ھەببى كاكىنەچ دورا قىزغۇچ قۇڭۇر رەڭلىك ھەب بولۇپ، تەمى ئازراق ئاچچىق. ئاغرىق توختۇتۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش تەسىرگە ئىگە.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى تەھرىرلەش

دورا نامى :ھەببى كاكىنەچ

قىسقىچە مەزمۇنى تەھرىرلەش

ھەببى كاكىنەچ دورا قىزغۇچ قۇڭۇر رەڭلىك ھەب بولۇپ، تەمى ئازراق ئاچچىق. ئاغرىق توختۇتۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش تەسىرگە ئىگە. سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش،سۈيدۈك يولىدىن قان كىلىش، مەزى بېزى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

ياسالما شەكلى

ھەب

تەركىبى

تەرخەمەك ئۇرۇقى          150g          كاكىنەچ    30g

كۈندۈر                   30g         گىل ئەرمىنى ش 30ۈ

ئەرەپ يىلىمى         30g       كەرەپشە ئۇرۇقى  30g

خەشخاش پوستى          125g      بەزرۇلبەنجى     3g0

خۇنسىياۋشان              30g

ئاساسلىق دورىسى

كاكىنەچ

مۇندەرىجە تەھرىرلەش

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • قىسقىچە مەزمۇنى
  • ياسىلىشى
  • ئىشلىتىش ئۇسۇلى
  • مىقدارى
  • پەرقلەندۈرۈش
  • تەكشۈرۈش
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

ياسىلىشى تەھرىرلەش

يۇقۇرىقى 9 خىل دورىنى يۇمشاق تالقانلاپ ،مۇۋاپىق مىقداردىكى چەكىلەنگەن ھەسەل بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ،ھەب

ياسىلىپ قۇرۇتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى تەھرىرلەش

مىقدارى تەھرىرلەش

كۈندە 2 قېتىم،ھەر قېتىمدا 3~5 گرامغىچە ئىستىمال قىلىنىدۇ.

مىقدارى تەھرىرلەش

كۈندە 2 قېتىم،ھەر قېتىمدا 3~5 گرامغىچە ئىستىمال قىلىنىدۇ.

پەرقلەندۈرۈش تەھرىرلەش

بۇ دورىدىن  15g  ئېلىپ، 10 نېفىت ئېتىرى (℃60~30) قوشۇپ،ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا 15 مىنۇت بىر تەرەپ قىلىپ، نېفىت ئېتىرىنى سۈزۈپ تاشلاپ، يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ،دورا قالدۇقىدا ئېرىتكۈچى قالمىغاندا،قۇيۇق ئاممونياك بىلەن ئېتانول تەڭ مىقداردا قوشۇلغان بىرىكمە سۇيۇقلىقىدىن ml2 تېمىتىپ، خلوروفورمدىن 20 قوشۇپ،15 مىنۇت ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا بىر تەرەپ قىلىپ، سۈزۈپ، سۈزۈلگەن ئېرىتمىنى قىزدۇرۇپ قۇرتۇپ،قالدۇقىنى 0.5 سۇسىز ئېتانولدا ئېرىتىپ،سىناق ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ.ئاتروپىن فوسفات سېلىشتۇرما دورىسى، سكوپولامىن ھىدروبرومىد سېلىشتۇما دورىسىدىن ئېلىپ،سۇسىز ئېتانول قوشۇپ ھەر ش 1ml سۇيۇقلۇقتا 1mg  دورا تۇتقان سېلىشتۇرما ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى بويىچە يۇقۇرىقى ئىككى خىل سىناق ئېرىتمىسىدىن 5µl شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل G لىق تاختا ئۈستىگە ئايرىم-ئايرىم نوختا تېمىتىپ (17:2:1) ئېتىل ئاتسىتات-مېنتانول-قۇيۇق ئاممونياكنى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ، ئالدى بىلەن كالىي-بىسمۇت يودىد ئېرىتمىسى ۋە ناترىي نىترىت ئېرىتمىسى پۈركۈپ كۈزەتكەندە سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردا، سېلىشتۇرۇلغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.

تەكشۈرۈش تەھرىرلەش

بۇ دورا ھەب ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (جوڭگو دورا قامۇسى  بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل،قوشۇمچە I A  ) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم