<گۈلخان ئويۇنى> ئۇيغۇرلارا ئارىسدا ئومۇملاشقان، كەڭ ئاممىۋىلىققائىگە ئويۇنلارنىڭ بىرى. بۇ ئويۇندا كەچقۇرۇنلۇقى گۈلخان يېقىلىپ، گۈلخان ئەتراپىدا ئايلىنىپ تەنتەنە قىلىش ۋە سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش ئاساس قىلىنىدۇ. گۈلخان ئويۇنىنىڭ شەكىللىرى كۆپ بولۇپ، ھەر قايسى شەكىللەر ئەينى مەزگىللەردە مەشرەپكە ئوخشاشلا تۈرلۈك كۈلكە - چاقچاق ئويۇنلار ئارقىلىق ھۇزۇرلىنىشنى ئاساس قىلغان. 1. گۈلخان ناخشىسى <گۈلخان ناخشىسى> ئوغۇل - قىزلار تەرىپىدىن گۈلخاننى چەمبەرسىمان ئوراپ تۇرۇپ ئوقۇلىدىغان ئومۇمىي خور ۋە شەخسلەر ئوقۇيدىغان ناخشا بولۇپ، قەدىمدىن ھازىرغىچە ئاممىۋىلىقى كۈچلۈك ناخشىلار قاتارىدا سانىلىپ كەلمەكتە. پەقەت ھەر قېتىملىق ناخشا ئاخىرلاشقاندا <ھۇ ئاللاھۇ، ھۇ ئاللاھۇ> دېگەن ئىبارە نەقرات قىلىنغان. كۆپچىلىك بىلىدىغان ئاساسلىق گۈلخان ناخشىسى: ئېگىلەر سۇنماس ھالىغا يەتمەس، ئون بەش سەر داچەن خەجىگە يەتمەس. ... ... ...  دېگەنگە ئوخشاش خەلق ناخشىسىدىن ئىبارەت بولغان. 2. گۈلخان ئۇسسۇلى <گۈلخان ئۇسسۇلى> گۈلخان ئەتراپىدا ئايلىنىپ ئوينايدىغان ئۇسسۇل. بۇ ئۇسسۇلنى قىز - ئوغۇللار، قېرى - ياشلار گۈلخان ئەتراپىدا چەمبەرسىمان تىزىلىپ بىر - بىرىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، پۇتلىرىدىن رىتىملىق <گۈپ - گۈپ> قىلغان تەكشى ئاۋاز چىقىرىش ئارقىلىق ئوينايدۇ. بۇنىڭدا ئۇسسۇل ئوينىغۇچىلار بىردەم گۈلخان تەرەپكە قاراپ تەكشى ئاۋازلىق پۇت ھەرىكىتى قىلسا، بىردەم قوللىرىنى بىر - بىرىدىن ئاجراتقان ھالدا ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەپ تەدرىجىي گۈلخان ئەتراپىنى ئايلىنىدۇ. بىر كۇپلىت ناخشا ئاخىرلاشقاندا، گۈلخان تەرەپكە قارىغان قوللىرىنى جۈپلەپ ئېگىز كۆتۈرگەندىن كېيىن، قارشى تەرەپكە يۈزلىنىپ، يەنە يېڭى بىر كۇپلىت قوشاق ۋە يېڭى بىر ئۇسسۇل ھەرىكىتى بىلەن تەتۈر ئايلىنىپ داۋاملىشىدۇ. 3. گۈلخان ئاتلاش ئۇسسۇلى ھەر قانداق ئويۇننىڭ باشلىنىش، ئاخىرلىشىش باسقۇچى بولىدۇ. قانداق گۈلخان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر گۈلخان يالقۇنى ئۆچۈپ، گۈلخان قالدۇقى چوغلاشقان چاغدا گۈلخان ئاتلاش ئويۇنى يېڭى باسقۇچقا كىرىدۇ. ھېلىدىن بېرى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ شادلانغان قىز - ئوغۇللار گۈلخان چوغى ئەتراپىغا رەتلىك تىزىلىپ، پۇتىنى جۈپلەپ بىر ياقتىن ئىككىنچى تەرەپكە سەكرەشكە باشلايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ خىل سەكرەش ھەرىكىتى گۈلخان چوغىنى دەسسەپ سالماسلىق شەرتى بىلەن قارشى تەرەپكە ئۆتۈش غەلىبە، ئۆتەلمەسلىك مەغلۇبىيەت ھېسابلىنىدۇ. ئويۇندا مەغلۇپ بولغانلارنىڭ قايتا سەكرىشى چەكلىنىدۇ. غەلىبە قىلغانلار داۋاملىق سەكرەيدۇ. <گۈلخان ئويۇنى> ھەر خىل شەكىل (ئۆزگىرىش، قەدەم - باسقۇچ)، قاتلاملىق مەزمۇنلارغا ئىگە چوڭ ھەجىملىك، ئاممىباب ئويۇن بولۇپ، بۇ ئويۇندا كۈلكىلىك بېيىت ئوقۇشمۇ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. خۇش چاقچاقچى بېيىتچىلار باشقىلار گۈلخان ئويۇنى ئويناپ ھېرىپ قالغاندا، ئاساسلىقى مۇنداق بېيىتلارنى ئوقۇپ باشقىلارنى كۈلدۈرىدۇ: جانانغا باردىم ئۇل كېچە، بىر - بىر بېسىپ ئاستاغىنا. يارىم ياتۇر ناز ئۇيقۇدا، كىردىم يېنىغا ئاستاغىنا. تۇتتۇم يارنىڭ بېشىنى، تۆكتۈم كۆزۈمنىڭ يېشىنى. كەلدى يارنىڭ رەھىمى، كەلگەىن دېدى ئاستاغنا. ئوڭ يانىمدا ئانام ياتۇر، سول يانىمدا دادام ياتۇر. ئويغانمىسۇن ئاتا - ئانام، قېشىمغا كىر، دېدى ئاستاغىنا. قىچقىرىپ قالدى خوراز، تاڭ سەھەر بولدىمىكىن. تاكتاكچىلار كۆرمىسۇن سېنى، قايتقىن دېدى ئاستاغىنا. ئويۇن شۇ تەرىقىدە بىرىنىڭ كەينىدىن يەنە بىرى باشلىنىپ چۆچەك ئېيتىش، لەتىپە ئېيتىش، يۇمۇر ئېيتىش قاتارلىق قىزىقچىلىق تۈرىدىكى ئويۇنلار داۋاملىشىدۇ."[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش