گۆشلۈك پولو
گۆشلۈك پولۇ
گۈرۈچ ئىككى يېرىم كىلوگرام، ئەبجەش ياغ 500 گرام، زىرە مۇۋاپىق، گۆش بىر كىلوگرام، سوققان قەلەمپۇر مۇۋاپىق، سەۋزە بىر يېرىم كىلوگرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، پىياز بىر تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
1. گۈرۈچنى پاكىز تازىلاپ، سوغۇق ياكى ئىلمان سۇ بىلەن 4-3 قېتىم يۇيۇپ، سەۋزە قەلەمچە، پىياز يالپاق، گۆش 140 گرام چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ. 2. قازانغا ياغنى قۇيۇپ، قائىدىگە مۇۋاپىق ياخشى داغلىغاندىن كېيىن، گۆش سېلىنىدۇ. گۆش سەل قورۇلغاندىن كېيىن، پىيازنى سېلىپ گۆش بىلەن بىللە قورۇلىدۇ. پىياز سارغايغاندا سەۋزىنى سېلىپ ئازراق تۇز سېپىپ ئارىلاشتۇرۇپ يەنە قورۇلىدۇ. 3. سەۋزە قورۇلۇپ توق سېرىق رەڭگە كىرگەندە، زىرە، قەلەمپۇر سېلىپ سەۋزە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، قايناق سۇ قۇيۇپ، پەس ئوتتا 60-50 مىنۇت سىم - سىم قاينىتىلىدۇ. ئاندىن تۇز تەمىنى تەڭشەپ، ئوتنى پەسەيتىپ، يۇيۇپ تەييارلانغان گۈرۈچ سېلىنىدۇ. ئوچاقتا كۆيۈۋاتقان ئوت تارتىۋېتىلىپ، چوغدا پىشۇرۇلىدۇ. سۇ گۈرۈچ يۈزىدىن بىر سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇشى، گۈرۈچ سېلىغاندىن كېيىن قازان تەكشى قاينىتىلىشى لازىم. تەكشى قاينىمىسا، پولۇ ئالا بولۇپ قالىدۇ. 4. گۈرۈچ سېلىشتىن بۇرۇن زىرۋەكنىڭ تۇز تەمىنى تەڭشىۋېلىش كېرەك. گۈرۈچ سېلىنىپ بولغاندا، بولۇپمۇ گۈرۈچ سۇنى سۈمۈرۈپ بولغاندا تۇز تەمىنى تەڭشەش قىيىن. ئاشنىڭ سۈيى تارتىلىپ بولغاندا، بىر نەچچە يېرىگە تاياقچە سانجىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، گۈرۈچنىڭ يۈزىدىكى سۇ ئاستىغا چۈشۈپ قاينايدۇ. ئاستىدىكى ھور ئۈستىگە چىقىپ، گۈرۈچنىڭ ھەممە يىرىگە ھور تېگىپ، گۈرۈچنىڭ پىشىشىغا ئىمكانىيەت تۇغۇلىدۇ. قازاننىڭ سۈيى ئاساسەن تۈگىگەندە ئاش دەملىنىدۇ. ئاشنىڭ دەم يېيىش ۋاقتى گۈرۈچنىڭ مىقدارى ۋە سورتىغا باغلىق. ئادەتتە مۇشۇ ئۇسۇلدا ئەتكەندە 25 ـ20 مىنۇت دەملەنسە بولىدۇ. ئاش دەم يېگەندىن كېيىن، ئاشنى ياخشى ئۆرۈپ، ئارىلاشتۇرۇپ ئۇسۇش كېرەك. داستىخانغا پولۇ بىلەن بىللە سوغۇق قورۇمىلار كەلتۈرۈلسە تېخىمۇ ياخشى.