گېئورگې پاتتون
ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯘﻥ ، ﺳﻪﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻞ . ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻞ ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻮﯕﺸﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﻮﺕ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺟﻪﯕﺪﻩ ﺋﯚﻟﯜﻡ - ﻳﯧﺘﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ . ﺳﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﯕﻨﯩﯔ ﺋﻮﺕ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺕ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭ ، ﺗﯧﺰ ﻫﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺕ .
ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ . ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻥ - ﺑﺎﻫﺎﺩﯨﺮﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﺎﺳﻜﯩﻨﯩﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﯘﺗﯩﺪﯗ . ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ، ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﺎﻗﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﻩﻫﯩﻤﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ﻏﺎﻟﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﺧﺎﺱ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺟﻪﯞﻫﯩﺮﻯ . ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .....
ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻝ ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻝ ﮔﯧﺌﻮﺭﮔﯩﻲ پاتتوننىڭ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻯ . ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ پاتتون ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺗﻮﻧﯘﺵ . ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﻛﻤﯘ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰ ﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ~ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﻪﯓ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﮔﯧﺌﻮﺭﮔﯥ پاتتون ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ . ﺋﯘ 1885 - ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮﺩﺍ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺷﯩﺘﺎﺗﯩﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ . 1909 - ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻴﯘﻧﺪﺍ ﯞﯦﺴﺖ ﭘﻮﺋﯧﻨﺖ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﯟﻭﻱ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ 15 - ﭘﻮﻟﻜﯩﺪﺍ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 1917 - ﻳﯩﻠﻰ ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ، ﺑﺎﺗﺘﻮﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻳﯩﺮﺍﻗﻘﺎ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻝ ﭘﯧﺮﯨﺸﻨﮕﻐﺎ ﻫﻪﻣﺮﺍﻫ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ . ﺋﯘ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﺎﻧﻜﺎ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﺷﻖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﻫﻪﻡ ﺑﯘ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ << ﻛﺮﯦﺴﺖ ﻣﯧﺪﺍﻟﻰ >> ﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ .
ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﻳﺎﻗﻼﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ، ﺗﺎﻧﻜﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﻟﯩﻢ - ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ . 1920 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1940 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺗﯩﮕﻪﻥ .
1939 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﺎﺵ ﺷﯩﺘﺎﺑﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ، ﻣﺎﺭﺷﺎﻟﻞ ﺑﺎﺵ ﺷﯩﺘﺎﺏ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﺎﺗﺘﻮﻥ ﺑﺮﻭﻧﯧﯟﻙ ﺑﺮﯨﮕﺎﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺮﯨﮕﺎﺩﺍﺍ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ، ﺑﺮﻭﻧﯧﯟﻙ ، ﺗﺎﻧﻜﺎ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﺗﻪﻟﯩﻢ - ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . 1941 - ﻳﯩﻠﻰ ﭘﻴﻮﺭﻝ - ﺧﺎﺭﺑﻮﺭ ﭘﻮﺭﺗﯩﻐﺎ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ، 1943 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻧﯩﺴﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، 2 - ﻛﻮﺭﭘﯘﺱ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﺭﭘﯘﺱ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺪﯗ . ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺘﯩﺴﻠﯩﻴﯩﺪﻩ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﭘﺎﻟﯧﺮﻣﻮﻧﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻣﯧﺴﺴﯩﻨﺎﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ، ﺟﻪﯕﺪﻩ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ . 1944 - ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻧﺪﯨﻴﻪ ﺋﻮﭘﯩﺮﺍﺗﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﯧﺰﯨﻨﺨﺎﯞﯦﺮﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ 3 - ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﯟﻭﻱ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ .
پاتتون ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﻗﻮﭘﺎﻝ، ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺋﯩﺪﻯ . ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻫﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻪﻥ . ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ، ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﯧﺰﯨﻨﺨﺎﯞﯦﺮﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﯟﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﻧﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻥ . ﺋﯘ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﮕﻪ ﺗﻪﻟﻪﭘﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ، ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﻳﯜﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ .
ﻣﺎﻧﺎ ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﯩﻼﺭ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻝ ﮔﯧﺌﻮﺭﮔﯩﻲ پاتتوننىڭ ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺸﻰ .