ھاجى ئابدۇلھىمىد يۈسۈفى

ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى ھاجى ئابدۇلھىمىد يۈسۈفى

داموللاﮬاجى 1924-يىلى خوتەن شەﮬىرىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن ، ئۇ كىچىكىدىنلا ئەقىللىق ، زېرەك بولۇپ ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە قىززىقاتتى . ئۇ 1930- يىلىدىن كېيىن ، قارىقاش ، خوتەن ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا يۈرۈپ ، رىيازەت چېكىشتىن قورقماي ، ئىلاﮬىيەت ئىلمى ، ئەرەپ ، پارىس ، تۈرك ، ئوردو تىللىرى بىلەن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك نەزىرىيىسىنى ئۈگىنىپ ، چوڭقۇر ئىلىم تەﮬسىل قىلغان . 1945-يىلىدىن باشلاپ ئاتىسى يۈسۈپ ئاخۇنۇم ۋە باشقا داڭلىق تىۋىپلاردىن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دورىگەرلىك ئىلمىنى ئۈگىنىپ ، ئەمەلى داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۈللانغان. ئاتىسى يۈسۈف ئاخۇنۇم ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، خۇسۇسىي ﮬالدا داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ ، خەلىق ئارىسىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان ، داۋالاش قىيىن بولغان كېسەللىكلەرنى يەرلىك دورىلار بىلەن داۋالاپ ساقايتىپ ، كىشىلەرنى ئاغرىق ئازابىدىن خالىي قىلغان . 1954-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك خەلىق دوختۇرخانىسىدا ئېچىلغان مىللى تىۋىپلارنى تەربىيلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ ، غەرىپ تېبابەت ئىلمىنى ئۈگەنگەن . 1955-يىلى خوتەن ناﮬىسىدە ، قۇرۇلغان ئۇيغۇر تېبابەت ئامبيلاتورىيىسىگە قاتنىشىپ ، ئامبولاتورىيەنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەپ ، ئەمەلىي داۋالاش ئىشلىرىبىلەن شۇغۇللانغان ﮬەمدە ئۆزىنىڭ نەزىرىيە بىلىمى ۋە ئەمەلىي تەجرىبىسىگە ئاساسەن "ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ ئىشىلىتىلىدىغان رىتسىپلار قوللانمىسى"دىگەن كىتابنى يېزىپ چىقىپ ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش ، روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن تۆﮬپە قوشقان . ئەپسۇسكى ، 1959-يىلىغا كەلگەندە ، خاتا لۇشىيەننىڭ كاشىلىسى تۈپەيلىدىن قولغا ئېلىنغان . ئۇ ، بۇ جەرياندا قىلچە مەيۈسلەنمەي ، ئىلىم - مەرىپەت ئۆگىنىش ئىرادىسىنى بوشاشتۇرماي ، غەرىپ تىبابەت ئىلمىنى پۇختىلاش ، خەنزۇ تىلىنى ئۆگەنگەن . 1977-يىلى"تۆت كىشىلىك گۇرۇھ" تارمار قىلىنغاندىن كېيىن ، ئاقلىنىپ تۈرمىدىن چىقىرىلىپ ، نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ﮬەمدە شۇ يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك شىپاخانىسىغا خىزمەتكە قۇيۇلۇپ ، ئىچكى كېسەللىك بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن . گەرچە ئۇنىڭ يېشى ئوتتۇرا ياشقا يەتكەن بولسىمۇ ، لېكىن غەيرەت- شىجائېتىنى ئۇرغۇتۇپ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەپ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن .

ئۇ، بىر تەرەپتىن بۆلۈمىنىڭ خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىق قىلىپ ، ئەمەلىي داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان . ئۇ ئۆزىگە شاگىرىت ئەگەشتۈرۈپ ، تەربىيلەش بىلەنلا قالماي ، ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ ، خوتەن تىببىي مەكتەپتە ئېچىلغان ، ئۇيغۇر تېبابەت ئوتتۇرا تېخنىكوم سىنىپى ، خوتەندە ئېچىلغان ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇيغۇر تېبابەت خادىملىرىنى تەربىيلەش كۇرسى ، ئۈرۈمچى تېببىي مەكتەپتە ئېچىلغان ئۇيغۇر تېبابەت تەربىيلەش سىنىپى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك كۇرسىلىرىغا نەزىرىيە ئاساس، ئىچكى كېسەللىك ، ئوردو تىلى ، تېببىي ئەخلاق قاتارلىق دەرىسلەرنى ئۆتۈپ ، ئوقۇغۇچىلار ۋە كۇرسانتلارنىڭ ياخشى باﮬاسىغا ۋە ﮬۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان .

1985-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومنىڭ مۇﮬىم تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئوقۇتۇش پروگراممىسىنى تۈزۈش خىزمىتىگە قاتنىشىپ ، ئۆزنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ ، پروگراممىنىڭ تەلىم تەربىيە مەقسىتىگەئۇيغۇن ﮬالدا ياخشى تۈزۈلۈشىدە تىگىشلىك رول ئويىغان . ﮬەمدە پروگراممىغا ئاساسەن ، بۇ مەكتەپلەرنىڭ دەرىس تۈزۈش ئىشىغا كىرىشكەن . 1987-يىلى مەكتەپ قۇرۇش ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ ، ئوقۇتۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ، مەزكۈر مەكتەپكە رەسمىي يۆتكىلىپ ، ئوقۇتۇش پىلالىرىنى تۈزۈش ، دەرىسلىك تەييارلاش تۈزۈش ، دەرىس ئۆتۈش ، قوشۇمچە داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان . ئۇ ، دەرىسلىك تۈزۈش ۋەزىپىسىگە ئاساسەن ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ، جاپا مۇشەققەت ، ﮬېرىپ چارچاشقا قارىماي ، كۆپلەپ ماتېرىيال يىغىپ ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ، قايتا-قايتا يېزىش ئارقىلىق ، ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ " ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئاساسىي نەزەرىيسى"،"ئۇيغۇر تېبابىتى دىئاگنوزتىكا ئىلمى" (ﮬاجى باقى ئالىم بىلەن بىرلىشىپ يازغان)،" ئۇيغۇر تېبابەتچلىكى روﮬىي ۋە ئەسەبىي كېسەللىكلەر ئىلمى" قاتارلىق دەرىسلىك كىتابلارنى يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان . ﮬەمدە باشقا دەرىسلىك كىتابلارنىڭ مەسئۇل مۇﮬەررىرى بولۇپ ئىشلەپ ، تەﮬرىرلەش ، تۈزىتىش ، نەشىر قىلدۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن ، كۆپ ئەجىر سىڭدۇرگەن .

1990-يىلى 11-ئايدا ، سەﮬىيە نازارىتى ئۇنى مەكتەپنىڭ پەخرى مۇدىرلىقىغا تەيىنلىگەن . بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يۈكى ئېغىرلاشقان بولسىمۇ ، لېكىن بۇنى قىلچە بېسىم ﮬېس قىلماي ، مەكتەپ رەﮬبەرلىرىنى ئوقۇتۇش ، پەن تەتقىقات ئىشلىرىنى پىلانلاش ، باشقۇرۇلىشىغا ياردەملىشىپ ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى ئىزباسارلىرىنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرش ئۈچۈن ، ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلغان . ئۇ دەرىسنى ئەستايىدىل تەييارلاپ ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىخلاس بىلەن يەتكۈزۈپلا قالماي ، يەنە دەرىستىن چۈشكەن ۋاقىتلاردا ، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا ، ئاخشاملىرى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس تەييارلاش ، ئۆگىنىش ، دەرىس تەكرارلاش ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ، ياش ئەۋلادلارنىڭ قەلبىنى ئىلىم- مەرىپەت سۈيى بىلەن سۇغۇرۇش ئۈچۈن كۆپلەپ تەر تۆككەن . ئۇ كۆپ قېتىم ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك نەزىرىيىسى جەﮬەتتە جىددىي ﮬەل قىلىشقا ، چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ، كۆز قارىشىنى يېڭىلاشقا تىگىشلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا لىكسىيە تەييارلاپ ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلەپ چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلغان ﮬەمدە يۇقىرقى مەسىلىلەر توغرىسىدا كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان تەجرىبە تۇنۇشتۇرش ماقالىلىرىنى يېزىپ ، مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىپ ، كەڭ ئۇيغۇر تېبابەت خادىملىرى ۋە ﮬەر ساﮬە كىشىلىرنىڭ دېققىتىنى قوزغاپ ، ئۇلارنىڭ يۇقىرى باﮬاسىغا ئېرىشكەن . شۇڭا ئۇ مەكتىپىنىڭ رەﮬبىرى بولۇپلا قالماي ، بەلكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ، شۇنداقلا كەڭ ئۇيغۇر تېبابەت خادىملىرىنىڭ ﮬۆرمەتكە سازاۋەر سۆيۇملۈك ئۇستازى بولۇپ سانالغان .

مەرﮬۇم ئابدۇلھېمىت يۈسۈف داموللاھ ﮬاجى مول تىل ، تارىخ ۋە شېئىرىيەت بىلىمىگە ئېگە ئىدى . ئۇ قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى ، ئەرەپ ، پارىس، تۈرك ، ئوردو تىللىرىنى پىششىق بىلەتتى . خەنزۇ ، ئىنگلىز تىللىرىدىكى ماتېرىياللاردىن پايدىلىنالايتتى . ئۇ ، 1978-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىيىمىسى ، مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنىپ ، مەﮬمۇت قەشقىرىنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرى " تۈركى تىللار دىۋانى"نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان . خوتەن تارىخىغا ئائىت قىممەتلىك ماتېرىياللارنى يېزىپ ، جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن . مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ، چىقىرىلغان تارىخ تەتقىقاتى مۇﮬاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ ، قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان . ئۇ ، ئۆزىنىڭ شېئىرىيەت جەﮬەتتىكى ئىقتىدارىغا ئاساسەن ، ۋەتەننى ، خەلىقنى ، ئانا تىلنى كۈيلەيدىغان ، چوڭقۇر پىكىرلىك ، بەدىئىيلىكى يۇقىرى شېئىرلارنى يېزىپ ، مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىپ ، كەڭ كىتابخانلارنىڭ ياخشى باﮬاىسىغا ئېرىشكەن .

مەرﮬۇم ئابدۇلھېمىت يۈسۈف داموللاھ ﮬاجى يۇقىرى بىلىملىك ، چوڭقۇر پىكىرلىك ئالىم بولۇپلا قالماي يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەخلاق-پەزىلەت ئېگىسى ئىدى . ئۇ ئومۇمىي جامائەت ئەخلاقى ۋە كەسىپىي ئەخلاققا يۈكسەك دەرىجىدە ئەﮬمىيەت بېرىپ ، "ئىنسان ئۆزىنىڭ جىسمانىيىتى بىلەنلە ئەمەس ، بەلكى بىلىمى ۋە ، ئېسىل ئەخلاقى پەزىلىتى بىلەن گۈزەل ۋە ئۇلۇغ ﮬېسابلىدۇ " دەيتتى ۋە بۇنىڭغا ئالدى بىلەن ئۆزى رىئايە قىلاتتى . ئۇ مەيلى ياشتا چوڭ كىشىلەر بولسۇن ۋە مەيلى كىچىك بولسۇن ، مەيلى رەﮬبەر ياكى ئاددىي پۇقرا بولسۇن ، مەيلى زىيالى ياكى ساۋاتسىز بولسۇن ﮬەممە كىشىنى ئوخشاش كۆرۈپ ﮬۆرمەتلەيتى . ئۆيىگە قانداق كىشى كىرسە ئۇنىڭغا چوڭقۇر سالام بېرىپ ، قول ئېلىشىپ كۆرۈشەتتى ﮬەمدە قىزغىن مۇئامىلىدە بولۇپ ، ئەﮬۋال سوراپ ﮬاجىتىدىن چىدىغانلىكى ئىش بولسا ﮬاجىتىنى راۋا قىلاتتى . شۇڭا ئۇنى بىر كۆرگەن كىشى بىلىمىگىلا ئەمەس ، ئەخلاق پەزىلىتى ، كىچىك پېئىل ، مۇلايىملىقىغا قايىل بولۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن ﮬەمسۆﮬبەتتە بولغۇسى ، پات يوقلاپ كۆرۈشكىسى كېلىپ تۇراتتى . كىشىلەر ﮬەمىشە"بىلىملىك ئادەم تېپىلىدۇ ، لېكىن ئابدۇلھىمىت يۈسۈف داموللا ﮬاجىدەك بىلىم ۋە ئەخلاقى پەزىلەتتە تەڭ يېتىلگەن كامالەت ئېگىسى ئاز تېپىلىدۇ " دىيىشەتتى .

مەرﮬۇم ئابدۇلھېمىت يۈسۈف داموللاھ ﮬاجى ئۆزىنى ئۇيغۈر تېبابەتچىلىك ئىشلىرنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشقا بېغىشلاپ ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ داۋالاش ، ئوقۇ- ئوقۇتۇش ۋە پەن-تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆﮬپىلەرنى قوشقان . مەيلى شىپاخانىلاردا داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىللەردە بولسۇن ، ياكى مەكتەپتە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ، ئىز باسار تەربىيلەش ، پەن- تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىللەردە بولسۇن ، ﮬەر ۋاقىت ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق ، خەلىق ئاممىسنىڭ تەن سالامەتلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئويلاپ ، ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە تەن سالامەتلىك ئەﮬۋالى بىلەن ﮬېسابلاشماي ، يۈكسەك شىجائەت ۋە جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىپ ، پارتىيە ۋە ﮬۆكۈمەتنىڭ تەقتىرلىشىگە ، ﮬەر مىللەت خەلىق ئاممىسىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان .

1982-يىلى ئۇنىڭغا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى بويىچە مۇدىر ۋىراجلىق ئۇنۋان بېرىلگەن . 1983-يىلى دۆلەت ئىشلىرى كوممىتىتى ، ئەمگەك - كادىرلار ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ، جۇڭگو پەن تېخنىكا جەمئىيىتى تەرىپىدىن "ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ پەن -تەتقىقات خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخىس " دىگەن شەرەپ گۇۋاﮬنامىسى بېرىلگەن . 1986-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا كادىرلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن "مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىكا خادىمى"دىگەن شەرەپ گۇۋاﮬنامىسى بېرىلگەن . 1994-يىلى 4 - ئايدا ، سەﮬىيە مىنىستىرلىكىنىڭ كادىرلار مەﮬكىمىسى ، پەن-تېخنىكا مائارىپ مەﮬكىمىسى ، جۇڭگو خەلىق ئازادلىق ئارمىيىسى باش ئارقا سەپ تەمىنات بۇسىنى سەﮬىيىە ئورگىنى ۋە " ساغلاملىق گېزىتى " ئىدارىسى بىرلىكتە "چەت - يىراق رايوندىكى مۇنەۋۋەر تېببىي پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسى " دەپ شەرەپلىك نام بەرگەن . مەكتەپ تەرىپىدىن بىر قانچە قېتىم مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ، " مۇنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىسى"بولۇپ باﮬالىنىپ تەقدىرلەنگەن .

مەرﮬۇم ئابدۇلھېمىت يۈسۈف داموللاھ ﮬاجى 1994-يىلى 11- ئاينىڭ 7 -كۈنى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان ئاپتونوم رايونلۇق مىللى تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ 3 - قېتىملىق يىغىنىدىن كېلىپ ، شۇ كېچە كېسەل تىگىپ دوختۇرخانىغا بارغان . مەكتەپ ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم ، مەمۇرىي مەﮬكىمە رەﮬبەرلىرى ئۇنىڭ كېسەللىك ئەﮬۋالىغا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈپ ، دوختۇرخانا رەﮬبەرلىكىدىن بارلىق چارە ئاماللار بىلەن ئۇنى داۋالاپ ساقايتىشنى تەلەپ قىلغان ، دوختۇر- سىستىرالارمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ داۋالاش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ، لېكىن مەرﮬۇمنىڭ بەدىنى ئاجىزلىشىپ ، كېسەلگە بەندە بولۇپ كېسەل كارىۋېتىدا تۇرغان ۋاقتىدا ، ئۇنىڭ بەدىنىدە ئۇزۇندىن بېرى قۇتراپ پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان كېسەللەر بىر- بىرلەپ ئۆزىنى ئاشكارىلاپ ، تەرەپ -تەرەپتىنى ﮬۇجۇم قىلىپ 11- .ئاينىڭ 12 - كۈنى سەﮬەردە مەرﮬۇمنى جېنىدىن جۇدا قىلىپ ، ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كەتتى .

گەرچە مەرﮬۇم ئابدۇلھېمىت يۈسۈف داموللا ﮬاجى بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ سەﮬىيە، ئېلىم-پەن ، مائارىپ ئىشلىرىغا قوشقان تۆﮬپىسىنى ﮬەر مىللەت خەلىق ئاممىسى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ . ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك - دورىگەرچىلىك مىراسلىرىنى قېزىش ، رەتلەش ، يۇقىرى كۆتىرىش ، گۈللەندۈرۈش ، قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن قوشقان تۆﮬپىسىنى ئۇيغۇر تېبابەت خادىملىرى ، ئۇيغۇر تېبابەت مائارىپچىلىرى ، ئۇيغۇر تېبابەت ئىز باسارلىرى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلايدۇ . مەرﮬۇمنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك ئىشلىرى ئۈچۈن زور يوقىتىش ! ئۇنىڭ ئىش - ئىزلىرى ﮬەر مىللەت خەلىقنىڭ ئۆگىنىشىگە ۋە ۋارىسلىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ .