ھەسەن ھەدىس
ھەسەن ھەدىس (الحديث الحسن): لۇغەت مەنىسى «گۈزەل، چىرايلىق» دېمەك بولۇپ، ھەدىس ئىلمىدە: «سەھىھ ھەدىس»نىڭ شەرتىنى ھازىرلىغان، لېكىن راۋىينىڭ سەھۋەنلىك سادىر قىلمايدىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە بولۇشى شەرت قىلىنمايدىغان، «سەھىھ ھەدىس»نىڭ تۆۋەن دەرىجىسى ياكى «زەئىف ھەدىس»تىن يۇقىرى، ئەمما «سەھىھ ھەدىس» دەرىجىسىگە يەتمىگەن ھەدىسنى كۆرسىتىدۇ.