ھەرىكەتنىڭ تېز - ئاستىلىقىنىڭ ئۆلچىمى
ۋېلىسىپىت مىنىپ ماڭغاندا پىيادە ماڭغانغا قارىغاندا تېز بولىدۇ، ئەمما ئاپتوموبىلدا ماڭغانغا قارىغاندا ئاستا بولىدۇ. پويىزدا ئولتۇرۇپ ماڭغاندا ئاپتوموبىلدا ماڭغانغا قارىغاندا تېز بولىدۇ، ئەمما ئايروپىلاندا ئۇچقانغا قارىغاندا كۆپ ئاستا بولىدۇ. روشەنكى، جىسىملار ھەرىكىتىنىڭ تېز - ئاستىلىقى سېلىشتۇرۇشقا قارىتا ئېيتىلغان. فىزىكىدا «تېزلىك» ئارقىلىق جىسىملار ھەرىكىتىنىڭ تېز - ئاستىلىق دەرىجىسى بىلەن يۆنىلىشى ئىپادىلىنىدۇ.
تەبىئەتتە ئېلېكترو ماگنىت دولقۇنىنىڭ تارقىلىش تېزلىكى ئەڭ چوڭ بولۇپ، سېكۇنتىغا تەخمىنەن300 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدۇ، شۇڭلاشقا رادىئو قوبۇللىغۇچنى ئاچساقلا يىراق جايدىكى ئاڭلاتقۇچى (دىكتور) نىڭ ئاۋازىنى دەرھال ئاڭلىيالايمىز.
ئادەتتە ئېيتىلىدىغان ئاپتوموبىل، پويىز، ئايروپىلانلارنىڭ تېزلىكى ئوتتۇرىچە تېزلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئوتتۇرىچە تېزلىكى چوڭ جىسىم ئوتتۇرىچە تېزلىكى كىچىك جىسىمغا قارىغاندا تېز ھەرىكەت قىلىدۇ.
ئەمەلىي تۇرمۇشتا، ھەر خىل قاتناش قوراللىرىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ تېز - ئاستىلىقى دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئاپتوموبىل بېكەتتىن چىققاندا تېزلىكى نۆلدىن تەدرىجىي چوڭىيىدۇ، ئاخىرقى بېكەتكە يېقىنلاشقاندا تېزلىكى يەنە تەدرىجىي كىچىكلەيدۇ. ئاپتوموبىلدا سپىدومېتىر (تېزلىك ئۆلچىگۈچ) بار بولۇپ، ئاپتوموبىل يول يۈرگەندە ئاپتوموبىلدا سپىدومېتىرىدىكى رەقەملەر دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. سپىدومېتىر كۆرسەتكەن تېزلىك قىممىتى ئاپتوموبىلنىڭ يۈرۈش جەريانىدىكى ھەربىر پەيتتىكى تېزلىكى بولۇپ، بۇ پەيتلىك تېزلىك دەپ ئاتىلىدۇ.
فىزىكىدا «تېزلىنىش» تىن ئىبارەت بۇ مىقدار ئارقىلىق جىسىملار تېزلىكى ئۆزگىرىشىنىڭ تېز - ئاستىلىق دەرىجىسى ۋە يۆنىلىشى ئىپادىلىنىدۇ. تېزلىكىنىڭ ئۆزگىرىشى تېز بولغان جىسىمنىڭ تېزلىنىشى چوڭ، تېزلىكىنىڭ ئۆزگىرىشى ئاستا بولغان جىسىمنىڭ تېزلىنىشى كىچىك بولىدۇ. ئاپتوموبىل تۇيۇقسىز قوزغالغاندا، تېزلىكىنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى تېز بولىدۇ - دە، ئاپتوموبىلنىڭ تېزلىنىشى چوڭ بولىدۇ. نورمال يۈرگەندە تېزلىكىنىڭ ئۆزگىرىشى ئانچە چوڭ بولمايدۇ - دە، تېزلىنىشى كىچىك بولىدۇ. ئەگەر ئاپتوموبىل تەكشى تېزلىكتە يۈرسە، ئۇنىڭ تېزلىنىشى نۆل بولىدۇ.