تەرجىمھالى تەھرىرلەش

يۇرتى: ئۈرۈمچى

نۆۋەتتىكى خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى

ئېگىزلىكى: 1.65

ئېغىرلىقى: 52 كىلوگرام

قىزىقىشى: ئۇسسۇل ئىجادىيەتچىلىكى

ئائىلە ئەزالىرى: يولدىشى، ئوغلى

ئوقۇش تارىخى: تولۇق كۇرس

ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان كىشى: ئاتا-ئانىسى، قېينئاپىسى، ئۇستازلىرى

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جاي: ھازىرقى بەختلىك ئائىلىسى

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىتاب: ئانا يۇرت، ئاي يامغۇرى

ياخشى كۆرىدىغان يازغۇچى: جالالىدىن بەھرام

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو: مېھىر-مۇھەببەت فىلىمى

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئارتىس: سۈن لى

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشىچى: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، شاكىرە

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشا: تۇنجى سۆيگۈ

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئېتۇت چولپىنى: ئايشەمگۈل

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەنھەرىكەتچى: بېكخام

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەنتەربىيە تۈرى: مۇز تېيىلىش

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماق: توخۇ قورۇمىلىرى

ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىك: شاكىلات، سەي-كۆكتات، مېۋە

ياقتۇرمايدىغان يېمەكلىك: ئاچچىق يېمەكلىكلەر

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پەسىل: كۈز پەسلى

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان رەڭ: يېشىل، ئاق، سۆسۈن رەڭ

بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان جاي: ئامېرىكا

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىجادىيىتى: «ئەتىرگۈل بەرگى» ناملىق ئۇسسۇلى

ھايات يىغىندىسى: ئۆگىنىش، ئۆگىنىش يەنە ئۆگىنىش

ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە: سەنئەت مەكتىپىگە ئۈچ يىل ئۇدا ئىمتىھان بەرگىنى، مۇسابىقىلەردە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋاقىتلىرى

ئۆز كەسپىگە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان گۈلمىرە كىچىكىدىن تارتىپلا سەنئەت تەربىيەسىگە مۇيەسسەر بولۇپ، 2005-يىلى 7- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قىلىنغان.

كەسپى ھاياتى تەھرىرلەش

2005-يىلى 9-ئايدىن 2006-يىلى 7-ئايغىچە، ئىنستىتۇت تەرىپىدىن بېيجىڭ ئۇسسۇل ئىنستىتۇتىغا ئەۋەتىلىپ، ھازىرقى زامان ئۇسسۇلى بويىچە تۈزگۈچى ھەم رېژىسسورلۇق كەسپىدە بىلىم ئاشۇرغان. 7 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا، گۈلمىرە خىزمەتتىن سىرت يەنە ئۇسسۇل تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 2009 -يىلى، 2010-يىلى ۋە 2013-يىلى ئۇ تۈزگەن ئۇيغۇر ئۇسسۇل «قۇمۇل سەنىمى» دەرسلىكى ئۇدا ئۈچ يىل «مۇنەۋۋەر دەرس» بولۇپ باھالانغان. گۈلمىرە زۇنۇن يەنە تەيۋەن، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، گىرېتسىيە، دۇبەي قاتارلىق چەتئەل دۆلەتلىرىدە كۆپ قېتىم ئويۇن قويۇپ، ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چەتئەللەردە تەشۋىق قىلغان ھەم شۇ دۆلەتلەردىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

2002-يىلى سەنئەت ئىنستىتۇتى ئىتتىپاق كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان 8-نۆۋەتلىك مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىنىڭ «ئەتىكى چولپان ئۇسسۇل مۇسابىقىسى»دە، 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

2003-يىلى 9-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن تۇنجى نۆۋەتلىك « TCL كۆچمە خەۋەرلىشىش لوڭقىسى» كەسپىي ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە، 1-دەرىجىلىك ئورۇنداش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن (بۇ مۇسابىقىدە يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل «دوپپا ئۇسسۇلى» نى ئوينىغان)

2004-يىلى 10-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ تالانت، ماھارەت ئوبراز مۇسابىقىسى» دە، ئوينىغان ئۇسسۇلى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

2004-يىلى 11-ئايدا مەملىكەت بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك جامائەت پاراۋانلىقى مەدەنىيىتى چولپانلىرىنىڭ ناخشا مۇسابىقىسى ۋە مەملىكەتلىك 4-نۆۋەتلىك ئالتۇن مېدال ئوبراز ئەلچىسى مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ مۇسابىقە رايونىدا، «ئون ئالتۇن مېدال ئوبراز ئەلچىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.

2005-يىلى 5-ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسىتۇدېنتلار سەنئەت كۆركىدە، ئۆزى ئىجاد قىلغان ھەم ئۆزى ئورۇندىغان «ئەما قىز» ناملىق يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل 1-دەرىجىلىك ئورۇنداش مۇكاپاتىغا ھەم 2-دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2005-يىلى 6-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ CCTV ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە ئۇ قاتناشقان كوللېكتىپ ئۇسسۇل 3-دەرىجىلىك ئورۇنداش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

شۇ يىلى 7-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئىسىتۇدېنتلار سەنئەت كۆرىكىدە ئورۇندىغان «ياشلىق» ناملىق كوللېكتىپ ئۇسسۇل 1-دەرىجىلىك نومۇر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ 2004-2005 -ئوقۇش يىلىدا، نەتىجىسى ئەلا، ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقتىن، «مۇنەۋۋەر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىسىتۇدېنت» بولۇپ باھالانغان ھەمدە «باكلاۋۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى» ئالغان.

2007-يىلى 4-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئۆتكۈزگەن «گۈزەل شىنجاڭ ــ ئىناقلىق نۇرى» 2007-يىللىق شىنجاڭ ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە، ئۆزى ئورۇنلىغان «باھار تەسەۋۋۇرى» ناملىق يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇلى كەسپىي گۇرۇپپا بويىچە 1-دەرىجىلىك ئورۇنداش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

2008-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى بويىچە «ئوقۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش» بويىچە مۇنەۋۋەر شەخس بولۇپ باھالانغان.

2009-يىلى 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە، ئۇ ئىجاد قىلغان يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل «داپ ساداسى» 1-دەرىجىلىك ئورۇنداش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2010-يىلى خىزمەتتىكى نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، «ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالانغان.

2012-يىلى «يېڭىلىق يارىتىپ مۇنەۋۋەرلىكنى تالىشىش» پائالىيىتىدە «مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى» بولۇپ باھالانغان.

2012-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «ياش ئوقۇتقۇچىلار دەرس سۆزلەش مۇسابىقىسى»دە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

2012-يىلى ئىجادىي ئۇسسۇلى «داپ ساداسى» ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان 6-نۆۋەتلىك ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە 1-دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2013-يىلى «مۇنەۋۋەر شەخس»، «مۇنەۋۋەر سىنىپ مەسئۇلى» بولۇپ باھالانغان.

ئىلىمى تەتقىقاتلىرى تەھرىرلەش

«ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ ئەنئەنىۋىلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش»، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى ژۇرنىلى، 2007-يىلى ئېلان قىلىنغان.

«دولان مەشرىپى ۋە دولان ئۇسسۇلى توغرىسىدا»، «شىمال مۇزىكىسى» ژۇرنىلى، 2011-يىلى ئېلان قىلىنغان.

«پىيانىنو بىلەن ئۇسسۇل ئوقۇتۇشنىڭ مۇناسىۋىتى»، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى ژۇرنىلى، 2011-يىلى ئېلان قىلىنغان.

«ۋاقىت ۋە ھايات»، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى ژۇرنىلى، 2011-يىلى ئېلان قىلىنغان.

«قۇمۇل سەنىمىنىڭ ئۇسسۇل ئوقۇتۇشىدا تۇتقان ئورنى»، مۇزىكا ژۇرنىلى 2013-يىلى ئېلان قىلىنغان.

«تەپ ئۇسسۇلىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئوقۇتۇش»، مۇزىكا بوشلۇقى ژۇرنىلى، 2013-يىلى ئېلان قىلىنغان.

«كوللېكتىپ ئۇسسۇل ۋە كوللېكتىزىملىق روھ ھەققىدە»، شىنجاڭ مەدەنيىتى ژۇرنىلى، 2013-يىلى ئېلان قىلىنغان.