گەرەتكە ئويۇنى ئۇيغۇر مىللىتى ۋە باشقا مىللەت خەلقلىرى ئارىسىدا ئوينىلىپ كەلگەن ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئويۇننىڭ قول كۈچىنى ئاشۇرۇش، چەكلەش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشتە پايدىسى كۆپ بولۇپ، ئۇ قىزىقارلىق، قارىمۇ قارشى مۇسابىقە خاراكتېرىدىكى بىر خىل ئويۇندۇر. گەرەتكە ئويناشتا ھەر بىر تەرەپ بەشتىن ئىككى كوماندا بولۇپ، مۇسابىقە ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر ئەسۋاب، مەيدان يار بەرسە ئادەم سانىنى كۆپەيتسىمۇ بولىدۇ ياكى يەككە ھالدا ۋە ئىككى - ئىككىدىن بۆلۈنۈپ مۇسابىقىلەشسىمۇ بولىدۇ. سايمان: بالچۇق ياغاچنىڭ ئۇزۇنلۇقى 18 سانتىمېتىر، دىئامېتىرى 4 - 5 سانتىمېتىر بولىدۇ. بالچۇق جەمئىي 10 تال بولۇپ، ھەر بىر كوماندا بەشتىن ئىشلىتىلىدۇ. گەرەتكە كالتىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 80 سانتىمېتىر، ساپىقىنىڭ دىئامېتىرى بەش سانتىمېتىر، چوڭراق ئۇچى يەتتە سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. گەرەتكە كالتەكلىرىگە بىردىن بەشكىچە نومۇر قويۇلۇپ، بىر نومۇر ئىككى كالتەككە يېزىلىدۇ. بۇ كالتەكلەر ھەر بىر كىشىگە بىر جۈپتىن بېكىتىپ بېرىلىدۇ. مۇسابىقە ئېلىپ بارغاندا، ئېھتىيات ئۈچۈن كالتەك كۆپرەك تەييارلىنىپ قويۇلۇشى لازىم. مەيدان: تەكشى يەرگە ئۇزۇنلۇقى 22 مېتىر، كەڭلىكى ئالتە مېتىرلىق مەيدان سىزىلىدۇ. مەيداننىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئىككى يان سىزىقنى تۇتاشتۇرغۇچى ئوتتۇرا سىزىق سىزىلىدۇ. ئوتتۇرا سىزىقنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى 5.1 مېتىر ئارلىققا ئوتتۇرا سىزىق بىلەن پاراللېل قىلىپ يەنە بىردىن سىزىق سىزىلىدۇ. بۇ قەدەم ئېلىش قوشۇمچە سىزىقى دېيىلىدۇ. مەيداننىڭ ئىككى تەرىپىدىكى توغرا سىزىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا تەرەپ ئۇزۇنلۇقلىرى ئۈچ مېتر بولغان كۋادرات شەكىللىك رايون سىزىلىدۇ. بۇ بالچۇق تىزىش رايونى (شەھەر چاق) دەپ ئاتىلىدۇ. بالچۇق تىزىش رايونىنىڭ ئورتا سىزىققا پاراللېل تەرەپ ئۇزۇنلۇقى ئوتتۇرا سىزىق بىلەن تەڭ بولىدۇ. بۇ دەسلەپكى ھۇجۇم قىلىش سىزىقى دېيىلىدۇ. تەنھەرىكەتچىلەر كالتەك ئاتقاندا دەسلەپكى ھۇجۇم قىلىش سىزىقى ۋە ئوتتۇرا سىزىقتىكى قوشۇمچە قەدەم ئېلىش سىزىقىدىن ئۆتۈشكە ياكى دەسسەپ ھۇجۇم قىلىشقا بولمايدۇ. چوڭلارنىڭ مەيدانى بىلەن بالىلارنىڭ مەيدانى پەرقلىق بولىدۇ. ئۇرۇش كالتەكلىرى بالىلارغا لايىقلاشقان بولىدۇ. قائىدە ۋە يېڭىش - يېىلىش: ئالدى بىلەن ھەر قايسى تەرەپنىڭ ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى (كالتەك ئاتىدىغانلىقى) بەلگىلىنىدۇ. ئاندىن كالتەك ئاتقۇچى تەرەپنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى دەسلەپكى ھۇجۇم قىلىش سىزىقىنىڭ كەينىدە (ئىچىدە) تۇرۇپ، رەت بويىچە شەھەرچاق ئىچىگە كىچىك بالچۇق ياغىچىنى ئۇرىدۇ. توپلىشىپ مۇسابىقىلەشكەندە، ھەر قېتىمدا ھەر بىر كىشىنىڭ كالتەك ئېتىش قېتىم سانىنى ئۆزلىرى كېڭىشىپ بەلگىىسە بولىدۇ. لېكىن، كالتەك ئېتىش قېتىم سانى چوقۇم جۈپ بولۇشى كېرەك.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش