ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە كىشلەر كۈندە دىگۈدەك ھۇممۇس (ئەرەبچە: حمّص) قىيامى يەيدۇ، ھۇممۇس قىيامىنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى نوقۇت بولۇپ، نوقۇت نىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۇزۇن مەزگىل ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ.

 

تونۇشتۇرۇلىشى تەھرىرلەش

ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە كىشلەر كۈندە دىگۈدەك ھۇممۇس قىيامى يەيدۇ، ھۇممۇس قىيامىنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى نۇقۇت بولۇپ، نۇقۇتنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۇزۇن مەزگىل ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ.

ھۇممۇس قىيامىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى بار بولۇپ، ناھايىتى ساغلام تاماق دەپ قارىلىدۇ. نۇقۇتتا مول ئۆسۈملۈك ئاقسىلى بار بولۇپ، چوڭ-ياش ھەممەيلەننىڭ يىيىشىگە ماس كېلىدۇ.

ئېتىش ئۇسۇلى تەھرىرلەش

ھۇممۇس قىيامى ياساش مۇرەككەپ ئەمەس، ئالدى بىلەن نۇقۇتنى يۇيۇپ چىلاپ يۇمشىتىمىز، تەخمىنەن 8-10 سائەتكىچە چىلىساق بولىدۇ. ئاندىن يۇمشىغان نۇقۇتنى قاينىتىپ تولۇق پۇشۇرىمىز. نوقۇت نى سۈزۈپ ئېلىپ تولۇق ئىزىپ، ئۇماچ ھالەتكە ئەكىلىمىز، ئاندىن ئازراق زەيتۇن مېيى قۇيىمىز. ئارقىدىن ئۆزىمىزنىڭ ياخشى كۆرىشىمىزگە قاراپ ئازراق ئۇۋاق لازا ياكى لېمون سۈيى قوشساق بولىدۇ.

مەنبە:ئىزدە قامۇسى