ، ‹ قەدىمكى تۇرپان رايونىنىڭ باسما سەنئىتى › ( 1967-يىل ) ‹ ئىدىقۇت قەدىمكى ئۇيغۇر ۋاڭلىقىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشى › ( 1973- يىل ) قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان .

پروفېسسور گابائىن خانىمنىڭ تۈركولوگىيە تەتقىقاتىدا ياراتقان مەڭگۈ ئۆچمەس تۆھپىلىرىدىن باشقا ، تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر قىممەتلىك ئەمگىكى — ئۇزاق مۇددەتلىك ئوقۇتۇش پائالىيىتىدە ئۇ گېرمانىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈن بىر تۈركۈم تۈركولوگلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈردى . بۇلاردىن بەزىلىرى زامانىمىزدا خەلقئارادىكى مەشھۇر ئالىملاردىن بولۇپ قالدى. مەسىلەن ، ياپونىيىلىك فۇيافۇ ، دانىيىلىك ئاسموسسېن ، تۈركىيىلىك شىناسى تېكىن ، ئامېرىكىلىق ئېلسې لاۋدىئې سىرتاۋتاس ( زھۇرنىلىمىزنىڭ 1987-يىل 12- سانىدا تونۇشتۇرۇلدى ) ، گېرمانىيىلىك ك. رول بورىن قاتارلىق پروفېسسورلارنىڭ ھەممىسى ھامبۇرگ ئۇنىۋىرىستېتىدا ئۇنىڭ ئوقۇتقان ئوقۇغۇچىلىرى . پروفېسسور گابائىن خانىم جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ سابىق باشلىقى ، پېشقەدەم تىلشۇناس ، تارىخشۇناس بۇرھان شەھىدىنىڭ تەكلىپى بويىچە ياشانغانلىقىغا ۋە ئارىلىقنىڭ يىراقلىقىغا قارىماي، 1982-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە ئېلىمىزدە زىيارەتتە بولدى . زىيارەت جەريانىدا ئېلىمىزنىڭ ئالاقىدار ساھەلەردىكى ئالىملىرىغا ۋە خىزمەتچىلىرىگە ‹ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا ئەسىرىدىن بۇيانقى تۈركىي تىللاردىكى يازما يادىكارلىقلىرى ›، ‹ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئويما رەسىم سەنئىتى ۋە جۇڭگو › ، ‹ خەلقئارا ئورال – ئالتايشۇناسلىق ئىلىمىي جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەت ئەھۋالى › ، ‹ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تام رەسىمى سەنئىتىدىكى خەنزۇلارنىڭ تەسىرى › دېگەن تېمىلاردا ئىلمىي دوكلات بەردى . ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىي ياكى شىنجاڭ تارىخىي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر نەچچە ئالىملار بىلەن كۆرۈشۈپ ، قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخى مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى ھەمدە ئالىملىرىمىزمۇ چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى . گابائىن خانىم سورىغان سوئاللارغا قىسقىچە جاۋاب بەردى ياكى يىپ ئۈچى بىلەن تەمىن ئەتتى . ئۇ يەنە غەربىي گېرمانىيە ئورال – ئالتايشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىلمىي پائالىيىتى ، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات ئەھۋاللىرىنى نۇقتىلىق تونۇشتۇردى . ئۇ ئېلىمىزنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىدە يۇقىرىقى تېمىلاردا كۆپ قېتىم ئىلمىي دوكلات بەردى. تۇرپان ، دۇڭخۇئاڭغىمۇ بېرىپ، ئېكسكۇرسىيە ۋە ساياھەت قىلدى.

گابائىن خانىم ئۆمۈر بويى تۇرمۇش قۇرماي ، ئۆزىنى ئىلىم – پەنگە بېغىشلاپ ، تۈركولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە .