گۇما چوڭ مەسچىتى

بۇ جامە گۇما بازىرى ئىچىدە بولۇپ ، ئىگىلىگەن ئورنى 3819 كىۋادىرات مېتىر ، جامە ئىچىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 2560 كىۋادىرات مېتىر ، ئۇزۇنلىقى 67 مېتىر ، كەڭلىكى 57 مېتىر كېلىدۇ ، بۇ جامە نامازخانا ، ئىچكى - تاشقى ھويلىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 1216 كۋادىرات مېتىر ، تېمىنىڭ ئوزۇنلىقى 178 مېتىر ، پولات چىۋىقلىق سېمونت دەرۋازا راۋىقى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولۇپ ، ئېگىزلىكى 17 مېتىر ، راۋاقنىڭ چوققىسىدىكى بوغۇم - بوغۇم شەكىللىك زىننەت قۇرۇلىشىدا پولات چىۋىق تىرەپ تۇرىدىغان ئاي - يۇلتۇز بەلگىسى بار ، ئۇنى كىچىك رەڭدار چىراغلار ئوراپ تۇرىدۇ . ئۈستۈنكى قەۋىتى يۇمىلاق تورۇسلۇق ئەزانخانا بولۇپ ، نامازغا ئەزان توۋلىنىدۇ ، ئىچكى - تاشقى ھويلىلارنىڭ دەرۋازىلىق بىناسى بار . سرتقى ھويلا دەرۋازىسىنىڭ ئۈستى تەرەپ ئوتتۇرسىغا سائەت ئورنۇتۇلغان ۋە قۇغۇن ، ئۈزۈم ، گۈل نۇسخىللىرى قاپارتما نەقىش قىلىنغان . دەرۋازا تورۇسىنىڭ ئوتتۇرسىغا ئاسما چىراغ بېكىتىلىپ ، ئەتراپىغا سېمونتتىن ياسالغان قۇغۇن ، ئۈزۈم ۋە گۈللەر ئېسىپ قويۇلغان بولۇپ ، رەڭگى ئۇچۇق ، شەكلى ئەينەن ، مىللىي ئۇسلۇبقا ئىگە .

ئىچكى ھويلىدا خىشلىق سۇپا ، نامازخانا ، تۈنەكخانا ۋە ئىسھاق ۋەلىنىڭ خاتىرە ئۆيى بار . بەش تۈپ يوغان سېدە دەرىخى نامازخانىنىڭ ئالدىدا قەد كۆتىرىپ تۇرىدۇ . جەنۇب ۋە شىمال تەرەپلىرىدە بىردىن يان ئىشىك ۋە توققۇز ئېخىزدىن ھۇجرا بار . قىرلىق كىچىك تۈۋرۈكلەر بىلەن تىرىلىپ ، پېشايۋان ھاسىل قىلىنغان . جامەدە بىرلا ۋاقىتتا 5000 دىن ئارتۇق ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ . ئۇنىڭ دەسلەپكى ئۇلى رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا ، مىلادىيە 12 - ئەسىرلەردە سېلىنغان بولۇپ ، 1550 - يىللىرى خوجا ئىسھاق ۋەلىيۇللا دېگەن كىشى تەرىپىدىن كېڭەيتىپ ياسالغان . 1860 - يىللىرى ياقۇببەگ زامانىدا چوڭ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلغاندا ، گۇمىدىكى ئاتاقلىق دىنىي زات ئىبراھىم ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن جامەنىڭ دائىرىسى قايتىدىن كېڭەيتىپ سېلىنغان . 1981 - يىلى يەنە قايتىدىن كېڭەيتىپ قۇرۇلغان . بۇ جامە ھازىر ئەڭ چوڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنى بولۇپ ، ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنيەت يادىكارلىقى ئورنى ھېسابلىنىدۇ .