ھىجرىيە تەقۋىمى

ئاي كالىندارى

ھىجرىيە كالېندارى، ئاي يىلىنى ئاساس قىلىدىغان بىر كالېندار بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانا يۇرتى بولغان مەككىنى تاشلاپ ئوز ۋاختىدا «يەسرىب» نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشىنى، تارىخنىڭ باشلانغۇچى قۇبۇل قىلغان. ئاي ۋە كۈنلەرنى ھېساپلاشتا ئاينىڭ، ئۆز ئەتراپىدا 354-355 كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىشىنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن «ھىجرى قەمەرىيە كالېندار» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

مۇسۇلمانلار مەيلى مەككە دەۋرىدە بولسۇن، مەيلى مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن بولسۇن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىگە قەدەر بەزى مۇھىم ۋەقەلەرنى تارىخنىڭ باشلانغۇچى قۇبۇل قىلغان بولۇپ، ۋاقىتلىرىنى شۇنىڭغا ئاساسەن بەلگۈلىمەكتە ئىدى. مەسىلەن: فىل ۋەقەسىنىڭ ... چى يىلى، فىجار ئۇرۇشىدىن ... يىل كېيىن ياكى بۇرۇن، ۋېدالىشىش ھەججىدىن بۇرۇن ياكى كېيىن دېگەنگە ئوخشاش ئىپادىلەر قوللىنىلاتتى. بىراق بۇنداق ھېسابلاش، بەزى قېيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ قېيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە مەسىلىنى باشقا ساھابەلەر بىلەن مەسلىھەتلەشتى. ساھابەلەر، مەسىلىنى ئۆزئارا مۇنازىرە قىلىشتى. مۇنازىرە جەريانىدا تارىخ باشلانغۇچى قىلىش ئۈچۈن ئىرانلىقلار، گېرىتسىيەلىكلەر ۋە باشقا خەلقلەردىن بىرەرىنىڭ كالېندارلىرىنى قۇبۇل قىلىش پىكىرلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىراق بۇ پىكىرلەر كۆپچىلىك ساھابە تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئېلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تارىخنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە قىلغان ھىجرىتىدىن باشلىتىشنىڭ ئەڭ توغرا بولىدىغانلىقى چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويىۋىدى، بۇ تەكلىپ باشقا ساھابەلەر تەرىپىدىنمۇ دەرھال ماقۇللاندى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارغا خاس بىر كالېندار بارلىققا كەلدى ۋە بۇ كالېنداردىكى تارىخنىڭ باشلانغۇچى «ھىجرەت» ۋەقەسى بولدى.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ھىجرىيە كالېندارى بويىچە 3- ئاي بولغان «رەبىئۇلئەۋۋەل» ئېيىدا ھىجرەت قىلغان ئىدى. ھىجرىيە يىلى، مۇھەررەم ئېيى بىلەن باشلىنىدىغان بولغاچقا ھىجرىيە يىلنىڭ باشلىنىش تارىخى ئىككى ئاي 8 كۈن بۇرۇنغا ئېلىنىپ ھىجرىيە يىلنىڭ باشلىنىش تارىخى، مىلادىيە 622- يىلى 7- ئاينىڭ 23- كۈنى قىلىپ بىكىتىلدى. ھىجرىيە كالېندارىدا بىر يىل 354 ياكى 355 كۈن، يېڭى ئاي كۆرۈنگەن كۈن ئاي بېشى بولىدۇ. تاق ئايلار 30 كۈن، جۈپ ئايلار، 29 كۈن بولۇپ، بىر يىل 12 ئاي ھېساپلىنىدۇ. مىلادىيە كالېندارىغا سېلىشتۇرغاندا ھەر يىلى 10 ياكى 11 كۈن پەرق قىلىدۇ. ھىجرىيە كالېندارىدا كەبىسە يىل، كەبىسە ئاي قوشۇلماي ھېساپلىنىدۇ.

ھىجرىيە يىلى، مۇھەررەم ئېيى بىلەن باشلىنىپ زىلھىججە ئېيى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ھىجرىي يىلنىڭ ئاي ناملىرى مۇنداق:

  1. مۇھەررەم
  2. سەفەر
  3. رەببىئۇلئەۋۋەل
  4. رەببىۇلئاخىر
  5. جەمادىيەلئەۋۋەل
  6. جەمادىيەلئاخىر
  7. رەجەب
  8. شەئبان
  9. رامازان
  10. شەۋۋال
  11. زۇلقەئدە
  12. زۇلھەججە.

مىلادىيە كالېندارى بويىچە ھېساپلىغاندا ھىجرىيە يېڭى يىلى (1428)، 2007 – يىلى 1- ئاينىڭ 20 كۈنى باشلىنىدۇ.

ھىجرىيە ۋە مىلادىيە

تەھرىرلەش

ھىجرىيە تەقۋىمى مۇسۇلمانلار تارىختىن بۇيان ھۆججەت ۋەسىقە ياكى ئەدەبىي ئەسەرلەردە يىلنامە سېلىشتا قوللىنىپ كەلگەن. بۇ تۈر تارىخى يىلنامىلەرنى زامانداش مىلادىيە تەقۋىمىگە ئايلاندۇرۇشتا تۆۋەندىكى ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ:

نۆۋەتتىكى مىلادىيە يىلىدىن 622 نى ئېلىۋېتىپ، چىققان ساننى 0.97 گە بۆلسەك، نەتىجىسى ھىجرىيە يىلى بولىدۇ.

مەسىلەن: 1437 = 0.97 ÷ (622-2016)

نۆۋەتتىكى ھىجرىيە يىلىنى 0.97 گە كۆپەيتىپ، چىققان سانغا 622 نى قوشساق، نەتىجىسى مىلادىيە يىلى بولىدۇ.

مەسىلەن: 2015 = 622 + 0.97 × 1437

ھىجرى شەمسىيە تەقۋىمى

مىلادىيە تەقۋىمى