ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زاماندىكى ئەڭ ئاتاقلىق شەخسلىرىنىڭ بىرى، ئۆزىنى كۆرمىسىمۇ، چاقچىقىنى ئاڭلىمىسىمۇ، ئىسمىنى ئاڭلىغانلا يەتتە ياشتىن-يەتمىش ياشقىچە ھەر كىشىدە ئىختىيارسىز كۈلكە پەيدا قىلىدىغان خاسىيەتكە ئىگە، داڭلىق چاقچاقچى ھىسام قۇربان 1930-يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ شەھەر ئىچى ئوردا مەھەللىسىدە بىر تىجارەتچى، يۇرت-جامائەت ئىچىدە تەسىرى بار ئاتاقلىق خەلق قىزىقچىلىرى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ھىسام ئالدى بىلەن دادىسى بىلەن چوڭ دادىسىنى ئۇستاز تۇتۇپ، چاقچاق قىلىشنىڭ ۋە يۇمۇرلۇق، ساغلام، كۈچلۈك ھەجۋىي تۈسكە ئىگە چاقچاقلارنى ئەپلىك قۇراشتۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۆگەنگەن. ئىلى مەشرەپ سورۇنلىرىدا پىشىپ يېتىلىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، مەشرەپ سورۇنلىرىدا، توي-تۆكۈنلەردە، كېيىن سەھنىلەردە يۇرت ئەھلىگە ماھارەت كۆرسىتىپ، زور ئالقىشقا ۋە يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن.

ئۇيغۇر خەلقى چاقچاق خۇمار، مەشرەپ خۇمار خەلق، تارىخنىڭ ھەر ئېغىر سىناقلىرىغا دۇچ كەلگەندىمۇ ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ شۇ دەۋردىكى نارازىلىقى، ئىسيانى ياكى ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى چاقچاققا يۆلەپ تۇرۇپ ئىپادىلەپ، ساتىرىك شەكىلدە ئۆتكۈر تىل ۋە تەپەككۇر بىلەن زۇلۇم ئۈستىدىن نامايىش قىلىپ كەلگەن.

چاقچاق ئۇيغۇر ئەل ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ھەجۋى تۈرىگە كىرىدىغان بىر ئاممىباب ژانىر.

چاقچاق توغرىسىدا سۆز بولغاندا، بىز ئىختىيارسىز ھالدا ئىلى چاقچاقلىرى ھەققىدە گەپ ئاچماي تۇرالمايمىز. ئىلى چاقچاقلىرى ئۇيغۇر خەلق چاقچاقلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولسا، ھىسام ئاكىنىڭ چاقچاقلىرىنى ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ زامانىمىزدىكى ئەڭ يارقىن نەمۇنىسى، ئۆزىنى بولسا خەلق چاقچاقچىلىرىنىڭ ئىچىدىكى تىپىك، ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولغان، كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن زامانىمىزدىكى ھايات نەسرىدىن ئەپەندى دەپ نام ئالغان چاقچاقچىلارنىڭ پىرى دېيىشكە بولىدۇ.

كۈلكە مىڭ دەردكە ۋە كېسەلگە داۋا دېگەندەك، يۇمۇرىستىك تەسىرچانلىققا ئىگە ھىسام چاقچاقلىرىنى ئادەملەرنى روھىي ئازادىلىككە ئېرىشتۈرىدىغان روھىي مەلھەم دېيىش ئارتۇق كەتمەيدۇ. چۈنكى خەلقىمىز تەرىپىدىن «زامانىمىزدىكى ھايات نەسىردىن ئەپەندى»، «ئىلى چاقچاقلىرىنىڭ پېشۋاسى» دېگەندەك پەخىرلىك ناملار بىلەن تەرىپلىنىدىغان داڭلىق چاقچاقچى ھىسام قۇربان كىچىكىدىن تارتىپلا تۈرلۈك مەشرەپ، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ۋە چوڭ-كىچىك سەنئەت كېچىلىكلىرىدە ئۆزىنىڭ يۇمۇرىستىك تۇيغۇ ۋە ئىچكى مەناغا باي، ئىلمىي يۇمۇر-چاقچاقلىرى بىلەن خەلقىمىزگە زور مەنىۋى ئوزۇق بېرىپ كەلگەن. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئۆتكۈر ھەمدە ساغلام، ئىخچام ھەمدە گۈزەل چاقچاقلىرى ئۇيغۇر خەلقىگە كۈلكە ئاتا قىلىپلا قالماي، چوڭقۇر ئادىمىيلىك ئەخلاقى تەربىيىسى، ئىسسىتىك زوق، كۆڭۈل ئازادىلىكى بېغىشلاپ كەلدى.

ئىلى چاقچاقلىرى 2009-يىلى «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەندىن كېيىن، 2010-يىلى ھىسام قۇربان «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى چاقچاق ۋارىسى» دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. ئىلى چاقچاقلىرى 2011-يىلى «دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن، بۇ قېتىم ھىسام قۇربان «دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى چاقچاق ۋارىسى» دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن.

ئۇنىڭ يېتىشتۈرگەن نەچچە ئونلارچە شاگىرتلىرى ئۇنىڭ قىزىق پاراڭلىرى بىلەن تەڭ ئۇنىڭ ئېسىل پەزىلىتىنىمۇ بىللە يايماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتنى سۆيىدىغان، ئۈمىدۋار، تىنچلىقپەرۋەر، ئىتتىپاق ئەنئەنىسىنى، يۇمۇرىستىك ئۇدۇمىنى داۋام ئەتكۈزمەكتە. ئۇنىڭ چەتئەللەردىكى ۋارىسلىرى، ئۇستازىنىڭ چاقچاقچىلىقتىكى كەسپىي ماھارەت ۋە ئەنئەنىسىنى ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە جارى قىلدۇرۇپ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھىجرەتتىكى ھاياتىغا مەنە قوشۇپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر چاقچاقچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ يارقىن نامايەندىسى، نەمۇنىلىك كۈلكە-چاقچاق ئۇستازى، «زامانىمىزنىڭ نەسىردىن ئەپەندىسى» ھىسام قۇربان ئاكا 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كىيىن سائەت 4:30 دا بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى.

مەرھۇمنىڭ نامىزى 16-سېنتەبىر دۈشەنبە پېشىن نامىزىغا ئۈلگۈرتۈپ، يۇرتى غۇلجادىكى بەيتۇللا مەسچىتىدە چۈشۈرۈلگەن، ئۇنىڭ مېيىتىنى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئامما ھۆرمەت ئېھتىرام بىلەن ئۇزىتىپ قاردۆڭ زاراتگاھلىقىغا دەپنە قىلدى. ھىسام ئاكىنىڭ ۋاپاتى ئىلى دەريا ۋادىسىنى، ئۇيغۇر دىيارىنى مۇسىبەتكە چۆمدۈرۈپلا قالماي، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئوخشاشلا قايغۇغا چۆمدۈردى.

ھېسامكام ۋاپات بولۇشتىن بىر ھەپتە ئىلگىرى «ھىسام ئاكا ۋاپات بوپتۇ» دېگەن يالغان خەۋەر تارقالغان ۋە خەۋەرنىڭ يالغانلىقى، ھىسام ئاكىنىڭ ھايات ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىپ ئۇيغۇرلارمۇ خاتىرجەم بولغان ئىدى، ئەمما 15-سېنتەبىر ھىسام ئاكىنىڭ ۋاپاتى ھەققىدە خەۋەر قايتا تارقاپ ھەقىقىي مۇسىبەت يەتكىنىدە ئۇيغۇرلار «بۇ خەۋەرمۇ يالغان بولۇپ قالسىچۇ....» دېگەن ئازاب ئىچىدە ھىسام قۇربان ئاكا بىلەن راسلا ۋىدالىشىشقا كۆزى قىيمىدى. ئۇنى سۆيگەن ئۇيغۇر خەلقىگە، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا سەۋر تىلەيمىز. ھىسام ئاكا ئارىمىزدىن كەتتى، ئەمما ئۇنىڭ سېيماسى، تۇرقى روھى، پەزىلەتلىرى، تەسىرچان، ئۇنتۇلغۇسىز چاقچاقلىرى ئارىمىزدىن يۈتمەيدۇ، ئۇيغۇر يىغىلغان ھەر سورۇن، ھەر يەردە ئۇيغۇرلار بىلەن تەڭ ياشايدۇ.

ئەل ئىچىگە تونۇلغان قىزىقچىلاردىن، ئېپىزوتچى سەنئەتكار ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى، گېرمانىيەگە كۆچمەن بولۇش ئالدىدىكى ئەينى چاغلاردا ئۇستاز ھىسام قۇربان ئاكا بىلەن كۆپ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىنى ئايلىنىپ ئويۇن قويۇش جەريانىدا قالدۇرغان خاتىرىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى ۋە ھىسام ئاكىغا «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قايتا تېپىلماس بايلىقى» ئىدى دەپ باھا بەردى.