ھاشىم سوپى، ئەر، ئۇيغۇر، دېھقان. 1919-يىلى 3-ئايدا دۆڭقوتان رايونىنىڭ سېتىۋالدى شەيىخ دېگەن يېرىدە ھۈنەرۋەن ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1919-يىلى ئائىلىسى تىكەنلىك رايونىنىڭ ئۇلۇقكۆل كەنتىگە كۆچۈپ كېلىپ شۇ يەردە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. ئازادلىققىچە چاكارچىلىق قىلغان. 1950-يىللىرى كۆنچىگە كۆچۈپ كېلىپ دېھقانچىلىق قىلغان. ئازادلىقتىن كېيىن ئىتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، 1959-يىلى 11-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولغان. 1963-يىلدىن 1976-يىلىغىچە ئەترەت باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر ئارامدا.

ئۇ ئازادلىقتىن ئىلگىرى داڭلىق قوشاقچى ئۇزۇن مەمەتكە ئەگىشىپ ئۇنىڭ قوشاقلىرىنى يادىلاپ قوشاق ئېيتىپ كەلگەن. چاكارچىلىق ھاياتىدا قوشاق توقۇپ ئوقۇغاچقا، خەلق ئۇنى "ھاشىم دەرتمەن"دەپ ئاتىغان. ئۇ ئازادلىقتىن كېيىن پارتىيىنى كۈيلەپ ۋە بەزى كادىرلاردىكى خاتا خاھىشلار ئۈستىدە نۇرغۇن قوشاقلارنى تۈزگەن.