ھەبىبۇللا ئابدۇقادىر (سودا ماگىناتى)

ھەبىبۇللا ئابدۇقادىر يەرشارى خاراكتىرلىك تىجارەت بىلەن شۇغۇللىندىغان ئاتۇشتىن چىققان ھاجىم سودا ماگىناتىدۇر. ھەببۇللا سودىسنى جوڭگودىن ئوتتۇرا ئاسىياغا ئىمپورت-ئېكىسپورت قىلىپ باشلىغان، ۋە شۇ جەريانىدا قىرغىزىستان تاماژنىسنىڭ ئورۇن باسارى راھىمبەك مەترەھىم بىلەن بىرلىشىپ باج تۆلىمەي ئەتكەسچىلىك بىلەن شۇغۇللانغالىغى قەيىت قىلىنماقتا. ھەببۇللا ئابدۇقادىرنىڭ قىزى ئالمىرە يەنە راھىمبەكنىڭ ئوغلى بىلەن توي قىلغان. راھىمبەك قىرغىزىستاندا راھىم مىلليون دەپ چاقىرىلدىغان بولۇپ، 2024-يىلى تۇتۇلۇپ قولغا ئېلىنغان.



ھەبىبۇللا ئابدۇقادىر

Abdukadyr


باشقا ئىسىملار ھەببىۇللا ھاجى
قىسقا ئۇچۇر داڭلىق سودىگەر، تىجارەتجى، ئوتتۇرا ئاسىيادا تاشكەنت شەھەرچىسى، بىشكەك شەھەرچىسى دېگەندەك بىر قانچە مۇھىم تۈرلەرنى ئاچقان، ئامېرىكا، ياۋۇرپا، ۋە باشقا جايلاردا ھەرخىل تۈردە، ھەرخىل يۆنىلشتە مەبلەغ سالغان. ئۇيغۇر سودا ماگىناتى.
مىللىتى ئۇيغۇر
ئىش تىجارەتچى، كارخانىچى، مەبلەغ سالغۇچى، ساخاۋەتچى، مىليادىر
توغۇلغان يەر ئاتۇش
تور بەت https://www.rferl.org/a/uzbekistan-abdukadyr-corruption-smuggling-bribery-investigation-mirziyoev/32368790.html


ھەبىبۇللا ئابدۇقادىرنىڭ سودا خاندانلىقنىڭ باش شىتابى دۇبەيدىدۇر. ھەببۇللا ئابدۇقادىر كۆپ قىسم ۋاقتنى دۇبەيدە ئۆتكۈزۈپ شۇ يەردىكى بىر قانچە شىركەتلەر ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا تەۋەسىدە ياخشى تۈرلەرگە مەبلەغ سالىدۇ. ھەبىبۇللا ئابدۇقادىرنىڭ سودا ۋە تىجارەت دائىرىسى ئەنگىليە، ئا ق ش، دۇبەي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق جايلارغا مەركەزلەشكەن. ھەبىبۇللا ئابدۇقادىرنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئالىمجان ئابدۇقادىر، نەبىجان ئابدۇقادىر، مەمەتئېلى ئابدۇقادىرلار بار. ھەبىبۇللا ئائىلنىڭ چوڭى بولغاچقا بۇلارنىڭ سودا گروھى ئاددىيلا "ئابدۇقادىرىيلار گروھى" دەپ ئاتىلىدۇ. ھەبىبۇللا ئابدۇقادىرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى 1-باي دەپ قاراشقا بولىدۇ. بەلكىم مۇساباي ئاكا-ئۇكىلاردىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ ۋە ئۇتۇق قازانغان ماگىنات دەرىجىسىدىكى باي بولۇشى مۇمكىن. خەلىقئارالىق مۇخبىرلار، ئەتكەسچىلىك ۋە چىرىكلىكنى تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن مۆلچەرلىنىشىچە ئابدۇقادىرىيلارنىڭ ئومۇمى مۈلىكى ئاز بولغاندىمۇ 10 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىكەن.

ئەركىن سەمەت ئۆلۈمى شۈبىسى تەھرىرلەش

ئەركىن سەمەت 2019-يىلى ئۆزى مۇخبىرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ ئابدۇقادىرىيلارغا قىرغىزىستاندىن ئاز دېگەندە 700 مىليون دوللارنى يۇيۇپ چەت ئەلگە يوللىغانلىنى ئىقرار قىلغان ۋە ئۇزاق ئۆتمەي ئىستانبۇلدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

مال-مۈلۈك ۋە مەبلەغ تۈرلىرى تەھرىرلەش

سودا خاراكتېرلىك ئۆي مۈلۈك (ئەنگىليەدىكى ماشىنا توختىشى مەيدانى، مېھمانخانا، سودا بىناسى، دۇكان-ساراي)

شەخسى مۈلۈكى (ئەنگىليەدىكى ھەشەمەتلىك بىنا ئۆي، دۇبەيدىكى داچا ۋە ۋىلالار)

ياسىمىچىلىك ۋە ئىشلەپچىقىرىش سودىسى: توقۇمچىلىك زاۋۇتى، ئائىلە ئېلىكتېر سايمانلىرى، خىش زاۋۇتى، ئۆي-مۈلۈك تەرەقىياتى، ۋە باشقىلار،

سودا-تىجارەت: تاموژنا تېرمىنالى، توپ تارقىتىش بازىرى، تۆمۈر يول يۈك-تىرانسپورتى ۋە باشقىلار

مېھماندارچىلىق: سەمەرقەند مۆۋەنپىك مېھمانخانىسى ۋە باشقىلار.

ئۆي-مۈلۈك تۇرالغۇ سودىسى: ئىستانبۇل شەھەرچىسى، نۇرسۇلتان شەھەرچىسى، ۋە باشقىلار.

ئۆي-مۈلۈك ۋە كۈلتۈر ۋە ساخاۋەتچىلىك: مەسچىت ۋە باشقىلار.

مەنبە تەھرىرلەش

  1. The Abdukadyr Family Made A Fortune In Collusion With Corrupt Central Asian Officials. Now They've Built A Global Business Empire. (rferl.org)
  2. Corruption in Kyrgyzstan - Wikipedia
  3. The Abdukadyr Family’s Investment Spree - OCCRP