ھاكىم ئەننىشابۇرىي

ھاكىم (الحاكم مُحَمَّدُ بنُ عَبْدِ اللهِ بْنِ مُحَمَّدِ بْنِ حَمدَوَيه النَّيْسَابُوْرِيُّ): مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەمدەۋەيھ ئەننىشاپۇرىي (ئەبۇ ئابدۇللاھ). (ھ. 321 – 405 / م. 933 – 1014) ئاتاقلىق ھەدىس ئالىمى، ئەڭ ئىشەنچلىك سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى «سەھىھۇل بۇخارىي» بىلەن «سەھىھۇ مۇسلىم»گە تولۇقلىما قىلىپ «ئەلمۇستەدرەك» ناملىق ئەسىرىنى يازغان بولسىمۇ، ئۇ ئەسەردە سەھىھ بولمىغان بەزى ھەدىسلەرمۇ يەر ئالغان. ئۇندىن باشقا «تارىخى نىشاپۇر» قاتارلىق بىرقانچىلىغان ئەسەرلىرى بار. نىشاپۇرغا بىرنەچچە قېتىم ھاكىم (قازى) بولغانلىقتىن «ھاكىم» دەپ نام ئالغان.