ھەبىب بۇرقىبە
حبيب بورقيبة
ۋەزىپىسى1 - تۇنىس ئەلباشى
ئالدىنقىسىماقام تەشكىل قىلىندى
كېيىنكىسىزەينەل ئابىدىن ئىبنى ئ‍ەلى
مىللىتىئەرەب
دۆلەت تەۋەلىگىتۇنىس
كەسپىقانۇن
تۇغۇلغان ۋاقتى3 ئاۋغۇست 1903، فرانسىيە ئىشغالىدىكى تۇنىس مۇناستىر
ۋاپاتى6 ئاپرېل 2000، تۇنىس مۇناستىر
دۆلەت تەۋەلىگىتۇنىس
كەسپىقانۇن
جۆرە(لەر)مۇفىدە بۇرقىبە (1927–1961) ۋەسىلە بۇرقىبە ()1962–1986)


ھەبىب بۇرقىبە (ئەرەبچە: الحبيب بورقيبة؛ Habib Burgiba، ت. 1903 – ئۆ. 2000) تۇنىس جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تۇنجى ئەلباشى (1957 – 1987).

ئ‍ۆمۈر بايانى تەھرىرلەش

1903 - يىلى تۇنىستا ھەربىي ئائىلىدە تۇغۇلغان. دەسلەپتە تۇنىستا ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام دىنى ھەققىدە سىستېمىلىق تەربىيەلەنگەن، كېيىن پارىژ سوربون ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ۋە سىياسەت ئىلمىدە ئوقۇغان.

تۇنىسقا قايتىپ، بىر مەزگىل ئادۋوكاتلىق قىلغان. 1934 - يىلى بىرنەچچە دوستى بىلەن بىللە زامانىۋىي ۋە لائىك مۇستەقىل تۇنىس تەرەپدارى «يېڭى دەستۇرچى ھۆر پارتىيە (الحزب الحر الدستوري الجديد)»نى قۇرغان. شۇ يىلى فرانسۇز ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، 11 يىللىق كېسىلگەن. 1945- يىلى دېڭىز يولى بىلەن شىمالىي ئافرىقىغا قايتىپ، 1948 - يىلى پارتىيەسىنىڭ باشلىقى بولغان.

1949 - يىلى تۇنىسقا قايتقان. 1952 – 1954 - يىللىرى كۈچلۈك خەلق ھەرىكىتى قوزغىغان.

1956 - يىلى فرانسىيە باش مىنىستىرى گۇي موللېت (Guy Mollet ) بىلەن تۇنىس مۇستەقىللىق كېلىشىمىنى ئىمزالىغان.

دۆلەت ئەربابلىقى تەھرىرلەش

 
ھەبىب بۇرقىبەنىڭ قەبرىسى

ئۇ كىيىمنى ياۋروپاچە كىيىدۇ، ئۆيىدە فرانسۇزچە سۆزلەيدۇ، يەنە كۈنىمىزدە تۇنىسنى پەقەت ئىسلام دۇنياسىدىنلا ئەمەس، بىر پۈتۈن ئەرەب دۇنياسىدىنمۇ ئايرىپ تاشلاپ، دىنىي ئوقۇتۇشقا چەك قويدى، خەلقنى رامازاندا روزا تۇتماسلىققا چاقىردى. گويا «روزا تۇتۇش خىزمەت ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ»غان ئامىل بولغاچقا، ئاممىغا ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن خالايىقنىڭ ئالدىدا ئاپلېسىن سۈيى ئىچىپمۇ باقتى، ئەمما ئۇ مۇسۇلمان تۇنىس خەلقىنىڭ بۇنداق «تەرەققىيپەرۋەر» ئىسلاھاتلارغا قارىتا بىپەرۋا پوزىتسىيەسى ۋە بار بولغان قوللاشنىڭمۇ ئىنتايىن ئازلىقى ئالدىدا ھەيرانۇھەس.

ياشىنىپ ئالىجوقا سۆزلەيدىغان بولۇپ قالغاندا، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى تىنچ ئۇسۇلدا سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ ئۇنى ئېلىپ تاشلىغان.

سېپى ئۆزىدىن لائىك ھەبىب بۇرقىبە ئۆزىگە «بۈيۈك مۇجاھىد» نامىنى بەرگەنىدى.