ھېسىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى

ھېسىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى( emotional quotient ) ھېسىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى بولسا ، تونۇش ، كونترول قىلىش ۋە ئۆز ھېسىياتىنى تەڭشەش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ . ھېسىي ئىقتىدارنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى بولسا ھېسىياتنىڭ سۈپىتىنىڭ پەرقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ . ھېسىي ئىقتىدار ئەقلىي ئىقتدارغا ئوخشىمايدۇ ، پىسخولوگلار مۇنداق دەپ قارىغان، ھېسىي ئىقتىدارى يۇقىرى ئادەمنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بار بولغان : ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئىقتىدارى كۈچلۈك ، تاشقى مىجەز ھەم خوشال ، ئاسان قورقۇش ۋە ئازابلىنىش تۇيغۇسىغا كىرىپ قالمايدىغان ، ئىش - كەسىپلەرگە چوڭقۇر كىرىشەلەيدىغان ، ئەستايىدىل ، ھېسداشلىققى كۈچلۈك ، مۇھەببەت تۇرمۇشى مول ، يالغۇز ياكى كۆپ ئادەملەر ئارىسىدا تۇرغاندا ئوخشاشلا ئۆزىنى تەبىي تۇتالايدۇ .


IQ、EQ、AQ بۇ ئۈچى كىشلەرنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىدىكى مۇھىم ئامىل دەپ قارالغان . 100% مۇۋاپىقىيەت = ( 20%IQ + 80% (AQ+EQ بۇ نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ ، بىر ئادەمدە تالانىت بولسىلا ، ئەقلى ئىقتىدارى يۇقىرى بولسىلا مۇۋاپىقىيەت قازىنامدۇ ، كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى ئۇنداق ئەمەس، يەنى بىر تالانىت ئىگىسىدە ئەقلى ئىقتدار يۇقىرى بولۇشتىن سىرت يەنە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايدىغان ھېسىي ئىقتىدار ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ، شۇ قىيىنچىلىقلارنى يىڭەلەيدىغان ، ئوڭۇشسىزلىقتىن قۇتۇلالايدىغان ئىقتىدارمۇ بولۇشى زۆرۈر .

كۆزىتىش نەتىجىلىرىدىن كۆرە : IQ ، EQ ئەقلىي ئىقدار كۆرسەتكۈچى ۋە ھېسىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى باشقىلارنىڭكى بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان ئەھۋال ئاستىدا ، ئوڭۇشسىزلىقتىن قۇتۇلۇش ئىقتىدارى شەخىسنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولغان. AQ يۇقىرى بولۇشنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى نەتىجە ، ئىجاد قىلىش كۈچى ، كىشلەرنىڭ ساغلاملىقنى ساقلىشى ، ھەركەتچان بولۇشى ، خوشال كەيپىياتىنى ساقلىىشىغا ياردىمى بولىدىكەن ، AQ يۇقىرى بولۇشنى پەرزەنىتلەرنى كىچىكىدىكى تەربىيەسىدىن باشلاپ تەربىيەلەپ يىتىلدۈرگۈلى بولىدۇ . AQ سىناقتا ، مۇنداق نۇقتىلار كۆزىتىلگەن : كونترول قىلىش ، Ownership ، چىدامچانلىق ، كونترول قىلىش بولسا ، ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا ئۆزىدە قانچىلىك كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ . Ownership بولسا ، ئوڭۇشسىزلىق يۈز بەرگەن ۋاقىتتا مەسئۇلىيەتنى ئىتراپ قىلىشنى خالاش ۋە ئاقىۋەت ، نەتىجىنى ياخشىلاش ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسەتكەن تەرەپلەرنى باھالاشنى كۆرسىتىدۇ . چىدامچانلىق بوسلا مەسىلىنىڭ ئۈزۈلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە يەككە شەخىسكە ئۈزلۈكسىز تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى تونۇشنى كۆرسىتىدۇ. EQ بولسا كىشلەرنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىش ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئىقتىدارى قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ .

ئۆزلۈك EQ  ،  كىشلىك مۇناسىۋەت EQ  ،  ماسلىشىش كۈچى  ،  بېسىمنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى  ،  ئادەتتىكى ھېسىي  كەيپىيات ، 

ھازىر نۆۋەتتە ھەرقايسى دۆلەتلەردە EQ سىناپ ئۆلچەشتە ئىشلىتىۋاتقىنى (MSCEIT), ئەمدى ئۇنىڭدا مۇنداق بىر قانچە تۈرلۈك مەسىلە بار : (1) كەيپىايتنى كۆزىتىش ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارى ، (2) مېڭىدە كەيپىياتنىڭ ھالىتىنى تەسەۋۇر قىلىش ئىقتىدارى ،(3) كەيپىياتنى چۈشىنشى ئىقتىدارى ، (4) كەيپىياتنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى


http://baike.baidu.com/view/305.htm