گۈل ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىيىش ئەزاسى بولۇپ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ.

مەيلى قانداقلا گۈل بولسۇن، بىر تال مۇكەممەل گۈل گۈل سېپى، گۈل تېگى، گۈل كاسىسى، گۈل تاجىسى ۋە گۈلنىڭ ئاتىلىق ھەم ئانىلىقلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ روشەن ۋە شەكىل ئۆزگىرىشلىرى ئەڭ زور بولىدىغىنى گۈل تاجىسىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، قىچا، تۇرۇپ قاتارلىقلارنىڭ كرېست شەكىللىك گۈل تاجىسى؛ پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنىڭ كېپىنەكسىمان گۈل تاجىسى؛ ئاپتاپپەرەس، جۇخارگۈل قاتارلىقلارنىڭ نەيسىمان (كانايسىمان) گۈل تاجىسى؛ گۈل بوغۇم، زەرۋىچ (زۇلقا) قاتارلىقلارنىڭ كالپۇكسىمان گۈل تاجىسى؛ گۈلەمبىر، تاغ دېنى قاتارلىقلارنىڭ دوخرەكسىمان گۈل تاجىسى؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەشقىپىچەك، ئىتياڭىقى (بەڭگى دىۋانە) قاتارلىقلارنىڭ ۋارونكىسىمان (سۇنايسىمان) گۈل تاجىسى ۋە باشقىلار. گۈل تاجىلىرىنىڭ رەڭگى چىرايلىق بولۇپ، گۈلنىڭ ئاتىلىق ۋە ئانىلىقلىرىنى قوغداش، چاڭلاشتۇرىدىغان ھاشاراتلارنى جەلپ قىلىش رولىغا ئىگە.

ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈللىرى ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن گۈل ئوقىغا ئوخشىمىغان شەكىلدە تىزىلىپ رېتى بويىچە ئېچىلىدۇ، مانا بۇ «گۈل رېتى» دەپ ئاتىلىدۇ. قىچا، قىزىلپېلەك (ۋىستېرىيە پېلىكى) قاتارلىقلارنىڭ گۈللىرىدە تەڭ ئۇزۇنلۇقتىكى گۈل ساپلىرى بولۇپ، ئۇزۇن بىر گۈل ئوقىدا ئۆسىدىغان بولغاچقا، ئومۇم گۈل رېتى دېيىلىدۇ؛ شال، سېرىنگۈل قاتارلىقلارنىڭ گۈل رېتىنىڭ سىرتقى شەكلى سەل يۇمىلاقراق كونۇسسىمان بولغاچقا، كونۇسسىمان گۈل رېتى دېيىلىدۇ؛ مېھرىگىياھ، پىياز قاتارلىقلارنىڭ گۈللىرى ئەتراپقا چېچىلىپ جايلاشقان بولۇپ، كېرىلگەن كۈنلۈككە ئوخشايدىغان بولغاچقا، كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى دېيىلىدۇ؛ پاقىيوپۇرمىقى، تىزماگۈل قاتارلىقلارنىڭ گۈللىرىنىڭ سېپى بولمايدۇ ياكى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، گۈل ئوقىغا زىچ تىزىلىپ ئۆسىدىغان بولغاچقا، باشاقسىمان گۈل رېتى دېيىلىدۇ؛ جۇخارگۈل، ئاپتاپپەرەس قاتارلىقلارنىڭ گۈللىرى باشسىمان ياكى تەخسە شەكىللىك ئومۇم گۈل تەگلىكىدە توپلىشىپ ئۆسىدىغان بولغاچقا، باشسىمان گۈل رېتى دېيىلىدۇ.

بەزىلەر4000 خىلدىن ئارتۇق گۈللەرنىڭ رەڭگىنى ستاتىستىكىلاپ، ئاق، سېرىق، قىزىل، كۆك، سۆسىن، يېشىل، قىزغۇچ سېرىق، قارامتۇل قوڭۇر ۋە قارا رەڭدىن ئىبارەت توققۇز خىل رەڭدىن چەتنەپ كەتمەيدىغانلىقىنى بايقىغان. رەڭگارەڭ گۈللەرنىڭ رەڭگى گۈل تاجى ياپراقچىسى تەركىبىدىكى پىگمېنتلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. قىزىل، كۆك، سۆسىن گۈللەرنىڭ گۈل تاجى ياپراقچىسىنىڭ تەركىبىدە سىئانىدىنلار بولۇپ، ئۇلار رەڭ ئۆزگەرتىدىغان »سېھىرگەر«لەردۇر. يەنى كىسلاتالىق ماددىلارغا يولۇققاندا قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، ئىشقارلىق ماددىلارغا يولۇققاندا كۆك رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. سېرىق، قىزغۇچ سېرىق گۈللەرنىڭ گۈل تاجى ياپراقچىسىنىڭ تەركىبىدە كاروتېن بولىدۇ، ئاق رەڭلىك گۈللەردە بولسا پىگمېنت بولمايدۇ. ھەربىر گۈل تەركىبىدىكى پىگمېنتلار بىلەن كىسلاتالىق ۋە ئىشقارلىق ماددىلارنىڭ مىقدارى ئوخشاش بولماسلىقى ھەمدە سۇ، تېمپېراتۇرا، يورۇقلۇق قاتارلىق مۇھىت شارائىتى جەھەتتىكى پەرقلەرنىڭ ناھايىتى چوڭ بولۇشى تۈپەيلىدىن بەزى گۈللەرنىڭ رەڭگى قېنىق، بەزى گۈللەرنىڭ رەڭگى سۇس بولىدۇ.

گۈللەرنىڭ كۆپىنچىسى خۇش پۇراقلىق بولىدۇ. ئالىملارنىڭ ستاتىستىكىلىشىچە، خۇش پۇراقلىق گۈللەرنىڭ ئىچىدە ئاق، سېرىق، قىزىلدىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭدىكىلىرى ئەڭ كۆپ بولىدىكەن، بولۇپمۇ ئاق رەڭلىك گۈللەرنى «خۇش پۇراقلىق گۈللەردىكى ئەڭ» دېيىشكە بولىدىكەن. گۈللەرنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان خۇشبۇي پۇراقلارنى تارقىتالىشىدىكى سەۋەب، گۈل تاجى ياپراقچىسىنىڭ تەركىبىدە خىمىيە سانائەت زاۋۇتى − ماي ھۈجەيرىلىرى بولغانلىقىدىندۇر. بۇ ھۈجەيرىلەر ئاروماتىك مايلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، قۇياش نۇرىنىڭ قىزدۇرۇشى بىلەن ئادەمنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان خۇش پۇراقلارنى تارقىتىدۇ. بەزى گۈللەرنىڭ ھۈجەيرىسى تەركىبىدە گلۇكوزىدلار بار بولۇپ، ئۇلار ئېنزىملارنىڭ پارچىلىشى بىلەن ئوخشاشلا خۇش پۇراق تارقىتالايدۇ. گۈللەرنىڭ خۇشبۇي پۇراقلىرى ئىنسانلار تۇرمۇشىنى گۈزەللەشتۈرۈش، نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش جەھەتتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

گۈللەرنىڭ چىرايلىق رەڭلىرى، خۇشبۇي پۇراقلىرى ۋە ھەسەل بەزلىرى ھاشاراتلارنى جەلپ قىلىپ چاڭلاشتۇرۇش، مېۋىلەتكۈزۈش ۋە ئەۋلاد قالدۇرغۇزۇشتەك مۇقەددەس ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولغاچقا، كىشىلەر بۇ خىل گۈللەرنى «ھاشارات ۋاسىتىسى بىلەن چاڭلىشىدىغان گۈللەر» دەپ ئاتىشىدۇ.

ئۇلاردىن باشقا يەنە شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، تېرەك ۋە قارىغاي قاتارلىق گۈللىرىدە گۈل تاجىلىرى، خۇشبۇي پۇراقلىرى، ھەسەل بەزلىرى بولمىغان ئۆسۈملۈكلەرمۇ بار بولۇپ، بۇلار پەقەت شامالنىڭ ياردىمى بىلەنلا چاڭلىنىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇلارنى «شامال ۋاسىتىسى بىلەن چاڭلىشىدىغان گۈللەر» دەپ ئاتىشىدۇ.

مەنبەلەر

تەھرىرلەش