گەنجۇ قاغىن ( مىلادى 7 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 8 - ئەسىرنىڭ ئۆتتۇرلىرىغىچە ياشىغان ) ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئاتاقلىق تىببىي تەرجىمانى ۋە مەشھۇر تىۋىپ بولۇپ ، ئۇدۇنلۇق ئۇيغۇر .

مىلادى 710 - يىلى تاڭ سۇلالىسى مەلىكىلىرىدىن چۈەن چىڭ مەلىكە شىزاڭغا ئەۋەتىلىپ ، تىببەتلەر خانلىقىنىڭ تۆتىنچى ئەۋلات پادىشاھى چىدې زۇزەن ( مىلادى704 - 754 - يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان ) غا ياتلىق قىلىنغان . مەلىكە چۈەن چىڭ بىللە ئېلىپ بارغان زور بىر تۈركۈمدىكى تىببىيى ئەسەرلەر گەنجۇ قاغىن يىتەكچىلىگىدە خەنزۇ راھىب ( تىۋىپ ) شيەن رۇ ، زاڭزۇ تەرجىمانلاردىن جڭبۇزىسى ، چىڭبۇ دۇنجۇ ، جۆلامىنبا قاتارلىقلار تەرپىدىن تىبەتكىچە تەرجىمە قىلىنغان . گەنجۇ قاغىن يەنە خەنزۇ راھىب ۋۇجىڭ ۋە زاڭزۇ تەرجىمان ۋىي لۇزانا قاتارلىقلارغا يىتەكچىلىك قىلىپ ، نۇرغۇنلىغان تىببى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغاندىن سىرىت ، تىبەت خەلقى ئارىسىدىكى تىبابەتكە دائىر تەجىربىلەر ۋە ئۆز يۇرتىدىكى ھەمدە چەتئەلدىكى تىبابەتكە دائىر تەجىربىلەرنى قۇبۇل قىلىپ ، تەرگە« يۆجى ياۋجىن » ( ئاي كەبى دورىلار بىلەن كېسەللىك داۋالاش ) دىگەن داڭلىق تىببىي ئەسەرنى تۈزۈپ بەرگەن .

مەنبەلەر

تەھرىرلەش