گۈلجاھان مېدىيەسى

گۈلجاھان مېدىيەسى 2015-يىلى 2-ئايدا رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. گۈلجاھان مېدىيەسى سۈرەت ۋە لايىھەلەرنى ئاساس قىلغان ئۇنىۋېرسال سەنئەت بىلوگى بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نادىر سۈرەت ئەسەرلىرى ۋە ماقالىلەر، نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر، ناخشا-مۇزىكىلار، تەرجىمە ئەسەرلەر، خەۋەرلەرنى قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ.

گۈلجاھان مېدىيەسى 2014-يىلى 2-ئايدا ئېچىلغان «سەنئەت بۆلۈمى» ئۈندىدار سالونى (ID:GuljahanArt) بىلەن بىرگەۋدىلەشتۈرۈلۈپ، تور بېكەت بىلەن ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ ھەمتۈرتكىلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، سالونغا خالىغان ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق، سالوندىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئىزدەشكە بولىدۇ.[1]